ئامېرىكىنىڭ تەنقىدى توغرا بولغاچقا، خىتاي ئۇنى دۆلەت ئىچىدە خەلقتىن يوشۇرۇۋاتىدۇ
2007.06.07
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش گېرمانىيىدە ئېچىلىدىغان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى پراگادا ئېچىلغان دېموكراتىيە يىغىنىغا كېلىپ سۆز قىلدى. سۆزىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە خانىمنى تەقدىرلىگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ 'بۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق' دەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ باياناتىنى دۆلەت ئىچىدە ئېلان قىلماي خەلقتىن يوشۇردى. بۇ ھەقتە، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇئا ئەپەندى ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەنقىدى توغرا بولغاچقا، خىتاي ئۆزىنىڭ باياناتىنى دۆلەت ئىچىدە ئېلان قىلالمىدى، دەپ كۆرسەتتى.
جورج بۇشنىڭ رابىيە خانىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەلقئارالىق مەسىلىلەر نۇقتىسىدىن قاراش كېرەك
-ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بۇ قېتىم پراگادا سىياسىي كۆز قارىشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشاش بولمىغان مەشھۇر خەلقئارالىق ئەربابلار بىلەن كۆرۈشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلىدى.
بۇ ۋەقەنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق مەسىلىلەر نۇقتىسىدىن قاراش كېرەك- دەپ ئوبزورىنى باشلايدۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇئا ئەپەندى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، جورج بۇشنىڭ سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت يىغىنىغا بېرىش سەپىرىدە چېخنى تاللاپ، بەلكى ، مۇشۇنداق بىر پەيتنى تاللاپ رابىيە خانىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكى چوڭقۇر مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
چېخ دېموكراتىيە ئارقىلىق كوممۇنىزىمدىن قۇتۇلغان ۋە ئۆزىمۇ تىنچ ھالدا ئىككىگە پارچىلانغان خەلقئارالىق ئۈلگە
- چېخ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھامىي دۆلەت ئىدى،- دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇئا ئەپەندى، - سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمرانلىققا يۈزلىنىۋاتقاندا، چېختا كوممۇنىزىمغا قارشى دېموكراتىك ئىنقىلاب پارتلىدى.
كوممۇنىزىمنى تىنچ ئۆزگەرتىش بۇ دۆلەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. چېخوسلوۋاكىيە دېگەن بۇ دۆلەت دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ دۆلەت ئۆزىمۇ دېموكراتىيە ئارقىلىق تىنچ ھالدا بۆلۈنۈپ، ئىككى دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ دۇنيادا پەيدا بولغان بىر شانلىق ئۈلگە، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنىڭ شانلىق ئۈلگىسى!
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ رابىيە خانىمنى چېختا تەقدىرلىگەنلىكىدىن بېرىلگەن بىشارەتنىڭ چوڭقۇر مەنىسى، - دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇئا ئەپەندى، -- ھەر قانداق مەسىلە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەك، بىر دۆلەتتە يۈز بېرىۋاتقان پارچىلىنىشىمۇ، خۇددى چېخوسلاۋاكىيىدەك تىنچ شەكىلدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت.
خىتايدا بۆلۈنۈش مەسىلىسى مەۋجۇت مەسىلە، ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىلا ئەمەس
- خىتاينىڭ نەزىرىدە رابىيە خانىم خىتاينى پارچىلىغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى، بۇ بىر مەۋجۇت مەسىلە، ئەمما، --- دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇئا ئەپەندى، -- بۇ مەسىلە خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تىبەت، موڭغۇل، تەيۋەن ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مەسىلىسى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ سۆزى دۇنياغا، مۇستەبىتلىك بىلەن دېموكراتىيىنىڭ بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر دۆلەت چوقۇم خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. شۇڭلاشقا خىتاي بۇنداق بىر ئېنىق سىگنالغا قارشى چىقتى.
ھازىر پۈتۈن دۇنيا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەس ، ئەمەلىي ھەرىكىتىگە قاراۋاتىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشىمىزغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق'، دېگەن باياناتى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئادەتكە ئايلانغان سۆز فورمىسى، ئەمما --- دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇئا ئەپەندى، -- خىتاي ھازىر بۇنداق سۆزنى يەنە ئېيتقاندا، كېلەر يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئويلاپ كۆردىمۇ؟ خىتاي ئۆزى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ پىكىر -ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە يول قويىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان دۇنياغا ئېلان قىلغان ئىدى.
ھازىر پۈتۈن دۇنيا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكىتىگە قاراۋاتىدۇ. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان مىللەتلەرنى باستۇرىۋەرسە بولمايدۇ. جورج بۇش خىتايغا بەرگەن سىگنال مۇشۇنداق سىگنال.
ئامېرىكا بۇ قېتىم خىتاينى تەنقىدلىدى ، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ خىتاينى تەنقىدلىشىكېرەك
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ سۆزىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازى بولغانلىقى -- خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ دۇنياغا ئولىمپىك ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ، - دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇئا ئەپەندى، -ئامېرىكا بۇ قېتىم خىتاينى تەنقىدلىدى، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ خىتاينى تەنقىدلىشى كېرەك.
بۇنداق بىر ئورتاق ئاۋاز خىتاينى توغرا يولغا مېڭىشقا مەجبۇرلىيالىشى مۇمكىن. خىتاي، خۇددى بۇ قېتىمقىدەك، باشقا دۆلەت بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىزغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، دېگەن گەپنى، ئۆزىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى، باشقا دۆلەتنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئۆز خەلققە ئاشكارىلىشى كېرەك.
خەلقنىڭ ئۇنى پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتى بار، ھەر بىر مەسىلىدە ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلىش ھوقۇقى بار. ئامېرىكىنىڭ تەنقىدى توغرا بولغاچقا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇنى دۆلەت ئىچىدە ئۆز خەلقىغە ئېلان قىلالمايۋاتىدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ ئىنكاسىنى تەنقىد قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن بولغان تارىخى خاراكتېرلىق ئۇچرۇشۇشنى تۈگۈتۈپ ئامېرىكىغا قايتتى
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رابىيە خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى مەدھىيىلىدى
- رابىيە قادىر خانىم داڭلىق " ۋال ستىرىت ژورنىلى " گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلدى
- ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىغى - دۇنيانىڭ كۆزىدە
- رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلىنىشى تۈرك دۇنياسىدا ئىنكاس قوزغىدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى، رابىيە قادىرنىڭ ئوغۇللىرىغا ئۆزلىرىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىشكە چاقىردى
- خەلىقئارا جەمىيەتنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا بېرىلگەن قاماق جازاسىغا ئىنكاسلىرى
- خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدىكى پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا
- رابىيە قادىر خانىم ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىللىق يىغىنىدا سۆز قىلدى
- د ئۇ ق رەھبەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا يازغان خېتى ھەققىدە توختالدى