خىتاي-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت


2007.08.17

خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 17‏- ئاۋغۇست كۈنى ئاخىرلاشقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىدا تېز ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئەمما بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر ئېيتىشىچە، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن.

خىتاي-رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى ۋە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدىن كېيىن، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تېز تەرەققى قىلىشقا باشلىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى دائىرىسىنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي ۋە رۇسىيە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتتى.

رۇس سىياسىي مۇلاھىزىچىسى سېرگېي بلاگوفنىڭ "ئاسىيا ۋاقتى" گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 17‏- ئاۋغۇست كۈنى ئاخىرلاشقان ھەربىي مانېۋىرى، ئەسلىدە، بىرىنچى قېتىم 2005‏- يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا خىتاينىڭ شەرقىي رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەم خىتاي ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلانغان بىر قاتار ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ۋە خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي مانېۋىرلار، موسكۋا ۋە بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئورتاق تەسىر دائىرە ئىچىگە ئېلىش ئىرادىسىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى ئىكەن.

خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ بۇ ئىرادىسى 15‏- ۋە 16‏- ئاۋغۇست كۈنلىرى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا تېخىمۇ ئاشكارا بىر شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي ۋە رۇسىيە يېتەكچىلىكىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقانداق تەھدىتكە قارشى تۇرۇش كۈچى ۋە قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ھەمدە ئامېرىكىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن نېرى تۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

لېكىن، بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە رۇسىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېخى ھەل بولمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن.

بېيجىڭ ۋە موسكۋانىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەققىدىكى نىشانى پەرقلىق

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ۋە رۇسىيە ھەم ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەر ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ ۋە موسكۋانىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەققىدىكى نىشانى پەرقلىق ئىكەن. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرى كۈنسېرى يىرىكلىشىۋاتقان رۇسىيە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كەلگۈسىدە سىياسىي ۋە ھەربىي بىر ئىتتىپاققا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان بولسا، خىتاي بۇ تەشكىلاتتىن ئاساسەن، ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچ"لەرگە قارشى تۇرۇش، يەنى بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە ئەسەبىي دىنىي كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش شۇئارى ئاستىدا، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇش، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كېڭىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە رايوندىكى دۆلەتلەردە ئىقتىسادىي تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

سىياسىي مۇلاھىزىچى سېرگېي بلاگوفنىڭ "ئاسىيا ۋاقتى" گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ كۆپ ئەھمىيەت بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدە جىددىي مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن .

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپ تەبىئىي گازنىڭ باھاسى مەسىلىسىدە بولۇپ خىتاي، رۇسىيە تەرىپىدىن سۇنۇلغان تەبىئىي گاز باھاسىنى قىممەت دەپ قاراپ، تەكلىپ قىلىنغان باھادا رۇسىيىدىن تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشنى رەت قىلماقتا. ھەتتا 10‏- ئىيۇل كۈنى، بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان، رۇسىيە سانائەت ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ۋىكتور خىرىستىنكو، "رۇسىيىنىڭ تەبىئي گازىنى خىتايغا يۆتكەش يولى مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەر بۇ يىل ئاخىرلاشمىسا، رۇسىيە خىتايغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن"، دېگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بېيجىڭ ۋە موسكۋا ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بېرى ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى مەسىلىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرمۇ تېخى بىر نەتىجە بەرمىگەن. 1990‏- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا رۇسىيە ۋە خىتاي، رۇسىيىنىڭ سىبىرىيىدىكى ئىركۇتسك رايونىدىن خىتايغا ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى يۆتكەش پىلانى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، لېكىن ئىككى تەرەپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىنىڭ باھاسى ئۈستىدە كېلىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، 1999‏- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلاننى بىكار قىلغان.

ئەڭ مۇھىمى، دەيدۇ سېرگېي بلاگوف "ئاسىيا ۋاقتى" گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، رۇسىيە سودىگەرلىرى، خىتاي سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ رۇسىيىدە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. ئۆتكەن ئاي رۇسىيە تەبىئىي مونوپولىيە ئىنستىتۇتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ، رۇسىيىدە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىقلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا-ئىقتىساد ساھەسىدە بولۇپمۇ، رۇسىيىنىڭ خىتايغا ئېنېرگىيە ئېكسپورتى مەسىلىسىدە مەۋجۇت ئىختىلاپلار بىر تەرەپ بولۇشى كېرەك(ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.