راك كېسىلىنى داۋالاشتا ئۈمىد چىرىغى دەپ بىلىنىۋاتقان گېن ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى تالاش - تارتىشلارغا سەۋەپ بولماقتا. دۇنيادا پەقەتلا خىتايدا يولغا قويۇلغان بۇ خىل داۋالاشنىڭ تىبابەتچىلىك ماتېرىياللىرىدا تېخى خاتىرلەنمىگەنلىكىنى ئېيتقان راك ۋە گېن مۇتەخەسسىسلىرى خىتايدا " ئۈمىد تىجارىتى" قىلىنىۋاتىدۇ، دېمەكتە.
گېن ئارقىلىق داۋالاش، پ53 گېننىڭ توشۇغۇچى بىر ۋىرۇس ئارقىلىق راك ھۈجەيرىسىگە ئورنىتىلىشى ۋە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كونتروللۇق بىر شەكىلدە ئۆلتۈرۈلۈشى دېگەنلىكتۇر. نۇرغۇن راك تۈرلىرىدە ئەڭ مۇھىم گېنلاردىن بىرى بولغان پ53 گېننىڭ ھۈجەيرىلەرنى كونترول ئاستىدا تۇتۇش ۋە ئۇلارنى كونتروللۇق بىر شەكىلدە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى بار. ئەمما، پ53 گېنىدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەر ھۈجەيرىنىڭ كونترولدىن چىقىپ راكقا ئايلىنىشىغا يەنى ھۈجەيرىنىڭ كونترولسىز ھالدا جىقلاپ كېتىشىگىمۇ سەۋەپ بولىدۇ. گېن ئارقىلىق داۋالاشتا پ53 گېنى بىلەن راك ھۈجەيرىلىرىنى يوق قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئەمما راك ۋە گېن مۇتەخەسسىسلىرى بۇ خىل داۋالاشقا شۈبھە بىلەن قارىماقتا. تۈركىيىدىن نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ بەزى ئورۇن ۋە كىشىلەر ئارقىلىق خىتايغا ئەۋەتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان مۇتەخەسسىسلەر، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئۈچۈن قىلىنغان كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلارنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ ھەقتە ن ت ۋ تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور بېتىدە چىققان خەۋەردە تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى راك مۇتەخەسسىسى، پروف. در. ئىبراھىم گۈللۈنىڭ سۆزىگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن : ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور دوكتور ئىبراھىم گۈللۈ خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان راك كېسەللەرگە ئۈمىد دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان گېن ئارقىلىق داۋالاش ھەققىدە ھەر تۈرلۈك ئۆسمىنى ئايرىم بىر گېن ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى بار. ئەمما خىتاي پ53 گېنى ئارقىلىق پۈتۈن راك كېسەللىرىنى داۋالايدىغانلىقىنى دەۋاتىدۇ. راك كېسىلىنى بىرلا گېن ئارقىلىق داۋالايمەن، دېيىش بەكمۇ ئەخمىقانىلىق. ھازىر خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندەك ئوخشاش بىر گېننى پۈتۈن راك كېسەللىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىش، بۇ ئىشنىڭ قانچىلىك بىمەنە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، دېدى. مەملىكەتلىك راك كېسىلى مەسلىھەت كومىتېتىنىڭمۇ باشلىقى بولغان ئىبراھىم گۈللۈ ئەپەندى 20 يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ داۋالاشنىڭ بەزى راك كېسەللىرىدە كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، ئەمما بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنىڭ تېخى پۈتۈنلەي ئاياقلاشمىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتايدىكى گېن ئارقىلىق داۋالاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكى نامەلۇم
خەۋەردە يېزىلىشىچە يەنە كېيىنكى كۈنلەردە داڭلىق كىشىلەرنىڭمۇ گېن ئارقىلىق داۋالاش ئۈچۈن خىتايغا بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىبراھىم گۈللۈ ئەپەندى:" چارىسىزلىك ئادەمگە ھەممە ئىشنى قىلدۇرىدۇ. ئەمما بۇ بىر ئۈمىد تىجارىتىدۇر. ئادەملەر خىتايدا ياسالغان ئاپتوموبىللارغا ئىشەنمەيدۇ، خىتايدا ياسالغان بىر ئويۇنچۇقنىڭ دەرھال بۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلىدۇيۇ، خىتايدىكى بۇ گېن ئارقىلىق داۋالاش ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرمەيلا خىتايغا بارىدۇ. خىتايدىكى بۇ داۋالاشنىڭ نېمە بولغانلىقى ئېنىق ئەمەس. تېخى تىبابەت مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنغان ھېچنەرسە يوق. يەنى بۇ يەردە قىلىنىۋاتقان ئۈمىدنى سۇيىئىستېمال قىلىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس،" دېگەن.
