خىتاي زىيالىيلار " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرۇلۇق ئوچۇق خەت يازدى


2007.12.04

4- دېكابىر خىتايدا "قانۇننى تەشۋىق قىلىش كۈنى" ئېلىپ بېرىلدى. ئەمما بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىلا، خىتاي خەلق گېزىت ۋە باشقا دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى تەشۋىقات، ئاخبارات ساھەسى " قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەيلى" دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا ھەر تۈرلۈك تەشۋىقات ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى.

ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ

ھالبۇكى خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان شۇ خىلدىكى ماقالە ‏- ئوبزورلار خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى "نوپۇزلۇق" گېزىت ‏- ژورناللارنىڭ باش بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان پەيتلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئانچە ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بىر پارچە خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تور بەتلىرىدە بەس-بەس بىلەن مۇنازىرە قوزغىدى. ئۇ بولسىمۇ، 43 نەپەر خىتاي ئاكادېمىك ئالىملار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى قانۇنشۇناسلار ھەمدە ئادۋوكاتلاردىن تەركىپ تاپقان خىتاي زىيالىيلار، خىتاي دۆلەت كابىنېتى قانۇن تۈزۈم ئىشخانىسىغا، خىتايدا ھازىر مەۋجۇت " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرۇلۇق يازغان ئوچۇق خەتتۇر.

مەزكۇر ئوچۇق خەت خىتاي دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، قانۇن ۋە ئىقتىسادشۇناس ماۋ يۈشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەييارلانغان بولۇپ، خەتتە خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ، ئەمگەك بىلەن قايتا تەربىيىلەش تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدە زامان ۋە ماكان شارائىتىدا مەيدانغا كەلگەن تارىخىي ھاسىلات بولۇپ، ئەگەر ئۇ دۆلەت قۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك رول ئوينىغان بولسا، ئۇنداقتا "قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش"، " دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتلىك قىلىش" ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ "يېرىم ئەسىردىن ئۇزاق سوزۇلغان ئەمگەك بىلەن قايتا تەربىيىلەش تۈزۈمى بارغانچە دەۋىر ئېقىمىغا قارشى نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش قەدىمىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلماقتا" دەپ كۆرسىتىلگەن.

"ئەمگەك بىلەن قايتا تەربىيىلەش" تۈزۈمىنىڭ سېسىق نامى پۈر كەتكەن بىر تۈزۈم

باش شتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان جۇڭگو ئىنفورماتسىيە تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى تەتقىقاتچى تيەن چىلياۋ خانىم، خىتايدا ئۇزۇندىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان "ئەمگەك بىلەن قايتا تەربىيىلەش" تۈزۈمىنىڭ سېسىق نامى پۈركەتكەن بىر تۈزۈم ئىكەنلىكىنى ھەمدە مەزكۇر تۇزۇمنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيىتىنىڭ قاتتىق تەنقىد قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇ نۆۋەت خىتايدىكى داڭلىق ئىقتىسادشۇناس ماۋ يۈشىنىڭ باشچىلىقىدا، باشقا ئادۋوكات ۋە قانۇنشۇناسلارنىڭ دۆلەت كابىنتىغا مۇنداق خەتنى يېزىشى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا خىتاي پۇقرالار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، خىتايدا كىشىلەر ئۆز كۆز قارىشىنى ئوچۇق ‏- ئاشكارا ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ خەتكە بىرلىكتە ئىمزا قويغۇچىلارغا مەلۇم تەھدىت مەۋجۇت. بۇ مېنى سەل ھەيران قالدۇردى. ئەمما بۇ جەمئىيەتتىكى نورمال پۇقرالارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى چۈشەنچىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئويغانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، بۇ بىر ئىجابىي تەرەپ."

