رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى


2005.08.18
RUSSIA-CHINA-MILITARY-69.jpg
خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنى قوماندانى لياڭ گۇئاڭليې ۋە رۇسىيە ئارمىيىسى قوماندانى يۇرى بالۇيېۋىسكي رۇسىيىنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرىدە . AFP

8-ئاينىڭ 18-كۈنى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ "تىنچلىق ۋەزىپىسى-2005" دەپ ئاتالغان تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى رەسمى باشلاندى. بىر ھەپتىگە سوزۇلىدىغان مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرگە ئىككى دۆلەتنىنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز قىسىملىرىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرنىڭ قاتنىشىشى بەلگىلەنگەن بولۇپ، رۇسىيە تەرەپنىڭ مانېۋىرگە ئىشتىراك قىلىدىغان ئەسكەر سانى خىتاينىڭكىدىن ئازراق، يەنى جەمىي 1800 نەپەر بولىدۇ.

رۇسىيە –خىتاي بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئاساسلىق ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرىنچى باسقۇچ رۇسىيىنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرى ئەتراپىدا باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي رەھبەرلىرى ئۇچرىشىپ، ھەربىي بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ۋە مانېۋىرنىڭ پىلانلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ 20-ئاۋغۇست كۈنى باشلىنىپ، مانېۋىر رۇسىيە تەۋەسىدىن خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى چىڭداۋ ئەتراپىغا يۆتكىلىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرىنىڭ مانېۋىر رايونىغا توپلىنىش ۋە تارقىلىشىدىن ئىبارەت مەشىق خاراكتېرلىق مانېۋىر شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3- باسقۇچ 23-ئاۋغۇست كۈنى باشلىنىپ 25-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدۇ. بۇ مەزكۇر مانېۋىرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، بۇنىڭدا پاراشوتچى قىسىملارنىڭ بەلگىلەنگەن نۇقتىلارغا توپلىنىپ ھۇجۇم قىلىشى ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچىلىرىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش ئوپېراتسىيىسى ۋە باشقا ھەر خىل ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى كۆرسىتىلىدۇ ھەمدە رۇسىيە ۋە خىتاي شۇنىڭدەك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ، مانېۋىرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ چىقىملىرىنى خىتاي زىممىسىگە ئالغان

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى خىتاي زىممىسىگە ئالغان. رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال ئارمىيە يۇرى بالۇئېۋسىكىي بىلەن خىتاي ئارمىيىسى قوماندانلىق شىتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال پولكوۋنىك لياڭ گۇئاڭلى ئۇچرىشىپ، مەزكۇر مانېۋىرگە بىرلىكتە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ئۇلار بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ ئەھمىيىتىنى يۇقىرى باھالىغان.

رۇسىيە ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال ئارمىيە بالۇئېۋكسىي ئەسلىدە رۇسىيىنىڭ خىتايدىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئەسكەر چىقىرىپ، مانېۋىرگە قاتناشتۇرۇشىغا تامامەن قادىر ئىكەنلىكى، بىراق بۇنىڭ زور ئىقتىسادىي چىقىم تەلەپ قىلىدىغانلىقى تۈپەيلىدىن، بۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ مانېۋىرنىڭ تۈپ مەقسىتى ھەققىدىكى ئىنكاسلار ھەر خىل بولماقتا

بۇ مانېۋىر خەلقارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ھەربىي ئىشلار كۆزەتكۈچىلىرى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ بۇنىڭدىن كۆزلىگەن مەقسىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ مانېۋىر ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ تەيۋەنگە تەھدىد سېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزىلەر خىتاينىڭ ياپونىيىگىمۇ سىگنال بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، چۈنكى خىتاي ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ ئورتاق قوغدىنىش ئىستراتېگىيىلىك پىلانىدىن نارازى بولغان بولۇپ، بۇ پىلان دائىرىسىگە تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن. خىتاي ئۆزىنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولغان. بىراق، خىتاي ۋە رۇسىيە ھەربىي رەھبەرلىرى بۇ مانېۋىرنىڭ باشقا ھەر قانداق دۆلەتكە تەھدىد سېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي قوماندانى لياڭ گۇئاڭلى بولسا، بۇ مانېۋىرنىڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش رامكىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

رۇسىيە تەرەپنىڭ مەقسىتى، ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلىرىنى نامايىش قىلىپ، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ قۇدرىتىنى، كۈچلۈك ۋە يۇقىرى ھەربىي تېخنىكىلىرىنى خىتايغا ھەم خەلقاراغا كۆز-كۆز قىلىشتىن ئىبارەت . خىتاي سىياسىيونى ، دوكتور ساۋ چاڭچىڭنىڭ ئېيتىشىچە،چۈنكى، خىتاي رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قورال خېرىدارى بولۇپ، خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا رۇسىيە ئومۇمىي قورال سودىسىنىڭ 40٪تىن ئاشىدۇ. قورال سودىسى جەھەتتە خىتاينىڭ رۇسىيىگە، رۇسىيىنىڭ خىتايغا ئېھتىياجى بار.

خىتاي ئۆزىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئاشۇرۇپ تەشۋىق قىلماقتا

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، يېقىندا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئىككى قېتىم موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، ئىككى مەملىكەتنىڭ تۈرلۈك دائىرىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىشنى تەكىتلىدى. خۇ جىنتاۋ رۇسىيە-خىتاي سودىسىنىڭ قىممىتىنى 80 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئۆز مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى مەدھىيىلىگەن ئىدى.

كانادىكى رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور جاڭ يىخۇن رۇسىيىدىكى "خەۋەرلەر" گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر خىتاينىڭ رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جۈملىدىن بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىرنى ھەدەپ ئاشۇرۇپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بولسا ئادەتتىكىدەك مۇئامىلىدە بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ بۇ مانېۋىردىن بىرەر مەقسەتنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئارىدا ئىختىلاپ پەيدا بولغان

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا مانېۋىر جەريانىدا رۇسىيە بىلەن خىتاي تەرەپ ئارىسىدا دەسلەپكى ئىختىلاپلار كۆرۈلگەن بولۇپ، كېلىشىم بويىچە، خىتاي مۇخبىرلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلىرى ھەربىي مانېۋىرگە قاتناشقان بارلىق رۇسىيە قىسىملىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما، خىتاي تەرەپ رۇسىيە ژۇرنالىستلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ خىتاي ھەربىي نۇقتىلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. نەتىجىدە، رۇسىيە تەرەپ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي مەتبۇئات خادىملىرىنى رۇسىيە ھەربىي نۇقتىلىرىنى زىيارەت قىلدۇرماسلىق ۋە رۇسىيە ھەربىلىرىنىڭ خىتاي مۇخبىرلىرى بىلەن سۆزلىشىشىنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقارغان. خىتاي تەرەپ ھەتتا ياپونىيە مۇخبىرلىرىنى مانېۋىرنى زىيارەت قىلدۇرماسلىق ھەققىدە رۇسىيە دائىرىلىرىگە تەلەپ قويغان بولسىمۇ ، بىراق رۇسىيە بۇنىڭغا قۇلاق سالمىغان.

ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي مۇتەخەسسىس دوكتور ساۋ چاڭچىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەيلى قانچىلىك ئۆز مۇناسىۋەتلىرىنى مەدھىيلىسۇن ۋە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزسۇن، بەرىبىر ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىشەنچىسىزلىك ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەقىقىي ھەمكارلىقنىڭ ھېچقاچان بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.