خىتاينىڭ، شەرقى تۈركىستان `تېررورچىلىرى' تىزىملىكى ھەققىدە تەھلىل
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2008.10.22
2008.10.22
4 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﺟﯘﻣﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ 16 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ. 2000 ﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ AFP ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻣﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ.
AFP Photo
ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە، ئۇ، خەلقئارا كېلىشىم ۋە قانۇنلاردا ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەرنىڭ تېررورچى ھېسابلانمايدىغانلىقى ھەققىدە بەلگىلىمىلەر بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلۈم جازاسى، قىيىن - قىستاق ۋە بېسىم بار دۆلەتلەرگە جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇش خەلقئارا كېلىشىملەردە مەنىي قىلىنغانلىقىنىمۇ ئېيتقان ئىدى.
ئۇنداقتا خىتاينىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى شەرقى تۈركىستان تېررورچى گۇماندارلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق خىتاي مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟ بۇ قارارنىڭ نېمە ئۈنۈمى بولار؟ بىرىنچى قېتىم ئېلان قىلىنغان تىزىملىكنىڭ نېمە ئۈنۈمى بولدى؟ بۇ 8 كىشى ياشاۋاتقان دۆلەتلەر بۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرەرمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مىكروفونىمىزنى بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان مۇتەخەسسىس ۋە پائالىيەتچىلەرگە ئۇزاتتۇق.









