خىتاي ئاسىياغا تەھدىتمۇ؟


2005.08.25

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 25-ئاۋغۇست كۈنى رەسمى ئاخىرلاشتى. خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ھەربىي ۋە سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەزكۇر مانېۋىر خىتاي ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن يۇقىرى باھالاندى.

CHINA-RUSSIA-MILITARY-61.jpg
مانېۋىرغا قاتناشقان رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرمەكتە. .AFP

مانېۋىرنىڭ 3- باسقۇچىنىڭ خاتىمىسىگە ئۈلگۈرۈپ خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى مانېۋىر مەيدانىغا يېتىپ كەلگەن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوپ بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۈئەن ئەتىگەنلىك تاماقنى بىرگە يېگەچ ئولتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان تىلەكلىرىنى شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات سەھىپىسىنى يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوپ ۋە ئۇنىڭ خىتايلىق كەسىپدېشى ساۋ گۇئاڭچۈئان يەنە بىر قېتىم بۇ مانېۋىرنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە تەھدىد سېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەمما، خىتاي ۋە رۇسىيە تەرەپ رەسمى شەكىلدە رۇس-خىتاي ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنىڭ باشقىلارغا تەھدىد ئەمەسلىكىنى ئاقلىشىدىن قەتىي نەزەر، بەرىبىر ئامېرىكا، تەيۋەن شۇنىڭدەك خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان بەزى مەملىكەتلەرنىڭ مەزكۇر مانېۋىرغا جىددىي قاراۋاتقانلىقى، خەلقارا مۇناسىۋەتلەر جۈملىدىن رۇسىيە-خىتاي، رۇسىيە-ئامېرىكا شۇنىڭدەك ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە ھەر خىل ئىنكاسلاردا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

كۆپىنچە غەرب كۆزەتكۈچىلىرى خىتاينىڭ بۇ قېتىم رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، پۈتۈن خىراجەتلەرنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ، ھەتتا رۇسىيە قوشۇنلىرىنى ئۆز تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزۈپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىدىكى مەقسىتىنىڭ پەقەت ئۆز قۇدرىتىنى دۇنياغا تەشۋىق ۋە كۆز-كۆز قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىشمەكتە.

خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى ئەمەلىيەتتە ئاسىيانى بىرلەشتۈرۈش ئەمەس بەلكى ئۇنى تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىۋېتىدۇ

لوندوندا چىقىدىغان "ئىقتىسادىي دەۋر" گېزىتىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلغان غەرب كۆزەتكۈچىسى دانىئەل تۋىننىڭ ئەپەندى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېز گۈللىنىش بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىش روھىدىن ئەندىشە قىلماسلىقنى، چۈنكى، خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئەمەلىيەتتە، ئاسىيانى بىرلەشتۈرۈش ئەمەس بەلكى، ئۇنى تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدىغانلىقىنى، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زور مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق يەكۈن چىقىرىدۇ:

خىتاي ئاسىياسىنىڭ ئىقتىسادىي پاراۋوز بېشى بولۇش بىلەن مەزكۇر قىتئەگە ھەمكارلىق ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن بەلكى، يەنە بۇ جايغا يېڭى زىددىيەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى ئاسىيا رايونىنىڭ يېڭىدىن بىرلىككە كېلىدىغان قىياپىتىگە تۆھپە قوشمايدۇ بەلكى، ھەر خىل مەملىكەتلەر مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆزارا توقۇنۇشلىرىنى قوزغايدۇ ۋە ئۇلارنى مىللەتچىلىك كەيپىياتلىرىغا چۆمدۈرىدۇ.

" خىتاي ئاسىياسىنىڭ ئىقتىسادىي پاراۋوز بېشى بولۇش بىلەن مەزكۇر قىتئەگە ھەمكارلىق ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن بەلكى، يەنە بۇ جايغا يېڭى زىددىيەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى ئاسىيا رايونىنىڭ يېڭىدىن بىرلىككە كېلىدىغان قىياپىتىگە تۆھپە قوشمايدۇ بەلكى، ھەر خىل مەملىكەتلەر مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆزارا توقۇنۇشلىرىنى قوزغايدۇ ۋە ئۇلارنى مىللەتچىلىك كەيپىياتلىرىغا چۆمدۈرىدۇ."

ئانالىزچى دانىئەل تىۋىننىڭ ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ دۆلەت سىستېمىسىنىڭ دېموكراتىيىگە قارشى ھاكىممۇتلەق تۈزۈم ئىكەنلىكىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، "خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسى ئۇنىڭ ئاسىيا رايونىغا سىياسىي رەھبەرلىك قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى چەكلەيدۇ" دەپ كۆرسىتىش بىلەن ئاسىيادىكى باشقا دېموكراتىك مەملىكەتلەر خەلقارالىق قانۇن ۋە ئۆز پۇقرالىرىنىڭ قانۇنىي ھەم كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداۋاتقاندا خىتاينىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش تۇتۇشى ھەتتا "ئۆز خەلقىنى "ھۆرمەت قىلماسلىقىنىڭ" خىتايغا قىتئە خاراكتېرلىق سىياسىي باشلامچى دۆلەتكە ئايلىنىش لاياقىتىنى بەرمەيدىغانلىقىنى شەرھلەيدۇ. ئۇ ئاخىرىدا" خىتاينىڭ مۇنداق ئۇچقاندەك كۆتۈرۈلىشىگە قارىماي، بەرىبىر يېڭى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئىمپېرىيىسى بولالمايدىغانلىقىنى" خۇلاسىلايدۇ.

رۇس ئانالىزچىلىرىنىڭ كۆز قارىشى ئاستىدىكى خىتاينىڭ مەقسىتى

RUSSIA-CHINA-MILITARY-69.jpg
خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنى قوماندانى لياڭ گۇئاڭليې ۋە رۇسىيە ئارمىيىسى قوماندانى يۇرى بالۇيېۋىسكي رۇسىيىنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرىدە . AFP

رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ تەيۋەن، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىغا قارىتىلغانلىقى غەرب ئانالىزلىرىدىلا ئەمەس بەلكى، رۇسىيە تەھلىلچىلىرىنىڭ تەپەككۈرلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تورىدا بېسىلغان مارىنا گىردنېۋا، مىخائىل رومانوپ قاتارلىق ئۈچ ئاپتورنىڭ بىرلىشىپ يازغان مۇلاھىزىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ خەلقارا ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشمۇ ئورۇن ئالغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تېررورىزمغا قارشى مانېۋىرنىڭ خىتايغا ھەقىقىي كېرەك بولغان بىر تەرىپى شۇكى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭمۇ چېچىنىيەگە ئوخشاش ئۇيغۇر مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى بىلەن خىتاي ساقچى قوشۇنلىرى ئارىسىدا كۆپ قېتىم توقۇنۇش يۈز بەرگەن. دېمەك، خىتاي بۇ مانېۋىرنى "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" مەسىلىسىنى كەڭ دائىرىدە ھەل قىلىشقا پايدىلىق دەپ قارىغان.

رۇسىيە ئانالىزچىلىرى يەنە خىتاينىڭ رۇسىيىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە شۇنىڭدەك تەيۋەنگە قاراتقان تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى ھەمدە رۇسىيە ھەربىي تېخنىكىلىرى ۋە رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي سىرلىرىنى ئۆگىنىش ھەم ئىگىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي-رۇسىيە بىرلەشمە مانېۋىرى رەڭلىك ئىنقىلابلارنى چەكلەشكە چېلىنغان سىگنال

ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "مۇستەقىللىق گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان ئاندرەۋ ئوسبورن ئىسىملىك مۇلاھىزىچىنىڭ رۇسىيە-خىتاي ھەربىي مانېۋىرى ھەققىدىكى ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە شۇكى، ئاپتور رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ كۆپ خىل ئىكەنلىكى جۈملىدىن خىتايلارنىڭ ھازىر رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدە كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنىڭ موسكۋانىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقى كۆرسىتىدۇ.

مۇلاھىزىچى يەنە ئەڭ مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە موسكۋانىڭ ئۇكرائىنىيىدە يۈز بەرگەندەك رەڭلىك ئىنقىلابلارنى ئويلاۋاتقانلارغا دىققەت قىلىش ھەققىدە سىگنال چېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى، ئۇكرائىنىيە ۋە گرۇزىيىدە يۈز بەرگەن دېموكراتىك ئىنقىلابلاردىن كېيىن رۇسىيىنىڭ بۇ مەملىكەتلەردىكى تەسىرى ئاخىرلاشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، قىرغىزىستاندا دېموكراتىك ئىنقىلاب يۈز بېرىپ، رۇسىيەپەرەس ھۆكۈمەت يىقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا غەربپەرەس ۋە دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىدىغان ھاكىمىيەت دەسسىدى. نەتىجىدە، رۇسىيىنىڭ ئۆزىدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى ھاكىممۇتلەق تۈزۈملەرمۇ لىڭشىپ قالدى شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ تەسىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا رايونلاردا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ ئەھۋاللار تەبىي ھالدا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماي قالمىدى.

دېمەك، مۇلاھىزىچىلەر بۇ قېتىمقى رۇسىيە-خىتاي ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدىكى دېموكراتلارنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىنى چەكلەشكىمۇ قارىتىلغانلىقىنى شەرھىيلەشتى. ھەقىقەتەن، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى خالىمايدۇ، ئەمما ئامېرىكا ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.