خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان 'قوش تىل' مائارىپىنى كۈچەيتمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.10.05
2010.10.05
RFA Photo / Erkin Tarim
"قوش تىل" مائارىپى ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىپ كېلىۋاتقان پەيتلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان "قوش تىل" مائارىپ سىياسىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قانداق ئاقىۋەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ؟ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن قانداق قاراشتا؟ تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە ھازىرلىغان مەلۇماتنى ئاڭلايسىلەر.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، يېڭى "قوش تىل" مائارىپ پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، پىلاندا 2012 -يىلىغا قەدەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارلىق يەسلى ۋە بالىلار باغچىلىرىنى قوش تىللاشتۇرۇپ بولۇش، 2015 - يىلغىچە بارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بۇ سەۋىيىگە يەتكۈزۈش، 2020 - يىلى بولسا ھەرقانداق مەكتەپتە قوش تىل راۋان سۆزلىنىدىغان قىلىش بېكىتىلگەن.
مەزكۈر پىلانغا ئاساسەن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ناھىيە، يېزا - قىشلاقلىرىغىچە "قوش تىل " مائارىپى سىياسىتى ئىزچىل تۈردە كۈچلەندۈرۈلمەكتە. يېقىندا تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە كۆرە، بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تەۋە توقسۇ ناھىيىسىدە يېڭىدىن 16 "قوش تىل" يەسلىسى سېلىش پىلان قىلىنغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز يەسلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
خەۋەردە يەنە، مەزكۈر ناھىيىدە ئىلگىرى قۇرۇلغان 14 يەسلىدە 3300 دېھقان بالىسىنىڭ تەربىيىلىنىۋاتقانلىقى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ، ناھىيىگە قاراشلىق ئىدارە ۋە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن 116 كىشىنى، يەسلىلەرگە بېرىپ دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن ئىككى يىللىق ياردەمگە ئاجراتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا سېلىنغان بىر يىللىق مەبلەغنىڭ 21 مىليونغا يېتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر بىر ناھىيىلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان "قوش تىل" مائارىپىنى كۈچەيتىش سىياسىتىگە قارىتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قانداق قاراشتا ؟ مەزكۈر سىياسەتنىڭ نەتىجىسى ئۇيغۇرلارغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ ؟
بىز مۇناسىۋەت بىلەن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ يوليورۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىشلارغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ھېچقانداق پىكىر بايان قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېلىدا تىز سۈرئەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقان "قوش تىل" مائارىپ سىياسىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى يەسلىلەردىن باشلاپلا "قوش تىل" مائارىپى بويىچە تەربىيىلەشنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلىرى شۇنىڭدەك يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىمىزنى قوبۇل قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.