خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ موسكۋا زىيارىتىنى باشلىدى

0:00 / 0:00
xitay-rusiye.jpg
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ رۇسىيىدە باشلانغان "خىتاي يىلى" نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا كرېملىن سارىيىدا كۈرەشمەكتە. AFP

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا دۈشەنبە كۈنى چۈشتە خۇجىنتاۋ موسكۋانىڭ ۋىنۇكوۋا -2 ئايرودرومىغا كېلىپ، رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇشكوپنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كرېمىل سارىيىدا پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان، سۆھبەت تار دائىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، رۇسىيە تەرەپتىن ۋلادىمىر پۇتىندىن باشقا يەنە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دمىترىي مېدۋېدىيېۋ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروپ شۇنىڭدەك پۇتىننىڭ ياردەمچىسى، خىتاي تەرەپتىن خۇ جىنتاۋدىن باشقا مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋۇ يى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ ھەم خىتاينىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىسى لىئۇ گوچۇئەن قاتناشقان.

رۇسىيىنىڭ "سترانا" ئۇچۇر سەھىپىسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ سۆھبىتى جەريانىدا كۆپ مەسىلىلەر تەكىتلەنگەن بولۇپ، خۇ جىنتاۋ رۇسىيە –خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئون يىلغا تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، " بىز رۇسىيىلىك دوستلار بىلەن بىرلىكتە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىككى مەملىكەت خەلقلىرىنىڭ پايدىسى ۋە تىنچلىق ھەم مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىشكە تەييارمىز" دېگەن. خۇ جىنتاۋ سۆزىدە بۇ 10 يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىدە زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

سۆھبەتنىڭ خۇلاسىسى سۇپىتىدە خۇجىنتاۋ بىلەن ۋلادىمىر پۇتىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق كۆپلىگەن مەسىلىلەردىكى ئورتاق مەيدانىنى ئىپادە قىلغان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنى كەچتە خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋلادىمىر پۇتىن بىرلىكتە "خىتاي يىلى" پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

"خىتاي يىلى" پائالىيىتى

رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۇچراشقاندا ئىككى دۆلەت ئايرىم –ئايرىم ھالدا "رۇسىيە يىلى" ۋە "خىتاي يىلى" پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن بولۇپ، ئالدى بىلەن خىتاي 2006-يىلى رۇسىيە يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. خىتاي 2006-يىلىدىكى "رۇسىيە يىلىنى" ناھايىتى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 500 مىڭ ئادەمنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشتۇردى ھەمدە 300 دىن ئارتۇق ھەر خىل شەكىل ۋە مەزمۇندىكى پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى. بۇ جەرياندا رۇسىيىنىڭ 65 ئوبلاستىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى. بۇ قېتىم رۇسىيىدە باشلانغان " خىتاي يىلى" جەريانىدا رۇسىيە تەرەپ 200 خىلدىن ئارتۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ يەنە موسكۋادا كۆلىمى زور بولغان. " خىتاي دۆلەت ئەھۋالى كۆرگەزمىسى " نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى. خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى مەزكۇر كۆرگەزمە ئارقىلىق خىتاينىڭ ئېنېرگىيە، ماشىناسازلىز، ئاپتوموبىل،ئائىلە تېخنىكا ۋە باشقا ساھەسىنىڭ 150 مىڭ خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىغانلىقى شۇنىڭدەك تەخمىنەن تۆت مىليارد دوللار قىممىتىدە سودا كېلىشىمى تۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاي يىلى پائالىيىتى جەريانىدا رۇسىيە ۋە خىتاي سەنئەتكارلىرى ئۆزلىرىنىڭ نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىشىدۇ شۇنىڭدەك خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە سەنئىتى ۋە باشقىلار رۇسىيە جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇلىدىكەن.

زىيارەتنىڭ خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنىشى

خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا بەش خىل ئاساسىي مۇدداغا يېتىدىغانلىقىنى يەنى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن خەلقارا ۋە رايون خاراكتېرلىق بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق، خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئىران ۋە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ھەمدە ئوتتۇرا شەرق كرىزىسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شۇنىڭدەك ب د ت ئىسلاھاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلەر بويىچە كۆز قاراش ھەم تەكلىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇھىم خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشكە توغرا كەلگەن بولۇپ، يېقىندا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ۋاشىنگتوننىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ كېلىپ چىقىپ، رۇسىيە ئامېرىكىدىن نارازى بولدى ھەمدە ۋاشىنگتون رەھبەرلىرىنى ئەيىبلەپ، ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئارقىدىنلا، رۇسىيە ئارمىيىسى باش شىتاب باشلىقى بالۇيېۋسكىي بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يىل 7-ئايدا خىتاي-رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋەر ئۆتكۈزۈش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى.

مەقسەت – سودا-ئېنېرگىيە

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇ جىنتاۋ موسكۋا سەپىرىنى باشلاشتىن ئىلگىرى رۇسىيە مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆتكەن يىلى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودىسى 28 مىليارد دوللاردىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 15 مىليارد دوللار رۇسىيىدىن خىتايغا ئېكىسپورت قىلىش، 12 مىليارد دوللار خىتايدىن رۇسىيىگە ئېكىسپورت قىلىش ئاساسىدا يارىتىلغان.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خىتاينىڭ رۇسىيە ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىشنى كۈچەيتىش، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا نېفىت ئاققۇزۇش ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى مۇھىم مۇددىئا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خىتاي ئىككى تەرەپ سودىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقى ھەمدە رۇسىيە بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى داۋاملىق ئىزھار قىلىپ كەلمەكتە.

ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى

خىتاي بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1949-يىلى 2-ئۆكتەبىردە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، رۇسىيە بىلەن خىتاي سۆھبەت خاتىرىسى تۈزۈپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇرۇنقى مۇناسىۋەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. 1997-يىلى ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتقان ھەمدە 2001-يىلى"رۇسىيە –خىتاي ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى " ئىمزالانغان. 2005-يىلى 6-ئايدا "خىتاي –رۇسىيە 21-ئەسىر دۇنيا تەرتىپى ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتى" ئېلان قىلدى، دېمەك خىتاي –رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى قەدەممۇ-قەدەم مۇكەممەللىشىپ، ئۇلار ئارىسىدا كۆپلىگەن كېلىشىملەر تۈزۈلدى. (ئۈمىدۋار)