خۇ جىنتاۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتىدىن ئىنكاسلار
2007.03.28

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ۋە رۇسىيىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان "خىتاي يىلى" پائالىيىتى غەرب ھەم رۇسىيە مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋە رۇسىيىنىڭ بىر قىسىم گېزىتلىرىدا بۇ ھەقتە تۈرلۈك ئانالىزلار ھەم كۆز قاراشلار شۇنىڭدەك خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدىكى پەرەزلەر داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇلارنىڭ بىر قىسىمدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي نۇقتىدىن قارالغان بولسا، يەنە بىر قىسىملىرىدا سەلبىي ۋە مەۋھۇم جەھەتتىن باھا بېرىلگەن.
ئەلۋەتتە، خىتاي ۋە رۇسىيە رەسمىي مەتبۇئاتلىرى جۈملىدىن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، بېيجىڭ-موسكۋا ھەمكارلىقلىرىنى " ياخشى دوست، ياخشى قوشنا ۋە ياخشى شېرىك " دەپ خاراكتېرلىگەن. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان " بىرلەشمە بايانات" تا بىر قەدەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
"ئىككى ئېيىق بىرلىشىپ، ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرماقچى"
رۇسىيە بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا ئىران، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەردىكى ئورتاق مەيدانىنى ئىپادە قىلغان شۇنىڭدەك يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەت يەنى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىغا ۋە ن ئا ت ئو نىڭ شەرققە كېڭىيىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرمەكتە.
گېرمانىيىدە چىقىدىغان ئاتاقلىق گېزىتلاردىن بىرى "فرانكفورت كۈندىلىك گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان مىخائىل لۇدۋىگنىڭ " ئىككى ئېيىق –رۇسىيە-خىتاي ئامېرىكىنى چەكلىمەكچى" ماۋزۇلۇق ماقالە ۋەكىل خاراكتېرلىق بولۇپ، ئاپتور خۇ جىنتاۋنىڭ موسكۋا زىيارىتىنىڭ مۇھىم ئارقا كۆرۈنۈشلۈك دەۋر شارائىتىغا توغرا كەلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ، بۇنى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئىككى ئاي بۇرۇن ميۇنخېندىكى بىخەتەرلىك يىغىنى جەريانىدا سۆزلىگەن ئامېرىكىغا قارشى سۆزى بىلەن باغلايدۇ. چۈنكى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى رۇسىيىنى بىئارام قىلغان بولۇپ، ۋلادىمىر پۇتىن شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكىنى تەنقىد قىلغان. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بۇ مەسىلىدە پىكىر ئىختىلاپ كېلىپ چىققان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنى يېڭى "سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى" غا ئوخشاتقان ئىدى.
گېرمانىيە ئانالىزچىسى مىخائىل لۇدۋىگ ماقالىسىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا چەكلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇلار ئېلان قىلغان "بىرلەشمە بايانات" تا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدىكى مەيدانىنىڭ ئورتاقلىقى كۆرسىتىلگەنلىكى، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى شاڭخەي تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرىنى تاقاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئەلۋەتتە، قوشۇمچە قىلىش مۇمكىنكى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن قويۇق ھەربىي سىياسىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، بولۇپمۇ قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇشى خىتاي بىلەن رۇسىيىنى بىئارام قىلغان. بۇ ئىككى دۆلەت شاڭخەي تەشكىلاتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلىتىشقا تىرىشقان. 2005-يىلى ئاستانادا ئېچىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالى رەھبەرلەر يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان خىتاپنامىدە ئاشكارا ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بازىسىنى تاقاش تەشەببۇس قىلىنغان. ئارقىدىنلا، رۇسىيە بىلەن خىتاي شەندوڭ ئۆلكىسىدە كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانىۋەر ئۆتكۈزگەن ھەمدە بۇ ئىككى دۆلەت ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ مەيدانىغا تەتۈر پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلگەن. مانا مۇشۇ بىر قاتار ئەھۋاللار كۆزەتكۈچىلەرنى بۇ ئىككى دۆلەتتە ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتى مەۋجۇتلۇقىنى ھۆكۈم قىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرىدە توقۇنۇش بار
مىخائىل لۇدۋىگ ماقالىسىدە گەرچە، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى يېقىندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن ئىختىلاپلار بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، گەرچە رۇسىيە بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىدە يەنىلا توقۇنۇش مەۋجۇت، رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى بەكرەك كۈچەيتسە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى سەزگەن ھەمدە بايلىق مەنبەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتىمۇ ئۇلار ئارىسىدا رىقابەت شەكىللەڭەن. چۈنكى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنيا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنى ئېكىسپورت قىلىشنى مونوپول قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىندىن بۇيان خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەن ھەمدە قازاقىستان نېفىتلىرىگە ئېرىشىشكە باشلىغان شۇنىڭدەك تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستان تەبىئىي گازلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا، رۇسىيە "گازپروم" شىركىتىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن گاز كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، نۆۋەتتە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈركمەنىستان گېزىنى قولغا كەلتۈرۈشتە رىقابەت مەۋجۇت.
