ئامېرىكىدا چىقىدىغان " بايلىق " ژۇرنىلى يېقىندا ئامېرىكا ئىستىمالچىلىرى ئۈستىدە سىتاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكىدا يېرىمدىن كۆپرەك ئادەمنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ھىندىستان مەھسۇلاتلىرىنى بولسا ياقتۇرۇپ سېتىۋالدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ئىستىمالچىلار ھوقۇقى تەشكىلاتى، بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبىنى مەتبۇئاتلاردا خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەتسىزلىكى، بولۇپمۇ زەھەرلىك بالىلار ئويۇنچۇقلىرى شۇنىڭدەك چىش پاستىلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئېلان قىلىنغانلىقى تۈپەيلى دەپ قارايدىكەن. بۇنىڭ يەنە باشقا سەۋەبلىرىمۇ بارمۇ ؟
خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەر بولمىغانلىقى ھەققىدىكى سەلبىي خەۋەرلەر ئىنتايىن كۆپ
" بايلىق " ژۇرنىلى 1 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىستىمالچىلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈلگەن ئىستېمالچىلارنىڭ %57 ى، ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالمايدىغانلىقىنى، %52 كىشىنىڭ ھىندىستاننىڭ ياكى باشقا دۆلەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەكشۈرگەن %11 ئادەم بولسا ھىندىستان ماللىرىنى سېتىۋالدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتايدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارغا قارىتا %11كىشى خىتاينىڭ ئېكسپورت ماللىرىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى يەنە %30 ئىستېمالچى ئەگەر ئۆزى ياقتۇرسا بۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىگە ئانچە ئېتىبار بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىدىكى يېرىمدىن ئارتۇق ئىستېمالچى ھازىر نېمە ئۈچۈن خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ؟ ئامېرىكىدا ئەڭ بۇرۇن تەسىس قىلىنغان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش تەشكىلاتى - ئامېرىكا ئىستىمالچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋېن تېربۇ خانىم، مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەر بولمىغانلىقى ھەققىدىكى سەلبىي خەۋەرلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئېلان قىلىنغانلىقىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ": مېنىڭچە بۇ، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى كەينى - كەينىدىن بىر - بىرىگە ئۇلاپ تۇرۇپ كۆپلەپ ئىمپورت قىلىش، ھايۋاناتلارنىڭ يىمەكلىرىدىن تارتىپ، چىش پاستىسى ۋە بالىلار ئويۇنچۇقىغىچە ھەممە مالنى بازارغا سېلىشتىن ھەمدە خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەر بولمىغانلىقىنى، ئىستېمالچىلارنىڭ توختىماستىن خەۋەردار بولغانلىقىدىن مەيدانغا كەلگەن. مانا مۇشۇ مەسىلە كىشىلەرنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماسلىق قارارىنى چىقىرىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى."
ئامېرىكا ئىستىمالچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋېن تېربۇ خانىم سۆزىدە يەنە " خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەننەرقى تۆۋەن، باھاسىمۇ ئەرزان، شۇڭا ئامېرىكا سودىگەرلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتايغا بېرىپ ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ، ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ھازىر ئامېرىكا ئىمپورت قىلغان %80 بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ۋە كۆپ سېتىلغان ئويۇنچۇقلارنىڭمۇ خىتايدا ياسالغانلىقىدىن " دەيدۇ.
مەھسۇلاتلار خىتايدا ئىشلەنمىگەن بولسىلا، ئىستىمالچىلار ناھايىتى خوشاللىق بىلەن سېتىۋالىدۇ
بىراق ۋېن تېربۇ خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئىستىمالچىلىرىنىڭ پوزىتسىيىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇ " : مېنىڭچە ئىستىمالچىلار ھازىر، بىخەتەر مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا قانچىلىك كۆپ پۇل خەجلىسىمۇ رازى،" دېدى.
نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىقنىڭ ھىندىستان مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان ۋېن تېربۇ " : بۇ ھازىر ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ بىخەتەر بولمىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالمىغانلىقىدىن،" دەيدۇ.
" بايلىق " ژۇرنىلىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا، ئىمپورت قىلىنغان بارلىق دۆلەت مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھېچقانداق بىر ئەكس تەسىر يوق ئىكەن، ئۇلار مەھسۇلاتلار خىتايدا ئىشلەنمىگەن بولسىلا ناھايىتى خوشاللىق بىلەن سېتىۋالىدىكەن.
ئۇيغۇر ئىستىمالچىلار مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى نومۇس دەپ ھېس قىلىدۇ
ئىستانسىمىز بۇ ھەقتە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئىستىمالچىلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئىستېمالچىلارنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى يالغۇز بىخەتەر بولمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنى مۇستەملىكە ئاستىغا ئېلىۋالغان بىر ھاكىمىيەت ئىگىدارچىلىقىدىكى دۆلەتتە ياسالغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنى نومۇس دەپ ھېس قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن سېتىۋالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر قىسىم ئىستىمالچىلار بولۇپمۇ خىتاينىڭ دارا - دەرمەك ۋە يېمەكلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)