خىتاي قانۇنىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، دەيدىغان جىنايى قىلمىشلار قانۇنچىلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قانۇنى چەك - چىگرىسى ئېنىق بولمىغان، كىشىلەرنى سىياسەتنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ جازالاش مەقسەت قىلىنغان ئابستىراكىتنى ئۇقۇم، دەپ ئەيىپلەنمەكتە ئىدى. يېقىندا خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىدىكى ئالى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار خوڭكوڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە چەتئەللىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت دىلولارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، تاشقىي ئىشلاردىكى چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بۇ سۆزلەرنى قىلسا بولامدۇ، دېگەن مەسىلە كۈزەتكۈچىلەردە غۇلا - غۇلا قوزغىدى.
شاۋ ياڭ : جۇڭگولۇقلار بىلەن چەتئەللىكلەرنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك
خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شاۋ ياڭ، يېقىندا ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى چەتئەللىك، خوڭكوڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەنلىكلەرگە چېتىلىدىغان جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا قانۇن بەلگىلىمىلەردە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە، تاشقىرىدىكى چوڭ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدى.
شاۋ ياڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھەر دەرىجىلىك سوتچىلار دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دىلولارنى سوتلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى، دۆلەت بىخەتەرلىكى، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىجتىمائىي مۇقۇملۇقنى قوغداشنى 1 - دەرىجىلىك سىياسى مەسئۇلىيەت قاتارىدا كۆرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. شاۋ ياڭنىڭ سۆزى كىشىلەردە خىتاي قانۇنى چەتئەللىكلەر بىلەن ئاتالمىش "جۇڭگولۇقلار"غا ئوخشىمىغان ئۆلچەم قويسا بولامدۇ ؟ دېگەن مەسىلىسىدە تالاش تارتىش قوزغىدى.
شاۋ ياڭنىڭ سۆزى قانۇننىڭ باراۋەرلىك پرىنسىپىگە خىلاپ
ئامېرىكىدا چىقىدىغان ئىنتېرنېت ژورنىلى " داسەنكاۋ" گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى لى خوڭكۇاننىڭ ئەسكەرتىشىچە، شاۋ ياڭنىڭ سۆزى قانۇندىكى باراۋەرلىك پرىنسىپىغا پۈتۈنلەي زىت. ئۇ، "ئالى سوت باشلىقىنىڭ سۆزى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى سەۋىيىسىزلىك. چەتئەللىكلەر، خوڭكوڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەنلىكلەر بىلەن قۇرۇقلۇقتىكى پۇقرالار ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرماقچى بولسا، پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش دېگەنلىك، قانۇننىڭ باراۋەرلىك روھىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر.
ئەگەر بۇ سۆزنى قىلغان بىر دۆلەتنىڭ ئالى دەرىجىلىك سوتچىسى بولسا، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش كېرەك ئىدى. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، دەيدىغان ئۆلچەم بار. چەتئەللىك بولامدۇ ياكى جۇڭگو پۇقراسى بولامدۇ، ئومۇمەن جاۋابكارلارغا قانۇن ئالدىدا ئوخشاش باراۋەر مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك،"دەيدۇ.
خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىدا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زىمىن پۈتۈنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە قەستەن زىيان سېلىش، ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش، سوتسىيالىزىمنى ئاغدۇرۇش، دۆلەتكە خىيانەت قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاش، ھاكىمىيەتنى ئۆرۈۋېتىشكە كۈشكۈرتىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېرىشىش، دەيدىغان 12 تۈرلۈك ھەرىكەتنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىش جىنايىتىگە كىرىدىغان قىلمىشلار، دەپ تەرىپلىگەن.
دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش ئۇقۇمى ئۆكتىچىلەرگە قارىتىلغانمۇ ؟
خىتاينىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى قانۇن مۇتەخەسسىسى ياڭ زەيشىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى ئۆكتىچىلەرنى بۇ قىلمىشلار بىلەن باستۇرىۋاتقانلىقىدا. ئۇ، "دېموكراتىك دۆلەتلەردە بەزىدە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى پۇلغا ساتىدىغان ئايرىم ۋەقەلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
لېكىن بۇ ۋەقەلەر كۆپ ھاللاردا ئىقتىسادى مەنپەئەت قوغلىشىش بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، جۇڭگونىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرماقچى بولدى، دەيدىغان ئۇقۇم دېموكراتىك دۆلەتلەردە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت ئالمىشىش سىياسى پارتىيىلەرنىڭ رىقابىتى، دېموكراتىك سايلام بىلەن بولىدۇ. دېموكراتىيىنىڭ نىشانى سىياسى پارتىيىلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئالمىشىشىنى نازارەت قىلىشتۇر،" دەپ كۆرسەتتى.
خىتايدا ئىنتېرنېتكە ماقالە يېزىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى تەنقىدلەيدىغان يازغۇچى ۋە ئۆكتىچى زاتلارنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ياكى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىش ۋە تۈرمىگە تاشلىنىش ئەھۋالى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھادىسە.
بۇ قانۇن خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى بۇلغاۋاتامدۇ ؟
ئاخىرقى يىللاردا دۆلەت مەخپىيەتلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش، دەيدىغان بۇ ئۇقۇملار ئۇيغۇر سىياسى ئۆكتىچى زاتلىرىنى جازالاشتىكى ئەڭ ئۆتكۈر قوراللارنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى يىرىك ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ بىرى توختى مۇزاتنىڭ 1999 - يىلى جازالىغاندا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مەزكۇر ماددىسىغا ئاساسلاندى. ئۇ، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈتۈپخانىسىدىكى تارىخىي ماتېرىياللارنى تەتقىقات مەقسىتىدە كۆپەيتكەنلىكى ئۈچۈن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغۇرلاش جىنايىتى ئەيىپلەنگەن بولۇپ، ئۇ ھازىرغا قەدەر تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ.
گۇاڭشىدىكى ياڭ زەيشىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننىڭ خەلقئارا تەسىرىنى ئويلاشقاندا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش، دەيدىغان بۇ ئۇقۇم، دېموكراتىك دۆلەتلەردە ناھايىتى ئاز ئۇچۇرايدۇ. بۇ جىنايەت كۆپ تەكىتلەنسە، بۇنىڭ خەلقئارا ئوبرازغا يەتكۈزىدىغان تەسىرى ناھايىتى زور بولۇشى مۈمكىن."
جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقى جەمئىيىتى مەخپىيەتلىك قانۇنىنى تەنقىدلىدى
مەركىزى نيۇ يوركتىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقى جەمئىيىتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان خىتاينىڭ مەخپىيەتلىك قانۇنى ھەققىدىكى بىر دوكلاتىدا مەزكۇر قانۇننىڭ ئېنىقلىمىسىنىڭ مۈجىمەللىكى، ئۇقۇمى ئابستىراكىتنى بولۇپ، سىياسەتنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ تەدبىقلىنىدىغانلىقىنى ئەيىپلىگەن.
شاڭخەيلىك ئادۋۇكات جېن ئېنلوڭ مەخپىيەتلىك قانۇنى ھەققىدە توختۇلۇپ،"جۇڭگو جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى چەتئەلنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلەش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، دېگەن جىنايەتلەر بىر تاغا ئىچىدىكى نەرسىلەر. مەقسىدى سىياسى مەھبۇسلار ۋە ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىش،" دەيدۇ.
دوكلاتنىڭ ماۋزۇسى "دۆلەت مەخپىيەتلىكى: جۇڭگو قانۇندىكى ئەگرى-توقايلىقلار" بولۇپ، دوكلاتتا، خىتاي مەخپىيەتلىك قانۇنى پۇقرالارنىڭ ئاساسى قانۇندىكى ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە " بۇ قانۇن جۇڭگونىڭ ئىچكى قانۇنى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلاردا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسالغۇ بولىۋاتقانلىقىنى،" ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)