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر خەتكە ئىمزا قويغۇچىلاردىن بىرى بولغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قانۇن پروفېسسورى خې ۋېيفاڭنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ 50 يىللاردىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر سىستېما بولۇپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ قانۇن ‏- تۇزۇم ئىسلاھاتىغا ئېغىر توسالغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە: " سوت ۋە زاسېداتىللارنىڭ ھۆكۈمىسىزلا ساقچىلار ۋە ياكى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان بۇنداق ھۆكۈم خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا ئوچۇق خىلاپتۇر، دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" ئۆزگەرتىش ئەمەس ۋەيران قىلىش تۈسىنى ئالغان

خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كەڭ يۈرگۈزۈلدى ۋە ھېلىھەم كەڭ كۆلەمدە ۋە غەيرىي شەكىلدە داۋام ئەتمەكتە. بۇرۇن خىتاي تۈرمىسىدە ياشلىق باھارىنىڭ 10 يىلىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان شەۋكەت ئەلى ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ جازا لاگىرلىرىغا "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" دەپ چىرايلىق نام بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۆزگەرتىش ئەمەس ۋەيران قىلىش تۈسىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە يەنە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا جىنايەتچىلەر ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىدىغان بولۇپ، ۋەزىپىسىنى تۈگىتەلمىگەن مەھبۇسلار ئېغىر تاياققا قالىدىكەن.

ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاينىڭ تۈرمە سىستېمىسى ھەققىدە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيتوفنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ، بۇ تۈزۈم خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆزگەرسىمۇ،ئۇيغۇر ئېلىدە ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان.

"پەقەت ئىسمىنىلا ئۆزگەرتتى، ئەمما باشقا تەرەپلەردە ئۆزگىرىش بولمىدى"

جۇڭگو ئىنفورماتسىيە تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى تيەن چىلياۋ خانىم خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىنى تۈرمە دەپ ئۆزگەرتىپ ئۆزىنى يوشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما تۈزۈملىرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىشنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ "پەقەت ئىسمىنىلا ئۆزگەرتتى، ئەمما باشقا تەرەپلەردە ئۆزگىرىش بولمىدى" دەيدۇ.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ساقلاپ قېلىشىدىكى سەۋەبلىرىنى تۈرمىلەردىكى مەھبۇسلارنى ئىشلىتىپ ئېرىشىدىغان ئىقتىسادى كىرىمنى چەتكە قايرىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ خىل تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدىغانلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەبنىڭ، مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ تۈرمىنىڭ ئۆز خەلقىنى قورقۇتۇشتىكى ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: "يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ كىشىلەرنى قورقۇتۇشتىكى بىر قورال بولۇپ، سىز كوممۇنىستىك پارتىيە سىزدىن تەلەپ قىلغان تۈزۈملەرگە بويسۇنمىسىڭىز ياكى ئۇلارغا ئەگەشمىسىڭىز تۈرمىگە كىرىسىز."

بۇ خەت شۇ سىستېمىنى ۋەيران قىلىشقا يېتەرلىك تۆھپە قوشتى

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر خەتكە ئىمزا قويغانلار ئىچىدە، خىتاي دۆلەت كابىنتىدا كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن يۈ مېيسۈن، خىتاي سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور گو شىيۇ ۋە خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور جاڭ مىڭ قاتارلىقلار بار.

بۇ نۆۋەت خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىشلىرى كابىنتىغا يوللانغان خەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن تيەن چىلياۋ خانىم ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتا نۇرغۇن جەريان كېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خۇددى "تاما-تاما كۆل تولار" دېگەنگە ئوخشاش ئىش ئىكەنلىكىنى، بەزى ۋاقىتلاردا ئەڭ ئاخىرقى تامچىنىڭ ئەجەللىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ: "بۇنى ئەڭ ئاخىرقى تامچە دەپ قارىمايمەن، ئەمما بۇ خەت شۇ سىستېمىنى ۋەيران قىلىشقا يېتەرلىك تۆھپە قوشتى. مەنچە بۇ ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى" دېدى ۋە بۇ خەتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ناچار بىر سىستېمىغا نىسبەتەن ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەشتىن قورقمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.