خىتاي بىلەن قازاقىستان "ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق باياناتنامىسى" ئېلان قىلدى


2005.07.05

KAZAKHSTAN-RUSSIA-CHINA--59.gif
خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف بىلەن. AFP

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ رۇسىيىدىكى زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىن 4-ئىيۇل كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستاناغا يىتىپ كېلىپ، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف بىلەن كۆرۈشۈپ، 21-ئەسىردىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق باياناتنامىسى ئېلان قىلدى ھەمدە بىر قاتار ئىقتىسادىي توختاملارغا قول قويدى.

قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف 21-ئەسىردىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق باياناتنامىسىنى قازاقىستان – خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى قازاقىستان زىيارىتىدە ئاتاسۇ-ئالاشەنكو نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئېنېرگىيە مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.