رۇسىيە يىراق شەرقتىن ئەنسىرەيدۇ
گەرمان مۇلاھىزىچىسىنىڭ پىكىرلىرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە خىتاينىڭ سىبىرىيە ۋە يىراق شەرقىدە ئىقتىسادىي ھەم نوپۇس جەھەتتىن كېڭىيىشىدىن قورقۇنچ ھېس قىلماقتا، رۇسىيىنىڭ ئەندىشىسى، رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان خىتاينىڭ شىمالىي رايونلىرىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تېزلىكى بولۇپ چۈنكى، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە رايونلىرىدا ئىقتىسادنىڭ چۈشۈشى بىلەن ئاھالىلار بۇ جايلاردىن كەتمەكتە. رۇسىيىلىكلەر سىبىرىيىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ رۇسىيە شىركەتلىرىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاكتىپلىشىشى بىلەن خىتاينىڭ كېڭىيىشىگە تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە موسكۋا خىتاي بىلەن بولغان تاشقى سودادىنمۇ بىئاراملىق ھېس قىلغان بولۇپ، چۈنكى، خىتايغا ماڭدۇرۇلىدىغان 90% رۇسىيە مەھسۇلاتلىرى يەر ئاستى بايلىقلىرى يەنى ئالدى بىلەن نېفىتتىن ئىبارەت بولۇپ، ماشىناسازلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىش ئازلاپ كەتكەن، ئەكسىچە خىتاي ئېلېكتىر سايمانلىرى، ماشىناسازلىق مەھسۇلاتلىرىنى رۇسىيىگە ئېكىسپورت قىلىشنى ئاشۇرغان، رۇسىيە پۈتۈن دۆلەتنىڭ خۇددى يىراق شەرققە ئوخشاشلا خىتاي سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.
خۇ جىنتاۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتى توغرىسىدا رۇس ئانالىزچىلىرىمۇ بىر قاتار ئىنكاسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، "خەۋەرلەر" گېزىتىدە بۇ ھەقتە بىر قاتار ئۇچۇرلار مەۋجۇت. مەزكۇر گېزىتتىكى " خىتاي رۇسىيىگە تەھدىدمۇ؟ " ماۋزۇلۇق ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، بىر قىسىم رۇسىيە زىيالىيلىرى خىتاينىڭ يىراق شەرق، سىبىرىيە قاتارلىق جايلىرىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كىرىشى ۋە خىتايلارنىڭ بۇ رايونلاردا تۈرلۈك ئىشلەپ چىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق، خىتاينى خەتەرلىك ھېس قىلماسلىق كېرەك دېسە، يەنە بىر قىسىملىرى خىتاينىڭ كەلگۈسىدە رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە ۋە يىراق شەرقى ئۈچۈن تەھدىد بولىدىغانلىقى، رۇسىيىنىڭ بۇ جايلىرىنىڭ بارا-بارا خىتايغا باغلىنىپ قېلىشى، ھەتتا خىتايلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ، رۇسىيىگە يەرلىشىپ، كەلگۈسىدە موسكۋا ھۆكۈمىتىدىن رۇسىيە تۇپراقلىرىدا ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، خىتاي تەسىرىنى ھازىردىن ئېتىبارەن توسۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىناق قوشنا، ياخشى دوست ۋە ياخشى شېرىك
- خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ موسكۋا زىيارىتىنى باشلىدى
- خۇجىنتاۋنىڭ موسكۋا زىيارىتى ۋە "خىتاي يىلى" پائالىيىتى
- رۇسىيە ئارمىيىسى شىتاب باشلىقىنىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە رۇسىيە-خىتاي ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى
- رۇسىيىنىڭ ئامۇر ئوبلاستىدا خىتايغا قارشى دولقۇن قوزغىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا
- خىتاي، رۇسىيە ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى
- رۇسىيە-خىتاي مەخپىي مۇناسىۋەتلىرى
- خىتاي -رۇسىيە قورال-ياراق سودىسى داۋاملاشماقتا
- رۇسىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەمدە تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىدى
- رۇسىيە بىلەن خىتاي غەربنىڭ "ئەل قائىدە" گە ئوخشاش دۈشمىنىمۇ؟
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقلار
- خىتاي بىلەن رۇسىيە ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟
- رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى قاراشلار
- ئەجدىھا يولى
- خىتاي بىلەن رۇسىيە قازاقىستان نېفىتىنى تالاشماقتا