يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدىكى ئەمەلدارلار ئازايتىلسا مەسىلە ھەل بولامدۇ؟
2007.10.02
" جۇڭگو ياشلار گېزىتى"نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ" شەھەر، ناھىيە ، رايون، يېزا ۋە بازار دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش ۋە ھۆكۈمەتلەرگە چۈشۈرگەن كېلەر نۆۋەتلىك سايلام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ھۆججىتى" دە، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك سايلىمىدا قۇرۇلتايغا ئەزا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ نىسبىتى ئومۇمى قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ سانى %25 تىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار ۋە باشقا ساھەدىكى ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتى %75 نى ئىگىلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. يەرلىك قۇرۇلتايلاردا ئەمەلدارلارنىڭ سانى ئازايتىلسا، نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ قۇرۇلتايدا مۇزاكىرە قىلىنىشىغا ياردىمى تېگەمدۇ دېگەن مەسىلىدە تەرەپلەرنىڭ پىكىرى بىردەك ئەمەس.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پارتكومنىڭ مەزكۇر ھۆججىتى يەرلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋە بەزى ئەمەلدارلارنىڭ نەزىرىدە "ناھايىتى زور ئۆزگىرىش،" كە ۋەكىللىك قىلىدىغان، خىتايدىكى باشقا ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلار ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك يېڭىلىقتۇر. لېكىن يەنە بەزى ئانالىزچىلار، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتنى "قاتمال ھالەت " دەپ ئەيىبلەپ، بۇ ھۆججەتنىڭ بۇ "قاتمال ھالەت " نى ئۆزگەرتىشكە ياردىمى تېگىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. لېكىن نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ۋە خىتاي قانۇن سېستىمىسى ھەم خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى ياخشى بىلىدىغان قانۇن مۇتەخەسسىسى ساباھەت خانىم، رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "تەۋىسىيە خاراكتېرلىك بۇ ھۆججەت، دائىم تەكىتلىنىدىغان يېڭى نەرسە ئەمەس " دەپ كۆرسەتتى.
" خەلق قۇرۇلتىيى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنىلا ئاڭلايدىغان ئورگان "
يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ ھۆججەت ھەققىدىكى تونۇشى پەرقلىق بولۇپ، ئۇلار بۇ ئۆزگىرىشنىڭ قۇرۇلتايدا ئاۋام پۇقرالارنىڭ دەردىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ياردىمى تېگىپلا قالماي، بۇ يەنە پۇقرالارنىڭ سىياسەتكە قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارىماقتا. بۇ قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پارتكومنىڭ ھۆججىتى بولمىدى دېگەندە خەلق قۇرۇلتىيىدىكى مەۋجۈت ئەھۋالنى تۈزىتىشكە يارايدۇ . ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىخەنزىلىك ئەزاسى جاڭ شاۋتاڭ، "جۇڭگو ياشلار گېزىتى" گە بەرگەن باياناتىدا خەلق قۇرۇلتىيىدىكى"ئەمەلدارلارنىڭ نىسبىتىنى ئازايتىشنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپى، ئاساسى قاتلامدىكى ۋەكىللەرنىڭ پۇقرالارنىڭ ھەقىقىي دەردى ۋە ئارزۇسىنى ئىنكاس قىلالايدىغانلىقىدۇر" دەيدۇ.
لېكىن ساباھەت خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەسىلە پۇقرالار بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدىكى نىسبەت مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ سىياسىي سېستىمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى مەسىلە. ساباھەت خانىم، بۇ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كومپارتىيە ماناپولىيىسىدىكى ئورگان بولۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇڭگو ياشلار گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شىخەنزە شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ %70.85نى ئەمەلدارلار ئىگىلىگەن بولۇپ، بىر قۇرۇلتاي ئەزاسى شىخەنزە شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى"ياخشى سۆز ۋە ياخشىچاق ئادەملەر كۆپ، راست گەپ ئاز قىلىنىدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنىلا ئاڭلايدىغان ئورگان " دەپ تەرىپلىگەن.
" قۇرۇلتايدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنى پارتكوم بېكىتىدۇ "
جېن مىڭخۇەي ئىسىملىك خىتاي ئوبزورچى تەڭرىتاغ تورىغا يازغان بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا، خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ئەمەلدار ۋەكىللەرنى تەنقىد قىلىپ، "ئەمەلدارلارنىڭ پىكىرى پۇقرالارغا ھەقىقىي تۈردە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار جەمئىيەتنى ئىدارە قىلغۇچى. پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئالاھىدە مەنپەئەتدار كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى بەزىدە پۇقرالار مەنپەئەتىگە زىت " دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە، "ئەگەر ئەمەلدارلار خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولۇۋالسا، بۇ ئۆز - ئۆزىنى نازارەت قىلىش، دېگەنلىكتۇر. ئۆز - ئۆزىنى نازارەت قىلىدىغان بۇ تۈردىكى نازارەتچىلىك ئاجىز ۋە ئەھمىيەتسىز " دەيدۇ.
ساباھەت خانىم، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا ئاۋام پۇقرالارنىڭ نىسبىتى كۆپەيسىمۇ، لېكىن ۋەكىللەرنىڭ پۇقرالار دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى قۇرۇلتايدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنى پارتكوم بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوبزورچى جېن مىڭخۇئەي، تەڭرىتاغ تورىدىكى ئوبزورىدا خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ئەمەلدار ۋەكىللەرنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمايدىغانلىقىنى، قۇرۇلتاي خىزمىتى بىلەن كارى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يەرلىك قۇرۇلتايلارنىڭ ئەمەلدار ۋەكىللىرىنى" قۇرۇلتايدا سۆز قىلمايدىغان، نازارەتچىلىككە قاتناشمايدىغان، تەكلىپ لايىھىسى ۋە پىكىر بەرمەيدىغان، يىغىنغا قاتناشمايدىغان، پۇقرالار بىلەن ئالاقە قىلمايدىغان ۋەكىللەر" تەرىپلىگەن. لېكىن ئۇ ئاخىرىدا يەنە، قۇرۇلتايدىكى ئەمەلدار ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتىنى%25 دىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ھەققىدىكى ھۆججەت، "شۈبھىسىزكى ، قۇرۇلتايدىكى قاتمال ھالەتنى ئۆزگەرتىشتە ئەھمىيەتكە ئىگە،" دەپ قارايدىغانلىقىنى يازدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن بوغۇزىدا جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقان قايسى تەرەپ؟
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(4)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر (3)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(1)
- كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش' نىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيى يېقىنلاشقانسىرى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇش شۇنچە جىددىي تۈس ئالماقتا