رۇس خەلقىنىڭ خىتايلارغا بولغان قارىشى

0:00 / 0:00

"گېرمانىيە دولقۇنلىرى" رادىئوسى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى رۇسىيىنىڭ بىر نەپەر يىراق شەرق مۇخبىرىنى زىيارەت قىلىپ "رۇسس خەلقىنىڭ خىتايلارغا بولغان قارىشى قانداق" دېگەن تېمىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان. سۆھبەت خاتىرىسىدىن مەلۇمكى، خىتاي – رۇسس مۇناسىۋەتلىرى ئالاھىدە ئىجابىي تەسۋىرلىنىۋاتقان ۋە 2007 – يىلى "خىتاي يىلى" دەپ بېكىتىلگەن رۇسىيىدە ئەمەلىيەتتە رۇسس خەلقى خىتايلارنى ھىچ ياخشى كۆرمەيدىكەن ھەم خىتايلاردىن ئەنسىرەيدىكەن.

رۇسىيە يىراق شەرق مۇخبىرى رۇسلارنىڭ خىتايلاردىن بىزار بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ يالغۇز خىتايلارنىڭ مەينەتلىكى، مەدەنىيەتسىزلىكى، ئاچ كۆزلىكىلا ئەمەس، بەلكى بۇ خىل يىرگىنىشلىك تەبىئەتكە ئىگە بۇ مىللەتنىڭ رۇسىيىدىكى سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇلار پەيدا قىلىۋاتقان جىنايى ھادىسىلەرنىڭ رۇسس خەلقىگە قورقۇنچ تۇيغۇلىرىنى شەكىللەندۈرىۋاتقانلىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى شەرھىلىگەن.

رۇسىيىنىڭ ھەممىلا يېرىدە خىتاي ۋە خىتاي مېلى

رۇسس مۇخبىرى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "بۈگۈن رۇسىيىنىڭ ھەممىلا يېرىدە خىتاي سودىگەرلىرىنى كۆرەلەيسىز. كىيىم – كېچەك، يېمەكلىك، ئېلېكترىك ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋاتقان خىتايلارنى قەدەمدە بىر ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ خىل ساختا ماللارغا رۇسلار كۆنۈپ كەتتى".

دەرۋەقە، رۇسس تۇپراقلىرى بۈگۈن خىتايغا ۋە خىتاينىڭ ساختا تاۋارلىرىغا توشۇپ كەتكەن. تۇرمۇش سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ كەتكەن رۇسلار خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ماللىرى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداقشقا مەجبۇر ھالغا كېلىپ قالغان. رۇسىيە يىراق شەرق مۇخبىرىنىڭ "گېرمانىيە دولقۇنلىرى" رادىئوسىنىڭ زىيارىتىگە بەرگەن جاۋابىدا، 2005 – يىلى دېكابىر خېيلوڭجاڭدا يۈز بەرگەن خىمىيىۋى بۇلغۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رۇسلار ۋە خىتايلارنىڭ تۈگىمەس ماجرالىرىدىن سەسكەنگەن رۇسلارنىڭ خىتايلارغا يىرگىنچ بىلەن قارايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ مۇخبىر رۇس ساقچىلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىنى نەقىل قىلىپ، رۇسلارنىڭ خىتايلاردىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ئورنى يوقلىقىنى، خىتايلار ئولتۇراقلاشقان جايلاردا گەرچە جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى كۆپ بولسىمۇ، بۇ ماجرالارنىڭ دائىم خىتايلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ رۇسلار بىلەن بىۋاستە توقۇنۇشقا پېتىنالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە يىراق شەرق مۇخبىرى ئۆز سۆزىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەر خىل ئەمەلىي ئېھتىياجلار تۈپەيلى بۈگۈن ئىناق قوشنا دۆلەتلەردىن بولىۋاتقان بولسىمۇ، ئىككى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئىناقلىقىنىڭ غەرب مەدەنىيىتىگە مائىل رۇسلار بىلەن شەرق بېكىنمىچىلىكىگە ساھىپ خىتايدىن ئىبارەت ئىككى مىللەتنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ھەمدە رۇسس مەدەنىيىتى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئاسمان – زىمىن پەرق بارلىقى، رۇسلار بىلەن خىتايلارنىڭ پىكىر ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن ھېچقانداق ئورتاقلىقنى تاپقىلى بولمايدىغانلىقى، رۇسلارنىڭ مىللەتچىلىك ھېسسىياتىغا كۆرە ئۆز مەدەنىيىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، رۇسلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە ھېچ قىزىقمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۈگۈن رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىجىل مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسس مىللىتى بىلەن خىتاي مىللىتى ئوتتۇرىسىدا تارىختىكىگە ئوخشاشلا ھېچقانداق يېقىنلىق شەكىللەنمىگەن.

خىتاي – رۇس دوستلۇقى

رۇسس مۇخبىرى بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئىجىل بىر مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈشكە ئېھتىياج تۇغۇلسا، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل تېرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە بۇنداق بىر تەسەۋۋۇرنى تىلغا ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە رۇسس پۇقرالىرى ئاندا – ساندا خىتاي ئاشخانىلىرىغا كىرىپ تاماق يېسىمۇ، ئاشخانىدىن چىققاندىن كېيىن خىتايلارغا قاراپمۇ قويمايدىكەن. خىتايلار بىلەن دوست بولغان رۇسنى كۆرگىلى بولمايدىكەن.

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن غەرب مەتبۇئاتلىرى سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇشى ۋە رۇسىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇشى خىتاي – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جان تومۇرى، دەپ تەرىپلەنگەن ھەمدە خۇ جىنتاۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتىنىڭ ئاساسى مەقسىتى خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئېنېرگىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت، دەپ چۈشەندۈرۈلگەن بولسىمۇ، غەرب سىياسەتچىلىرى ئۇلار ئارىسىدىكى تېخىمۇ مۇھىم بىر مەسىلىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېررورىزىمغا قارشى ئورتاق سەپ قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە شۇنداقلا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇشىنىڭ ئاساسى مەقسىتىنىڭ چېچىنىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي بۆلگۈنچىلىرىنى چەكلەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە. (ئەكرەم)