رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىناق قوشنا، ياخشى دوست ۋە ياخشى شېرىك


2007.03.27

xitay-yili-200.jpg
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 27 – مارت كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا. AFP

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئىككى كۈندىن بۇيان موسكۋا زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا، بۇ جەرياندا ئۇ بىر قاتار پائالىيەتلەرگە ئېلىپ باردى ھەمدە بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى. 26 - كۈنى كەچتە خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋلادىمىر پۇتىن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى " خىتاي يىلى" پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. خۇ جىنتاۋ سۆزىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داغدام تەرەققى قىلىپ، بىر قاتار زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، "جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى شېرىك. بۇ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ دۆلەت مەنپەئەتلىرىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى" دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي سەنئەت نومۇرلىرى، خىتاي مەدەنىيىتى نامايىش قىلىنغان مەزكۇر مۇراسىمدا ۋلادىمىر پۇتىنمۇ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، مەزكۇر خىتاي يىلى پائالىيىتىنىڭ زور ئەھمىيەتلىك ۋەقە ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇنىڭ رۇسىيە - خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ياخشى قوشنا، ياخشى شېرىك ئىكەنلىكىدىن بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە بۇ ئىككى دۆلەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزارا بىر - بىرىنى مەھلىيا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 26 - مارت كۈنى خۇ جىنتاۋ كرېمىل سارىيىدا ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تار دائىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئىككى پرېزىدېنت بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.

16 ماددىدىن تەركىپ تاپقان " رۇسىيە - خىتاي بىرلەشمە باياناتى" ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، بىخەتەرلىك، خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىق مۇناسىۋەت، سودا - ئىقتىساد، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن تاشقىرى يەنە، باياناتنىڭ 2 - ماددىسىدا " 2001 - يىلى 16 - ئىيۇلدا تۈزۈلگەن " خىتاي –رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى" نىڭ پرىنسىپلىرى ۋە روھى بويىچە، ئىككى تەرەپ مۇستەقىللىق، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىق زور مەسىلىلەردىكى ئۆزارا قوللاشنى كۈچەيتىدۇ. رۇسىيە تەرەپ خىتاي تەرەپنىڭ تەيۋەن ۋە تىبەت مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپلىق مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر بىرلەشمە باياناتتا يەنە خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىران، ئىراق، ئافغانىستان، شىمالىي كورىيە مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ئورتاق مەيدانى ۋە پىرىنسىپلىرى تەكىتلەنگەن. باياناتتىكى ئۆزگىچىلىك شۇكى، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئافغانىستاندىن كېلىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك تەھدىدىگە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش مېخانىزىمى قۇرۇپ، زەھەرلىك چېكىملىككە زەربە بېرىشتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە ئافغانىستان ئەتراپىدا" زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى بىخەتەرلىك بەلۋېغى " تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان.

"ئۈچ خىل كۈچ" كە زەربە بېرىش يەنىلا ئورتاق تېما

خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋلادىمىر پۇتىن ئىمزا قويغان بىرلەشمە باياناتتا خۇددى بۇرۇندىن تارتىپ تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە ئورتاق زەربە بېرىش تېمىسى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن بولۇپ، بىرلەشمە باياناتنىڭ 14 - ۋە 15 - ماددىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەم رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش شۇنىڭدەك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدىكى ھەمكارلىقلارنى ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنىنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ رامكىسى ئاستىدا "ئۈچ خىل كۈچ"لەرگە زەربە بېرىش ھەمكارلىقىنىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كۆرسىتىلگەن. بىراق، مەزكۇر باياناتنىڭ ئۆتكەن قېتىم ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن خۇ جىنتاۋ ئارىسىدا ئىمزالانغان باياناتلاردىن پەرقلىق تەرىپى شۇكى ئىلگىرىكىلەردە ئىككى دۆلەتنىڭ ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تېررورچى كۈچلىرىنى خەلقئارا تېررورىزمنىڭ بىر قىسىمى ھېسابلاپ بىرلىكتە زەربە بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسا، بۇ قېتىم مەزكۇر نۇقتا كونكېرت تىلغا ئېلىنمىغان.

ئەمما، خىتاي بىلەن رۇسىيە 1996 - يىلى شاڭخەي بەش دۆلەت تەشكىلاتىنى بەرپا قىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى ئورتاق زەربە بېرىش مەيدانىنى ئىزچىل ئىپادىلەپ كەلگەن. بولۇپمۇ، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان نامىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتى تېررورىزمنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئورتاق قارشى تۇرىدىغان نىشانى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرى ۋە ئورتاق باياناتلىرىدىن داۋاملىق ئورۇن ئالدى. خىتاي رۇسىيىنىڭ چېچىنىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قوللىسا، رۇسىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تۇتقان سىياسىتىنى قوللاپ، چېچەنلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى تېررورىزم رامكىسىغا كىرگۈزدى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ سابىق چار رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن تارتىپلا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئويۇن قەرتى بولۇپ كەلگەنلىكى سىر ئەمەس.

يېڭىلىق - سودا –ئىقتىساد

ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خىتاي موسكۋادا "خىتاي دۆلەت ئەھۋالى كۆرگەزمىسى" ئاچقان بولۇپ، پۇتىن بىلەن خۇ جىنتاۋ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. خەۋەرگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى خىتاي كومپانىيىلىرى بىلەن رۇسىيە كومپانىيىلىرى ئارىسىدا ئومۇمىي سوممىسى 4. 3 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 20 نەچچە كېلىشىم ۋە توختام تۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ تۈرلىرى ھەر خىل بولۇپ، يەر ئاستى بايلىقلىرى، ئېنېرگىيە، تېخنىكا شۇنىڭدەك سۈنئىي ھەمرا تېخنىكىسى ۋە باشقا ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۆتكەن يىلى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودىسى 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ يىل تېخىمۇ ئېشىشى مولچەرلەنمەكتە.

ئەكىس ئىنكاسلارمۇ مەۋجۇت

رۇسىيە خىتاي رەھبەرلىرى ئۆزارا مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر ئۆز مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئورتاق مەيدانىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم رۇسىيە كۆزەتكۈچىلىرى يەنىلا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھۇشيار بولۇش لازىملىقى، چۈنكى، خىتاينىڭ رۇسىيىگە نىسبەتەن يوشۇرۇن تەھدىد ئىكەنلىكى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئەزەلدىنلا مۇقىم بولمىغانلىقى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيىدە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىنىڭ كەلگۈسىدە رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە ۋە يىراق شەرقىغە تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

ئەنە شۇنداق ئانالىزلارنىڭ بىرى رۇسىيىنىڭ www.gazeta.ru تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ئەگەر رۇسىيىلىكلەرنىڭ خىتايلارنىڭ رۇسىيە زېمىنىغا ئاممىۋى يوسۇندا ماكانلىشىشىنى خەتەرلىك دەپ ھېسابلىسا، ئۇ چاغدا ھازىرقى غەربكە قارشى تاشقى سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، NATO غا كىرىشنى، چۈنكى ئۇ چاغدا خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن ئەمەس، بەلكى NATO بىلەن چېگرىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رۇسىيىنىڭ بىخەتەرلىكىنى غەرب بىلەن بىرگە قوغداش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم يەنە رۇسىيە باش مىنىستىرى فرادكوپ ۋە دۆلەت دۇماسىنىڭ باشلىقى گلېزنوپ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، پىكىر ئالماشتۇرغان. 27 - مارت كۈنى قازاننى زىيارەت قىلىپ، تاتارىستان پرېزىدېنتى شەمىيېۋ بىلەن كۆرۈشكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.