خىتاينىڭ قارا تىزىملىكى قانداق تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟

خىتاي ئالدىنقى كۈنى ئىككىنچى تۈركۈمدىكى تېررورچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى تىزىملىك، خىتاينىڭ ئولىمپىكتىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش 3 خىل كۈچلەرگە قارشى قايتا دولقۇن قوزغىغان ۋە ئامېرىكا گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇۋېتىش مەسىلىسىنى جىددىي ئويلىشىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.10.23
Qeshqer-uyg-ayallar-matem-305 4 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﺟﯘﻣﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ 16 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ. 2000 ﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ AFP ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻣﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ.
AFP Photo

ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى تىزىملىك خەلقئارادا قانداق تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟ بۇ ھەقتە، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

خىتاي بىرىنچى قېتىملىق قارا تىزىملىكىدە شەرقى تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق 4 تەشكىلات ۋە مەمتىمىن ھەزرەت، ھەسەن مەخسۇم، ئابلىمىت تۇرسۇن، دولقۇن ئەيسا، ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىق 11 شەخىسنى تېررورچى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ ھەقتە، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قارا تىزىملىك ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، خىتاينىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى تېررورچىلار قارا تىزىملىكنىڭ ئېھتىماللىق تەسىرلىرى ھەققىدىكى تەخمىنىي ئىنكاسلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.