خىتاي قازاقىستان ئۈچۈن خەتەرلىكمۇ؟ - بىر قازاق مۇلاھىزىچىسىنىڭ كۆز قاراشلىرى


2006.11.08

خىتاي قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق 1700 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان چېگرىسىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ.

ئېنېرگىيە مەنپەئەتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ

ئۆتكەن يىلى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ قازاقىستاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە كۆتىرىلىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى باسقۇچقا كىرگەنلىكى خىتاي ۋە قازاقىستان رەھبەرلىرى تەرىپىدىن بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئىدى. بىراق، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قازاقىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى سىياسىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقتىلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ قالماستىن بەلكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش شۇئارى بىلەن ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىنى دەۋا قىلىدىغان سىياسىي ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىشتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.

بىراق يەنىلا، ئاستانا-بېيجىڭ مۇناسىۋەتلىرىدە سودا-ئىقتىساد بولۇپمۇ، ئېنېرگىيە سودىسى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم يۆنۈلۈش بولۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقى ھەم بۇ ئىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي يېقىندا قازاقىستاننىڭ "قاراجانباسمۇناي" نېفىت شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى ئىككى مىليارد 200 مىليون دوللارغا سېتىۋالغان بولۇپ، قازاقىستان ئېرىشىۋاتقان نېفىتنىڭ 40% نىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى مۇمكىنلىكى جەزىم قىلىنماقتا. بۇ ئەھۋال بىر قىسىم قازاقىستان سىياسىيونلىرى ۋە ئۆكتىچى پارتىيە-گۇرۇھلىرى ھەم پۇقرالىرى ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۇلار دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك بايلىقلىرىنىڭ مۇنداق خىتاي كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىشمەكتە.

خىتاي قازاقىستانغا يۈرۈشمەكتە

قازاقىستاندا چىقىدىغان "جۇمھۇرىيەت گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىچى مۇھەممەدجان ئادىلوپنىڭ "خىتاي شىمالغا يۈرۈش قىلماقتا" ناملىق ماقالىسىدە ئەنە شۇ پىكىرلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، "خىتاي قازاقىستان ئۈچۈن خەتەرلىكمۇ ياكى پايدىلىقمۇ؟" دېگەن مەسىلە مۇلاھىزە قىلىنغان.

ئاپتور ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، يېقىندا قازاقىستان دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قانچە ئەزالار چەت ئەل مەبلىغىنىڭ قازاقىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىگە قاتنىشىش بىلەن قازاقىستاننىڭ تاشقى قەرزىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىگە نىسبەتەن نارازىلىقلىرىنى ئىپادە قىلغان. بۇنىڭدا ئاساسلىق خىتاينىڭ قازاقىستان نېفىت ساھەسىگە چوڭ قەدەملەر بىلەن كىرىۋاتقانلىقىنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكى، چۈنكى خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ يەنە بىر قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋالغانلىقى، نۆۋەتتە، قازاقىستاننىڭ خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن باغلىنىپ قېلىش تەھدىدىنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

قازاق مۇلاھىزىچىسى مۇھەممەدجان ئادىلوپ ماقالىسىدە يەنە قازاقىستاننىڭ جۇغراپىيىۋى –سىياسىي ۋەزىيىتىنى جۈملىدىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن قازاقىستانغا كەلتۈردىغان تەھدىدى مەسىلىسىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، رۇسىيە، ئىران، ئافغانىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە خىتاي قاتارلىق مەملىكلەتلەرنىڭ قايسىسى قازاقىستان ئۈچۈن خەتەرلىك دەگەن نۇقتىدا ئانالىز ئېلىپ بارىدۇ.