بۇ ئىشنىڭ تىجارىتىنى قىلىۋاتقانلار بار
ئىبراھىم گۈللۈ سۆزىدە يەنە ئۆزلىرى راك كېسىلى مۇتەخەسسىسى تۇرۇقلۇق بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان دوختۇرلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ:" ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق ئىش بولسا ئۇلار نېمىشقا خىتايغا بارمايدۇ؟ بۇنى ئويلاش كېرەك. ئۈنۈملۈك بىر داۋالاش ئۇسۇلى بولغان بولسا خىتايغا ئالدى بىلەن ئۇلار بارسا بولاتتى "دېدى. ئۇ يەنە، "خىتايغا بارغان نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ھېچبىر مانا مەن تەلتۆكۈس ساقىيىپ كەتتىم، ئۆسمە يوق بولۇپ كەتتى،" دېگەن ئادەم كۆرمىگەنلىكىنى دېدى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە كېسەللەرنى خىتايغا بېرىشقا ماقۇل كەلتۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ تىجارىتىنى قىلىۋاتقان كىشىلەر بار ئىكەن. قىزىقارلىقى، خىتايدىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىشقا دەۋەت قىلىدىغان بۇ كىشىلەر دوختۇرلۇق بىلەن قىلچىلىكمۇ ئالاقىسى يوق كىشىلەر ئىكەن.
ن ت ۋ تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور بېتىدىن ئورۇن ئالغان خەۋەرگە يەنە راك كېسىلى دوختۇرى بولغان پروفېسسور دوكتور ھالۇك ئوناتنىڭمۇ سۆزىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ كېسەلدىن قۇتۇلۇش ئۈمىدىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن : "خىتايدىكى گېن ئارقىلىق داۋالاش دېگەن بىر ئويدۇرما. مەتبۇئاتلاردا چىقىۋاتقان خاتا خەۋەرلەر تۈپەيلىدىن كېسەللەر قۇرۇق يەرگە ئۈمىتلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا ساقىيىمىز دەپ خىتايغا بېرىپ، 50 - 60 مىڭ دوللار پۇل تۆلەۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەر ئالدىنىۋاتىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال ئەمەسمۇ؟
بۇ ئىشتا، خىتاينىڭ نىيىتى يامان
تۈركىيىدە چىقىدىغان مىللەت گېزىتىنىڭ -22 چېسلادىكى سانىدا چىققان خەۋەردىمۇ بۇ مەسىلىگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا "تۈرك كېسەللەرگە ئاگاھلاندۇرۇش: گېن ئارقىلىق داۋالاش ئۈچۈن خىتايغا بارماڭلار،" دەپ تېما قويۇلغان.
خەۋەردە راك كېسىلىنى داۋالاشتا تۈركىيىنىڭ ياۋروپادىنمۇ يۇقىرى سەۋىيىدە ئىكەنلىكى، راك كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىشقا كېرەك يوقلۇقى يېزىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە تىببىي ئۆسمە كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئىدرىس يۈجەل مۇنداق دېگەن: "گېن ئارقىلىق داۋالاش ئۈچۈن خىتايغا بارماڭلار. بۇ دۆلەتتىكىسى تامامەن بىر تىجارىي ئىش، ئەخلاقىي ئەمەس. خىتاي بۇ جەھەتتە يامان نىيەتلىك. نۇرغۇن دۆلەتتە بۇنى بازارغا سېلىشقا تىرىشتى. بۇ توزاققا چۈشۈپ كەتكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسا تۈركىيە. نۇرغۇن كېسەللىرىمىز خىتايغا باردى. بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئۈچۈن بۇرۇن ياۋروپادا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەرنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ھەققىدە تېخى ھېچقانداق جۇرنالدا بىر نەرسە ئېلان قىلىنغىنى يوق، بىرەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىمۇ بىرەر ئىلمىي ماقالە يېزىلىپ باققان ئەمەس."
خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل سۇيىئىستېمال قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە تۈركىيىدە مۇلاھىزىلەر داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا. تونۇلغان داڭلىق راك كېسىلى مۇتەخەسسىسلىرى ھەر كۈنى مەتبۇئات ۋە تېلىۋىزىيەلەردە مەلۇماتلارنى بېرىپ، كىشىلەرنى بۇ ئىشنى تىجارەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان ئالدامچىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ خىتايغا بارماسلىققا ئاگاھلاندۇرماقتا. (ئەركىن تارىم)