بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف خىتايغا قاراتقان بەش كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ جەرياندا خىتاي بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا ئون نەچچە كېلىشىمگە قول قويۇلدى . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى ئېنېرگىيە كېلىشىمى بولۇپ، قازاقىستان بىلەن خىتاي يەنە بىر نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا يولى قۇرۇشقا پۈتۈشكەن.
قازاقىستان مىللىي ئۇنىۋەرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىي جۇغراپىيە كافېدراسىنىڭ باشلىقى، ئىقتىسادىي جۇغراپىيە پەنلىرى دوكتورى ، پروفېسسور شېرىپجان نادىروف ئەپەندى ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قازاقىستان –خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ھەم قازاقىستاننىڭ خىتاي، رۇسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرگە قاراتقان ئىقتىسادىي سىياسىتىگە ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى. پروفېسسور شېرىپجان ئەپەندى ئاستانانىڭ بېيجىڭ بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.