خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئات كونتروللۇقىنى كۈچەيتمەكتە


2007.08.21

خوڭكوڭدىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 17 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا، مەتبۇئاتلارغا قاراتقان كونتروللۇقىنى كۈچەيتكەن. مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا 100 دىن ئارتۇق رادىئو - تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى توختىتىلغان.

مەتبۇئات كونترول قىلىندى 17 - قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىقلىرىدىن بىرىدۇر

خوڭكوڭدىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىن شەھىرىدىلا 12 رادىئو ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىلىرى ئاڭلىتىشتىن توختىتىلغان بولۇپ، سەۋەبى نەنجىندىكى بىر رادىئو ئىستانسىسىنىڭ كېچىلىك پروگراممىسىدا، رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ مەزكۇر رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسىگە تېلېفون ئۇرۇپ، جىنسى ئالاقە ۋە جىن شاياتۇنلار ھەققىدە مۇخبىردىن سوئال سورىغان. رادىئو - تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بۇ خىل مەزمۇنلار ھەققىدە توختىلىشى " ساغلاملىق" تىن دېرەك بەرمەيدۇ دەپ قارىغان. بولۇپمۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 17 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، سىياسىي ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئەندىشە قىلغان.

بىز ، نەنجىن رادىئو ‏- ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلەر قانىلى، قاتناش قانىلى، مۇزىكا قانىلى، تۇرمۇش قانىلى شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي قانىلى قاتارلىق بىر قانچىلىغان قاناللىرىغا تېلېفون ئۇرۇپ، پەقەت خەۋەرلەر قانىلىنىڭ ئېلان سەھىپىسىنىڭ مەسئۇلى بىلەن ئالاقە باغلىيالىدۇق.

بىز ئۇنىڭدىن، " نەنجىن شەھىرىدىكى رادىئو ‏- ئىستانسىسىدا 12 قانالنىڭ پروگراممىسى ئاڭلىتىشتىن توختىتىلىپتۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ؟ " دەپ سورىدۇق.

ئۇ بىزگە جاۋاب بېرىپ، " مەن سەۋەبىنى ئېنىق بىلمەيمەن، مەن پەقەت ئېلان پروگراممىسىغا مەسئۇل " دېدى.

بىز ئۇنىڭدىن يەنە" ئېلان پروگراممىسىغا دەخلى يەتتىمۇ ؟ " دەپ سورىدۇق .

ئۇ، " ياق " دەپ جاۋاب بەردى.

نەنجىن شەھىرىدىكى بىر پۇقرا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى " مېنىڭ رادىئو پروگراممىلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن خەۋىرىم يوق ، ئەمما يېقىندىن بۇيان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىردا چوڭ ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ. مەسىلەن ھازىر خوڭكوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى " سۇمرۇغ " نىڭ پروگراممىلىرىنى كۆرەلمەيۋاتىمىز."

" جۇڭگو دېڭىز ‏- ئوكيان گېزىتى" نىڭ سابىق پېشقەدەم مۇخبىرى چۇ ئەيزوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ھەر قېتىم قۇرۇلتايغا ئوخشاش مۇھىم يىغىنلار ئېچىلىشتىن بۇرۇن، مەتبۇئات كونتروللۇقى قاتتىق كۈچەيتىلىدىكەن.

" ھەر قېتىم ، قۇرۇلتاي ئېچىلىشتىن بۇرۇن، بىر قىسىم رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى رەتكە سېلىنىدۇ ياكى بولمىسا بىر مەزگىل توختىتىلىدۇ، مېنىڭچە بۇ ئەھۋال 17 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن، رادىئو ئىستانسىلىرىدىكى دوستلارنىڭ ئېيتىشىچە، پروگراممىلار رەتكە سېلىنىدىكەن."

بېيجىڭ خوڭكوڭ تېلېۋىزىيىلىرىنىمۇ كونترول قىلماقتا

خوڭكوڭدىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 7 ‏- ئايدىن بۇيان، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭنىڭ خىتاي تىلىدا بېرىلىدىغان رادىئو پروگراممىلىرى كاشىلىغا ئۇچرىغان، مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا خىتاي ئارمىيىسى دېڭىز قىرغىقىدىكى رادىئو پروگراممىلىرىغا كاشىلا قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ خىل كاشىلا 17 ‏- قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقىچە داۋاملىشىدىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان چۇ ئەيزوڭ يەنە مۇنداق دېدى: " رادىئو ئاڭلىتىشلىرىدا كاشىلا پەيدا قىلىش ئەھۋالى داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى بېيجىڭدا دېڭىز قىرغىقىدىن بېرىلىدىغان پروگراممىلارنى قەتئىي ئاڭلىيالمىدىم، بۇ خىل ئاڭلىتىشلارنى چەت يېزىلاردا تۇرۇپ ئاڭلىسا بولىدۇ. چۈنكى بۇ جايلار كاشىلا پەيدا قىلىش رايونىدىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەمما ئىنتېرنېت تورىدا ئاڭلاش مۇمكىنچىلىكى بار، ھۆكۈمەتنىڭ مەقسىدى، سىرتتىن كېلىدىغان ئاخبارات مەنبەئەلىرىنى توسۇش."

چۇ ئەيزوڭنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خەلق ئورگان مەتبۇئاتلىرى يەنى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزى خەلق رادىئو ‏- ئىستانسىسى، خەلق گېزىتى، شىنخۇئا ئاگېنتلىقى دېگەنلەرنىڭ خەۋەر ۋە پروگراممىلىرىنى كۆرۈشنى خالىمايدىكەن. ئۇ سۆزىدە " خەلق ھازىر پۈتۈنلەي ئويغاندى، ئىنتېرنېت تورى، يانفونلاردا قىسقا ئۇچۇر يوللاش ۋە ئاغزاكى ئۇچۇر تارقىتىشلار جۇڭگو خەلقى ئارىسىدا ئومۇملىشىپ قالدى. قەيەردە بىر چوڭ ۋەقە يۈز بەرسە، ئىنتېرنېت تورى ۋە يانفون ئارقىلىقلا ناھايىتى تېز خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەتبۇئاتلىرىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ئەھۋال تامامەن يوق " دېدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى ئاڭلاشمۇ قاتتىق توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا " ئەركىن ئاسىيا " رادىئوسى ئىزچىل كاشىلىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى مەزكۇر رادىئونىڭ پروگراممىلىرىنى كاشىلىسىز ئاڭلىيالمايدىكەن. بولۇپمۇ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ زېمىندا زىيارەت ئېلىپ بېرىشى، ئەزەلدىن قاتتىق توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراپ كەلمەكتە ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.