ئانالىزچىلار شاڭخەي پاي چېكى بازىرىدىكى چۈشۈش ۋە خىتاي ئۆي مۈلۈك بازىرى ھەققىدە توختالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.04.19
2010.04.19
AFP Photo
دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاي چېكى بازىرى - شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىدا شاڭخەي پاي چېكى بىرلەشمە ئىندىكىسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىپ، 150 پوئىنت ياكى 8.4 پىرسەنت تۆۋەنلىدى. شۇ كۈنكى ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي چېكى ئوبوروتى 30.980,2 دە تاقالدى. بۇ شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىدا يېقىنقى 8 ئايدىن بېرى كۆرۈلگەن پاي چېكى ئوبوروتىدىكى ئەڭ زور چۈشۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ كۈنى خىتاينىڭ 2 - چوڭ پاي چېكى بازىرى - شىنجېن ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكى ئوخشاشلا چۈشۈپ، شىنجېن پاي چېكى ئىندېكىسى 4.4 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. مەتبۇئاتلار شىنجېن پاي چېكى بازىرىنىڭ كۈنلۈك ئوبوروتى 36 .175,1 دە تاقالغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي پاي چېكى بازىرىدا داۋالغۇش يۈز بېرىشنىڭ ئىككى كۈن ئالدىدا خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنتى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى تېزگىنلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، بۇ تەدبىرلەر پۇقرالارنىڭ 3 - ئۆي سېتىۋېلىشىغا قەرز بېرىشكە چەكلىمە قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەر مۈلۈك سودىسىغا ھايانكەشلىك خاراكتېرىنى ئالغان مەبلەغ سېلىشنى توسايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆي باھاسى يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن ئىدى.
ئامېرىكا ستەيت سترېت بانكىسىنىڭ سابىق بازار ئانالىزچىسى پەرھات بىلگىن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ئۆي باھاسىنىڭ قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈش يولىدىكى تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتايدا ئامېرىكىدىكى ئۆي - مۈلۈك كرىزىسىگە ئوخشاش كرىزىسنىڭ يۈز بېرىش ئىھتىمالى بارلىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئاكسىيە بازىرىدىكى داۋالغۇش ئەڭ كۆپ ئۆي - مۈلۈك ۋە پۇل - مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىگە تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە خىتاينىڭ 2 - چوڭ ئۆي مۈلۈك تەرەققىيات شىركىتى-پولى ئۆي مۈلۈك گۇرۇھىنىڭ ھەر بىر پاي چېكىنىڭ قىممىتى 3.9 پىرسەنت تۆۋەنلەپ 92.16 يۈەنگە، جۇڭگو ۋانكې چەكلىك شىركىتىنىڭ پاي چېكى 2.8 پىرسەنت تۆۋەنلەپ 3.8 يۈەنگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا بانكىسى- جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ پاي چېكى 9.4 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ پاي چېكى 4 پىرسەنت، جۇڭگو بانكىسىنىڭ پاي چېكى 6.3 پىرسەنت قىممىتىنى يوقاتقان. پەرھات بىلگىن ئەپەندى بولسا، خىتاي پاي چېكى بازىرىدىكى چۈشۈش، بازارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان ئۆي مۈلۈك باھاسىنى كونترول قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەردە يەنە، خىتاي ئاكسىيە بازىرىدا يۈەنگە تەلەپ كۈچىيىپ، دوللارنى يۈەنگە ئالماشتۇرۇش ئوبوروتى جانلانغانلىقىنى، بۇ دوللارنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكا خىتاينىڭ خەلق پۇلى كۇرسىنى بازار بىلەن تەڭشىمەي يوشۇرۇن تېزگىنلەۋاتقانلىقىنى، يۈەننىڭ قىممىتىنى مەقسەتلىك تۆۋەن تۇتۇپ، خىتاي تاۋارلىرىنىڭ ئېكسپورتىغا ئىلھام بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
شۇڭا ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينى پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچراپ كەلگەن. بۇ مەسىلە ئوباما ھۆكۈمىتى دۇچ كەلگەن كۈچلۈك بېسىملارنىڭ بىرى ئىدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلىشنى كېچىكتۈرگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە دوكلاتنىڭ خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى، چۈنكى خىتاي خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈشكە ۋەدە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دۈشەنبە كۈنكى بازاردا يۈەننىڭ كۇرسى ئاجىزلاشقان بولۇپ، دوللارنىڭ قىممىتى ئۆرلىگەن، بىر دوللار 6282.6 يۈەنگە توغرا كەلگەن. پەرھات بىلگىن، بۇنىڭغا يۈەننىڭ كۇرسى ئۆستۈرۈلمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر گۇمانلارنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئاكسىيە بازىرىدىكى داۋالغۇش يالغۇز ئۆي مۆلۈك ۋە بانكا ساھەسىنى زەربىگە ئۇچرىتىپلا قالماي، بۇ يەنە خىتاينىڭ ئېغىر سانائەت كارخانىلىرىغا زەربە بەردى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئەنگاڭ پولات شىركىتىنىڭ پاي چېكى 1.8 پىرسەنت چۈشۈپ 28.10 يۈەنگە، باۋشەن پولات تۆمۈر شىركىتىنىڭ پاي چېكى 7.6 پىسەنت چۈشۈپ، 13.7 يۈەنگە تۆۋەنلىگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.