رۇسىيە، ئىران ۋ ئافغانىستان قازاقىستان ئۈچۈن تەھدىد ئەمەس

قازاق مۇلاھىزىچىسى رۇسىيە ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، رۇسىيىنىڭ قازاقىستاننى تاشقى جەھەتتىن ئوراپ تۇرسىمۇ، ۋلادىمىر پۇتىن ئۇنى دۇنياۋى قۇدرەتلىك دۆلەت ھالىتىگە كەلتۈرەلمىگەن بىلەن، بىراق ئۇنى دۇنيادىكى ئالدىنقى دەرىجىدىكى مەملىكەتلەردىن بىرى قىلىشقا تىرىشىۋاتسىمۇ، شۇنىڭدەك " لۇك ئويىل " شىركىتى رىقابەت جەھەتتە خىتايدىن قېلىشمىسىمۇ ئەمما، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدىن قازاقىستانغا كېلىدىغان تەھدىدنىڭ كۆپ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدىكى سەۋەب، بىرىنچىدىن رۇسىيە ئۆزىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە نوپۇس ۋە زېمىن جەھەتتىن تەڭپۇڭسىزلىق ھېس قىلماقتا. ئىككىنچىدىن ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھات جەھەتتىكى مۇكەممەل ئەمەسلىكى، زور ئىجتىمائىي جىددىيلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئىچكى مەسىلىلىرى رۇسىيىنى كۈچلۈك دەئىجىدە ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، گەرچە پۇتىننى قوللايدىغان گۇرۇپپىلار رۇسىيىنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشسىمۇ، رۇسىيىنىڭ گرۇزىيە بىلەن يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا قەدەم قويۇشى، ئۇكرائىنىيە، بېلورۇسىيە، مولداۋىيىگە نىسبەتەن ئېنېرگىيە جەھەتتىن بېسىم قىلىشى شۇنىڭدەك رۇسىيە رەھبىرىنىڭ مۇستەبىتلىك ۋە قاتتىق قوللۇققا بېرىلگەنلىكى رۇسىيىنى ئىچكى ۋە تاشقى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلتۈرىدۇ

كەسپىي دېڭىزى ئارقىلىق قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئىراننىڭ قازاقىستانغا نىسبەتەن تەھدىد پەيدا قىلالامايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن مەزكۇر قازاق مۇتەخەسسىسى ئىراننىڭ رايونغا ئۆز تەسىرىنى كىرگۈزۈشىدە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ كەسپىي دېڭىزى رايونىدا كۈچىيىپ كېتىشىنى ئەسلىدىن خالىمايدىغان رۇسىيىگە ياردەم بېرىپ، ئىران تەسىرىنى توسىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىران قازاقىستان ئۈچۈن تەھدىد پەيدا قىلالمايدۇ.

ئاپتور ئافغانىستان ھەققىدە توختىلىپ، مۇقىمسىزلىق، قورال-ياراقلار بىلەن تولغان، قاتتىق قوللۇققا ئۆگەنگەن شۇنىڭدەك نەچچە مىڭ توننىلىغان ھىرويىنلارنى ئىشلەپ چىقارغان ئافغانىستاننىڭ ھەممە ئۈچۈن خەتەرلىك بولسىمۇ، بىراق قازاقىستانغا نىسبەتەن خەتەرلىك ئەمەسلىكىنى، چۇنكى، قازاقىستان بىلەن ئافغانىستان ئارىسىدا چېگرىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۇنداقتا قازاقىستان ئۈچۈن كىم تەھدىد ؟

قازاق مۇتەخەسسىسى مۇھەممەدجان ئادىلوپ " جۇمھۇرىيەت" يەنى " رېسپۇبلىكا" گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە يەنە موڭغۇلىيىنىڭمۇ قازاقىستان ئۈچۈن خەتەرلىك ئەمەسلىكىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈرۈپ، پەقەت خىتاينىڭلا قازاقىستان ئۈچۈن تەھدىد ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەسكىن رەۋىشتە مۇنداق يەكۈن چىقىرىدۇ:

"ئۆزىنىڭ ئانچە كۆپ ئەمەس ئاھالىسى، زور زېمىنى، زور يەر ئاستى بايلىق مەنبەلىرى ھەم ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلىشىشتەك مۇھىم جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىغا ئىگە قازاقىستان ئۈچۈن 21-ئەسىردىكى ئەڭ خەتەرلىك قوشنا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدۇر... " 21-ئەسىردە قازاقىستاننىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئاساسلىق تەھدىتنى دەل خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېلىپ كېلىدۇ". (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.