ساختىلىقلار دۇنياسى خىتاي
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.01
2008.05.01
ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن:" خىتايلار دۇنيادىكى ھەر نەرسىنىڭ ساختىسىنى ئىشلەيدۇ ۋە قوللىنىدۇ. ھەتتا دۆلەت ۋە شەھەرلەرنىڭ ناملىرىنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ قوللىنىدۇ. خىتاينىڭ ساختا ماللىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىركەت ۋە مۇئەسسەسىلەرگە، خۇسۇسەن شەخسلەرگە زور دەرىجىدە زىيان كەلتۈرمەكتە. ئىقتىسادشۇناسلار ھازىر دۇنيادا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ سەۋەبچىسى خىتايلار، دەپ قارىماقتا".
خىتاي كەشپىياتچى ئەمەس
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي دۇنيادا يېڭىلىق ياراتقۇچى ياكى ئىجاد قىلغۇچى بىر دۆلەت ئەمەس، ئەكسىچە باشقىلار ئىشلەپچىقارغان سۈپەتلىك ماللارنىڭ سۈپىتىنى، تەركىبنى ۋە قىممىتىنى بۇزغۇچى ۋە بازىرىنى كاسات قىلغۇچى بىر دۆلەت بولۇپ قالدى. خىتاي ئەگەر ھەقىقىي ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولىدىغان بولسا، ئاۋۋال ئۆز خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي مۈشكىلاتلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان بولاتتى. خىتاينىڭ بەزى چوڭ شەھەرلىرىدە كىشىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى نورمال ھېسابلانسىمۇ، كۆپ سانلىق رايونلاردىكى پۇقرالىرىنىڭ يىللىق كىرىمى ئەڭ پېقىر دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدۇ. ئۇلار ئىشسىزلىق، ھەقىقى پېقىرلىقتا ياشايدۇ. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بازارلارنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن كىشىلەرگە ئايان بولىدۇكى، دۇنيا بازارلىرىدا خىتاينىڭ كۆك چېيىدىن باشقا چىقارغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ لايىھىسىدىن پايدىلىنىپ ساختىلىق يوللىرى بىلەن ئىشلەپچىقارغان نەرسىلەردۇر، مەسىلەن: ياپوننىڭ 'تويوتا' ماشىنىلىرىدىن باشلاپ، مەشھۇر ماركىلىق كومپيوتېرلارغىچە ھەممىنى خىتايلار ساختىلىق يوللىرى بىلەن ئىشلەپچىقارماقتا."ئافرىقا دۆلەتلىرى خىتاينى ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى دەپ بىلىدۇ
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:" بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرى خىتاينى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ماكانى ۋە ھەر قانداق كەشپىياتلارنىڭ ئۈلگىسى دەپ چۈشىنىدۇ. ئەسلىدە بۇ خاتا چۈشەنچە ئۇلارنىڭ ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەسلىك ياكى بىلمەسلىككە سېلىشتىن كېلىپ چىققان. چۈنكى خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىپ دۇنيا بازارلىرىنى تولدۇرىۋەتكەن خىتاي ماللىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتى ياكى كەشپىياتى ئەمەس. ئەكسىچە دۇنيادىكى مەشھۇر ماركىلارنىڭ ساختا نۇسخىلىرى بەس. ئەھۋال بۇنداق تۇرسا، بىز قانداقمۇ بۇ دۆلەتنى كەشپىيات ۋە ئىجادىيەت دۆلىتى دېيەلەيمىز؟""خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۈندىن كۈنگە يۈكسىلىپ خەلقئارا بازارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە ساختا ماللىرى بىلەن دۇنيا بازارلىرىنى تولدۇرغانلىقى بىزنى قايىل قىلماسلىقى لازىم. چۈنكى بۇ ئىقتىسادنىڭ ئاساسى يوق. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقارغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ ئىشلەپچىقارغانلىرىنىڭ ساختىسى ۋە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىدۇر. بۇ ئاساسى يوق ئىگىلىك دېگەنلىك."









