غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي كومپارتىيىىسنىڭ 17 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قانداق باھا بەردى؟


2007.10.15

Xu-JT-200.jpg
خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ، 17 - قۇرۇلتايدا سۆز بەرمەكتە. AFP Photo

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ ، مەزكۈر ھۆكۈمەتنىڭ 17 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن دوكلاتىدا، چىرىكلىكنىڭ كومپارتىيىنىڭ ھايات - ماماتلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 15 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئېچىلغان قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ، خۇ جىنتاۋ 2 يېرىم سائەت دوكلات سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە خىتاينىڭ تاشقى دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەر ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

خۇ جىنتاۋ سۆزىدە ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي مەقسىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش بايرىقىنى ئىگىز كۆتىرىپ، دىڭ شاۋپىڭ نەزىرىيىسى بىلەن 3"كە ۋەكىللىك قىلىش" ئىدىيىسىنى باشلامچى رول قىلىپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خۇ جىنتاۋ تەكىتلىگەن پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نەزىرىيىسى، ماۋ زېدۇڭ ، دىڭ شاۋپىڭ ، جاڭ زېمىنلار ئوتتۇرىغا قويغان نەزىرىيە بىلەن تەڭ ئورۇندا بولۇپ، بۇ خۇ جىنتاۋنىڭ 4 ‏- ئەۋلات خىتاي رەھبىرى سېپىدىن ئورۇن ئالغان شەخس ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ.

بىراق 17 ‏- قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خۇ جىنتاۋغا ئەگىشىپ يىغىن زالىغا كىرىپ كەلگەن، خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ كومىسسارى ۋۇ باڭگو بولماستىن، بەلكى سابىق خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ زېمىن ئىدى.

مەتبۇئاتلارنىڭ 17 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا بەرگەن باھاسى

قۇرۇلتاي باياناتچىسى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ھەققىدە مۇخبىرلارغا مەزكۈر قۇرۇلتايدا پارتىيە نىزامنامىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نىشانىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، 17 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلارنىڭ ۋارىسلىرىنى بېكىتىش بولماستىن، قۇرۇلتاي بىر پارتىيە تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيە نىزامنامىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش شۇنىڭدەك مۇھىمى يەنە خۇ جىنتاۋنى مەركەز قىلغان رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 5 يىلدىن بۇيانقى پەن - تېخنىكا تەرەققىيات نەتىجىسىنى تارىخ دەپتىرىگە تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.

قۇرۇلتاي رەئىسلىرى 15 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن بىرىنچى قېتىملىق يىغىننى رەسمىي ئېچىپ، قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، ھەمدە قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن كاتىبلىرىنى بېكىتتى.

خۇ جىنتاۋ ئۆز ۋارىسىنى تىكلەشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، بىر ھەپتە مۆھلەت بىلەن ئېچىلىدىغان بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا، خۇ جىنتاۋ خىتاينى ئىدارە قىلغان 5 يىلدىن بۇيانقى ۋەزىيەتنى تارازىغا قويۇش، بولۇپمۇ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنى ھوقۇققا تەيىنلەش كۈچىنى تارازىلاش ۋە ئىتتىپاقداشلار ئىچىدىن بىر نەپەر ۋارىسنى مۇھىم ئورۇنغا ئولتۇرغۇزۇش، قۇرۇلتايدا ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان مۇھىم بىر مەقسەت ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ باش سېكرىتارى لى كېچاڭ، خۇ جىنتاۋنىڭ يۈرىكىدىكى ۋارىس بولۇپ، لى كېچاڭنى ۋارىس قىلىپ تەيىنلەش ئۈچۈن، خۇ جىنتاۋنىڭ ئالدى بىلەن رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى گەپكە كىرگۈزۈشى، لى كېچاڭنىڭ سالاھىيىتىنىڭ خىتاي مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولۇشقا لايىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلىشى تولىمۇ مۇھىم ئىكەن.

ئەكسىچە ، لى كېچاڭنىڭ رىقابەتچىسى شاڭخەي شەھىرىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىڭپىڭ بولۇپ ، ئوخشاشلا ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىك گۇرۇھىغا كىرىشى ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۈچ چىقىرىشىغا باغلىق بىر مەسىلە.

شى جىڭپىڭنىڭ ھوقۇققا تەيىنلىنىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى

ياۋرۇپادىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لى كېچاڭ خۇ جىنتاۋ تەرىپىدىن بىۋاستە يۇقىرى قاتلامغا كۆتۈرۈلگەن مۇھىم كادىرلارنىڭ بىرى، ئەمما شى جىڭپىڭنىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ ئىز باسارى بولۇش ئېھتىماللىقى كۆپرەك، چۈنكى ئۇ خۇ جىنتاۋ ۋە جاڭ زېمىن ھەر ئىككىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدىغان مۇھىم پېرسۇناژ .

بىراق ، كانادالىق خىتاي مۇتەخەسسىس جاڭ ۋېبرەننىڭ قارىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ 5 يىلدىن بۇيان ، ئۆزىنىڭ كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكى ئېنىق ، بىراق ئۇنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇش مۇددىتى 2012 ‏- يىلغىچە بولغاچقا، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى ھوقۇق تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش مەسىلىسى ئەمەس ئىكەن، خۇ جىنتاۋ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانغا قەدەر ئۆزىنى ھىمايە قىلىدىغان كادىرلارنى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بېجىرىپ بولىدىكەن.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دېموكراتىيە يولىغا قاراپ مېڭىشىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك

17 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ باياناتچىسى لى دۇڭشېڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ دېموكراتىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، قۇرۇلتايدا " جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش، بىر پارتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، ھەرگىزمۇ غەرب سىياسىتىنى ئۆزىگە تەدبىقلاش يولىنى تۇتماسلىق " قا ئوخشاش مەسىلىلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.