خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى رەت قىلدى
2007.05.16
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى رەت قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە رابىيە خانىمنىڭ ئامېرىكىدىكى ئائىلە تاۋاباتلىرى، خىتاينىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى جازالىغانلىقىنى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، دەپ ئەيىپلىمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئەمەلدارى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن جازالانغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ مەقسىدى ئۆچ ئېلىش ئەمەس ئىكەن
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان پەرزەنتلىرىدىن ئاز دېگەندە 3 كىشى، ئۈرۈمچىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن باج ئوغۇرلىغان ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، دەپ ئەيىبلىنىپ، 2 ئوغلىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن، بىر ئوغۇلىغا جەرىمانە قويۇلغان بۇ ۋەقەلەر، رابىيە قادىر خانىم، 2005 - يىلى ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ قالغاندىن كېيىن يۈز بېرىشكە باشلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى جازالاش قانۇنلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىمەكتە. چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خۇ ۋېي ئىسىملىك بىر مۇئاۋىن رەئىسى مۇخبىرلارنى چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنى جازالاش ھەرىكىتىنى ئاقلىدى.
خۇ ۋېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن جازالانغان بولۇپ، ئۇلارنى جازالاش رابىيە قادىردىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلمىغان. خۇ ۋېي بۇ سۆزلەرنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا پەرزەنتلىرىنى زەربە بېرىش نىشانى قىلىشنىڭ ئارقىسىدا، رابىيە قادىردىن ئۆچ ئېلىش نىيىتى بار - يوقلىقىنى سورىغان بىر مۇخبىرغا تەكىتلىگەن. ئۇ،" ئەلۋەتتە ئۇنداق نىيەت يوق. بىز ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى قانۇنلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز،" دەپ تەكىتلەش بىلەن بىرگە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيىتىنى تىلغا ئالدى شۇنداقلا " رابىيە مەسىلىسى ناھايىتى روشەن. ئۇ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ ئامېرىكىدا داۋالىنىش جەريانىدا قىلغان ئىشلىرىنى ھەممە ئادەم كۆردى،" دەپ كۆرسەتتى.
كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاينىڭ سىياسى مۇددىئاسى بارلىقىغا قەتئىي ئىشەنمەكتە
خۇ ۋېي، رابىيە قادىردىن ئۆچ ئېلىش نىيىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قولغا ئېلىش ۋە تۈرمىگە تاشلاشتا سىياسى مۇددىئا بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتون ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ت. كۇمار، " خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قولغا ئېلىش ۋە تۈرمىگە تاشلاشتا سىياسى مۇددىئا بارلىقىغا شۇنداقلا بۇنىڭ رابىيە قادىرنى چەتئەلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تىنچلىقپەرۋەر سىياسى پائالىيىتىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە قارىتىلغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ،"دەيدۇ.
خۇ ۋېينىڭ باياناتى ۋاقىت جەھەتتە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكىدىكى بەزى مەشھۇر ئالى مەكتەپلەردە نۇتۇق سۆزلەۋاتقان مەزگىلىگە توغرا كەلدى. ئۇ، سەيشەنبە ئامېرىكا ماسساچۇسېتتىس تېخنولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن بولسا، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى.
رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكىدا ياشايدىغان قىزى راھىلە خانىم بولسا رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيىتى " خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن،" دەپ ئاقلىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا قوزغىغان تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇشنى قوللاشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتىدۇ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ ۋە مەخپىي سوتلاۋاتىدۇ، دەپ ئەيىپلىمەكتە ئىدى.
راھىلە ئابدۇرېھىم: خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى پۈتۈنلەي ناھەقچىلىك
خۇ ۋېي چارشەنبە كۈنكى باياناتىدا يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە شىركىتىگە بېرىلگەن جازانى ئاقلىغان شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ،"رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە تاۋاباتىنىڭ مەسىلىسىمۇ ناھايىتى روشەن شۇنداقلا بىز قانۇنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.
شۇنىسى ناھايىتى روشەنكى ئۇنىڭ شىركىتىدە خىيانەت قىلىش مەسىلىسى بار. بىز بۇنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز،" دەيدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 2005 - يىلى 5 - ئايدا رابىيە قادىر شىركىتىنىڭ قانۇنى ھۆججەتلىرىنى مۇسادىرە قىلغاندىن كېيىن، شىركەتنىڭ سودا پائالىيىتى ئاساسەن پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. راھىلە خانىم، خۇ ۋېينىڭ باج ئوغۇرلاش ھەققىدىكى بايانلىرىنى رەت قىلىپ، قېرىنداشلىرىنى ئاقلىدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە ياتىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، دەپ ئەيىپلەنگەن ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ 2006 - يىلى 6 - ئايدا قولغا ئېلىنغاندىن بېرى ئىز دېرىكىنى ئالالمىغان. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مۇخبىرلار رابىيە قادىر ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدە چوڭقۇرلاپ سۇئاللارنى سورىغان بولسىمۇ، لېكىن خۇ ۋېي جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلغان.
ئابلىكىمنىڭ ئەھۋالى ئەندىشىگە سالماقتا
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ يىل 3 - ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا، ئابلىكىمنىڭ تاياق زەربىسىدىن سالامەتلىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى داۋالاشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. راھىلە خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى" ھەقىقەتسىزلىك" دەپ ئەيىپلىمەكتە.
خۇ ۋېي يىغىندا رابىيە قادىر ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان مۇقۇملۇقتىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ،" شۇنى روشەنكى ھازىرقى شىنجاڭدا ۋەزىيەت مۇقۇم، خەلقلەر ئىتتىپاق. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى بۇ ۋەزىيەت ناھايىتى تەستە قولغا كەلگەن،" دەيدۇ.
لېكىن رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلار خىتاي كۈچمەنلىرىنىڭ رايونغا تۈركۈملەپ ئېقىپ كىرىشىدىن شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى كونتروللۇقىدىن غەزەپلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.
مۇخبىرلار يەنە بۇ يىل 1 - ئايدا پامىر ئىگىلىكىدىكى كوسراپ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش 18 نەپەر تېرورچى" نى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان قوراللىق توقۇنۇشنى سورىغان بولسىمۇ، لېكىن خۇ ۋېي بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاپ بەرمىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتنى زەربە نىشانى قىلغانلىقىنى تەن ئالمىدى
- رابىيە قادىر خانىم بوستوندىكى ماساچۇسسىت تېخنىك ئىنىستىتۇتىدا (MIT) لىكسىيە سۆزلىدى
- ياۋرۇپا پارلامېنتىغا تۆكۈلگەن كۆز يېشى
- د ئۇ ق نىڭ گوللاندىيىدىكى پائالىيەتلىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا بولدى
- د ئۇ ق ۋەكىللىرى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولدى
- د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قۇرۇلتاي تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى
- رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلىنىشى تۈرك دۇنياسىدا ئىنكاس قوزغىدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى، رابىيە قادىرنىڭ ئوغۇللىرىغا ئۆزلىرىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىشكە چاقىردى
- خەلىقئارا جەمىيەتنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا بېرىلگەن قاماق جازاسىغا ئىنكاسلىرى
- خىتاي د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ ئوغلىنى 9 يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى