ئامېرىكىدا يەنە خىتاي ماللىرىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلدى


2007.08.23

Toy-Mattel-200.jpg
ئامېرىكىنىڭ ماتتېل شىركىتى چەكلەپ يىغىۋالغان ئويۇنچۇقلارنىڭ بىرى بولغان، "باربىي ۋە تەننېر"، خىتاينىڭ شاڭخەي شەھرىدىكى دۇكانلاردىنمۇ يىغىۋېتىلگەن. 2007 - يىلى 15 - ئاۋغۇستتىكى بۇ سۈرەتتە، بۇ خىلدىكى قونچاق ئويۇنچۇقنىڭ سېتىشتىن توختۇتۇلغانلىغى ئۇختۇرۇش قىلىنغان. AFP PHOTO/Mark RALSTON

بۇ ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئويۇنچۇق شىركىتى ماتتېل، بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلى ئىككى قېتىم خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان ئىدى. ئارىدىن 3 ھەپتە ئۆتمەي، ئامېرىكىدىكى يەنە باشقا ئىككى شىركەت، خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر خاتىرە ھەم ئادرېس دەپتەرلىرىگە ئىشلىتىلگەن سىردا ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق قوغۇشۇن تەركىبى بايقالغانلىقى ئۈچۈن، يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى.

بۇ مۇشۇ ئاي ئىچىدە خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار بۇيۇملارغا قارىتا 3- قېتىم چىقىرىلغان يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان بۇيۇملارنىڭ سانى 300مىڭ دانە

23-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا ئىستېمالچىلار بىخەتەرلىكىنى قوغداش كومىتېتى بىلەن "مارتىن دېزاين چەكلىك شىركىتى "، "شىيلىڭس ئەسوشئەيتس" قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ شىركەتلەر خىتايدىن ئىمپورت قىلىپ بازارغا سالغان، كارتون فىلىمدىكى پېرسوناژ "سپونجبوب سكۇئېيرپېنتس" نىڭ ئوبرازلىرى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە ۋە ئادرېس دەپتەرلىرى قاتارلىق بىر نەچچە تۈرلۈك بالىلار بۇيۇملىرىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى.

بۇ نۆۋەت يېغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان بۇيۇملار ئىچىدە يەنە "توماس ۋە دوستلىرى " ناملىق بالىلار پويىزى قاتارلىق بالىلار ئويۇنچۇقلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاشلا قوغۇشۇن تەركىبلىك سىر ئىشلىتىلگەن ئىكەن.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان بۇيۇملارنىڭ سانى 300مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئويۇنچۇق شىركىتى، ماتتېل پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 18.5 مىليون دانە خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان ئىدى.

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئىستېمالچىلار بىخەتەرلىكىنى قوغداش كومىتېتى دىرېكتورى نەنسي نورد شۇ نۆۋەتلىك يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە " بۇ قېتىملىق يىغىۋېلىش كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولۇشىدىكى سەۋەبى، ھەرقانداق بىر زەخىملىنىش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىن ئېلىش ئۈچۈن" دېگەن.

شۇنىڭغا يانداشقان ھالدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر ئەزاسى بايانات ئېلان قىلىپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ھەرقانداق تاۋارلار چوقۇم تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، "مارتىن دېزاين چەكلىك شىركىتى " 2006- يىلى 6- ئايدىن 2007- يىلى 7- ئايغىچە 250 مىڭ دانە خاتىرە دەپتەر ساتقان.

ئامېرىكا خىتاي ماللىرىغا بولغان ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى

ئالدىنقى ھەپتىلەردىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلى يىغىۋېلىنغان خىتاي ماللىرىغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىغا مال ئېكسپورت قىلىدىغان شىركەتلەرگە نىسبەتەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تاۋارلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى مايىللىقنى ئىپادىلىگەن بولسا، ئويۇنچۇق بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى كرىستوفېر بايرننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى كىشىلەرنىڭ خىتاي ماللىرىغا بولغان ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسىنى ئۇلغايتىۋېتىدىكەن.

بۇ يىل 15- مارت ئامېرىكا دورا-دەرمەك ۋە يېمەك ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسى خىتايدىن ئىمپورت قىلغان ئەرمەك ھايۋان يېمەكلىرىدە زەھەرلىك ماددا مىلامېن بايقالغانلىقى ئۈچۈن، خىتايدا ئىشلەنگەن ھايۋانات يېمەكلىرىگە قارىتا يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغاندىن باشلاپ، ھازىرغىچە، سۈپەتسىز ماشىنا كامىرى، بۇلغانغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددا ئارىلاشقان چىش پاستىسى، قوغۇشۇن تەركىبلىك سىر ئىشلىتىلگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرى قاتارلىقلارنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى قايتا-قايتا كۆرۈلۈپ تۇردى ۋە پۈتۈن ئامېرىكا جۈملىدىن دۇنيا مىقياسىدا خىتاي ماللىرىغا بولغان بىرخىل ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى.

خىتاي ماللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئامېرىكىلىق سىياسىيونلار ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلانماقتا

ھازىر ئامېرىكىدا خىتاي ماللىرىغا نىسبەتەن ھەر خىل ئەندىشە تۇيغۇلىرى شەكىللىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ماللىرى بىخەتەرلىكى، خىتاي ئامېرىكا سودا مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا كەپ چىققان تەڭسىز تاشقى پېرېۋوت، قاتارلىقلار ئامېرىكىلىق سىياسىيونلار ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.

ئامېرىكا -خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى، 4 -ئاۋغۇست ئىللونوئىس شتاتىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان 2008- يىللىق ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى كاندىداتلىرىنىڭ مۇنازىرىسىدە ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، جون ئېدۋاردز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە سودا بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ " خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىپ يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان 2 مىليون. ئويۇنچۇقنى" نېمە دەيمىز؟" دېگەن ۋە ھىلارىي كىلىنتون " بىز خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارغا قاتتىق چەك قويۇشىمىز كېرەك! مېنىڭ خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتسىز يېمەكلىكلەرنى يېگۈم يوق!" دەپ خىتاب قىلغان ئىدى.

خىتاي سودا-سانائەت مىنىستىرلىكى:"خىتايدا ئىشلەنگەن تاۋارلارنى ئىشلەپ چىقىرىشقا باشقا دۆلەتلەرمۇ قاتنىشىدۇ"

خىتاي ماللىرىغا قارىتا دۇنيا مىقياسىدا پەيدا بولۇۋاتقان گۇمانلىنىش تۇيغۇسى خىتاي سودا ساھەسىدە مۇئەييەن ئەنسىرەش پەيدا قىلغان بولۇپ، 22- ئاۋغۇست ئەتىگەندە خىتاي سودا مىنىستىرلىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىن ئېچىپ، خىتايدا ئىشلەنگەن تاۋارلارنى ئىشلەپ چىقىرىشتا باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي سودا-سانائەت مىنىستىرلىكى مىنىستىر ياردەمچىسى ۋاڭ چاۋ، خىتاي ئېكسپورت قىلغان تاۋارلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىنىپ، چەتئەل شىركەتلىرى قولىدا ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە " دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر نۇرغۇن تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىشلەپ چىقىرىش ساھەسىگە قاتناشماقتا. ئەگەر خىتاينىڭ ئىشلەپ چىقىرىشى زىيانغا ئۇچرىسا، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەرمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ( جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.