ئۆكتىچىلەر قازاقىستان ساقچى دائىرلىرىنى خىتاينىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلماسلىققا چاقىردى
2007.07.25
خىتاي بىلەن مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا ۋە ئايرىم ھەمكارلىقلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ھەر خىل ماددى ھەم مالىيە ياردەملىرىنى كۆرسەتمەكتە.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي كۆرسىتىۋاتقان بۇ ياردەملەرنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغاۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق پروگراممىسى بويىچە تېررورچىلىق ،بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىش خىتاي بىلەن ھەر قايسى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا بىر قانچە يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
خىتاي 396 مىڭ دوللار قىممىتىدە تۆت ئاپتوموبىل ۋە باشقا بۇيۇملارنى تەقدىم قىلغان
فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىرلەشمىسى ھېسابلىنىدىغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئوراز جاندوسوف قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى باۋۇرجان مۇھەممەدجانوفقا ئوچۇق خەت تاپشۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سوۋغىلىرىنى قوبۇل قىلىشقا خاتىمە بېرىشقا چاقىردى.
بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى شۇكى، يېقىندا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا 396 مىڭ دوللار قىممىتىدە تۆت ئاپتوموبىل ۋە باشقا بۇيۇملارنى تەقدىم قىلغان، خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىسى جاڭ شىيۈئەن مەزكۇر تېخنىكىلارنىڭ " قازاقىستان بىلەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىرلىكتە خىزمەت ئېلىپ بېرىشتىكى زور ھەمكارلىقلىرى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ماددىي جەھەتتىكى رەھمىتى" ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئىشلىرى ھەم بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان ھەمكارلىقلىرى ئۈچۈن تەشەككۇر بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
سوۋغا قوبۇل قىلىشنىڭ تۇنجى قېتىم ئەمەسلىكى تەنقىد قىلىنغان
قازاقىستان ئۆكتىچى رەھبىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا يازغان ئوچۇق خېتىدە بۇنداق سوۋغا قوبۇل قىلىشنىڭ تۇنجى قېتىم ئەمەسلىكىنى تەنقىد قىلغان بولۇپ، جاندوسوفنىڭ قارىشىچە، قازاقىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى قازاقىستاندىن تۆۋەن ھېسابلىنىدىغان خىتايدىن بۇنداق سوۋغا قوبۇل قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قازاقىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئاجرىتىلىدىغان خام چوتنىڭ يىلدىن يىلغا ئۆسۈپ، بۇ يىل يېرىم مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى، ئەكسىچە پۇل ئاجرىتىپ، ئەڭ ياخشى تېخنىكىلارنى سېتىۋېلىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىيونى قەھرىمان غوجامبەردى بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، ئوراز جاندوسوفنىڭ مەزكۇر ئوچۇق خېتى جۈملىدىن تەنقىدىنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ جەمىيەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خاھىشلارغا بولغان نارازىلىقلارنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق سوۋغا قوبۇل قىلىش ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىش، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ سوۋغىلىرى ئارقىلىق قازاقىستان ئىچكى ئىشلار دائىرلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئۈندەيدۇ ھەم بۇ جەھەتتە نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاق مەكتەپلىرى تاقالماقتا
- قازاقىستان ئالىي مۇھەممەد مەسچىتى ھەمدە سۇلتان قورغان بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 - يىللىقىنى خاتىرلەپ دىننىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى
- شائىر، ئالىمە پاتىگۈل سابىتوۋانىڭ 70 ياشلىقى قۇتلاندى
- قازاقىستاندا 31 - ماي خاتىرىلەش كۈنى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى
- نازاربايېفنىڭ كۈي ئوغلىنى جازالىشى ئىسلاھاتمۇ ياكى ئائىلىۋى ماجرامۇ؟
- قازاقىستان تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى كۆپەيمەكتە
- قازاقىستان ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى
- نۇر سۇلتان نەزەربايېفنىڭ كۆيئوغلى راخەت ئالىيىف ۋە ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسى ئەيىبلەندى