¨كوممۇنىست خىتاينىڭ كونسۇلى شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسىنى جىم قىلىشقا ئۇرۇنماقتا¨

0:00 / 0:00

يېقىندا شۋېتسىيە ئاخبارتلىرىدا ¨كوممۇنىست خىتاينىڭ كونسۇلى شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسىنى جىم قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ¨دېگەن خەۋەر بەس-بەستە ئېلان قىلىندى.

خىتاي كونسۇلى، تېلېفون ئارقىلىق تەھدىت سالغان

رادىئو،تىلېۋىزىيە ۋە گېزىتتلاردا كەڭ يەر ئالغان بۇ خەۋەرلەردە خىتاينىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى چىن جىنشىئاڭنىڭ شىۋېتسىيەدە زور تەسىرگە ئىگە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان مۇدىراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، ياۋرۇپا كومىتېتىنىڭ مۇاۋىن باشلىقى يۆران لىندبىلاد ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ، خىتاي ھەققىدە ئارتۇقچە گەپ سۆزلەردە بولماسلىق ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقى يېزىلغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشچە يۆران لىندبىلاد ئەپەندىنىڭ ماي ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش ھەققىدىكى يىغىندا قىلغان سۆزلىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىكەن.

خەۋەردە يۆران لىندبىلاد ئەپەندىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىنغان بولۇپ¨خىتاي كونسۇلى چىن جىنشاڭ مەن بىلەن كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتىپ ، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان يىغىننىڭ ئارقىسىدا خىتايغا قارشى قانداق ئويۇننىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مىنىڭ ئۇنداق يەرلەردە سۆزلەپ يۈرمەسلىكىمنى، ئۇنداق قىلسام ياخشى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى،- دەيدۇ يۆران لىندبىلاد ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ.

يۆران لىندلىلاد ئەپەندىنىڭ ¨كومۇنىزىمنىڭ جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەش ¨ھەققىدىكى تەكلىپ لاھيىسى

يۆران لىندلىلاد ئەپەندى شىۋېتسىيەدە زور تەسىرگە ئىگە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى ياۋرۇپا پارلامېنتىغا سۇنغان ¨كومۇنىزىمنىڭ جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەش ¨ھەققىدىكى تەكلىپ لاھيىسى ياۋرۇپا پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىزم لاگېرىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئەكەلگەن باللايى ئاپەتلىرى قاتتىق تەنقىت قىلىنغان ئىدى.

يۆران لىندبىلاد ئەپەندى مەيلى شۋېتسىيە پارلامېنتىدا بولسۇن ،مەيلى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا بولسۇن خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىسى ھەققىدە ئەڭ كۆپ پىكىر بايان قىلىۋاتقان سىيەسەتشۇناسلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ شىۋېتسىيەدىكى خىتاي دېموكىراتچىلىرى ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى بىلەن بىرلىشىپ كۆپ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلەردە بولغان ئىدى.

ئۇ تىلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ. ¨خىتاي كونسۇلىنىڭ ماڭا تەھدىت سېلىشى تەبىئى،بۇ كوممۇنىستلارنىڭ ۋە باشقا دېكتاتۇرلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلنىڭ بىر قىسمى.بۇرۇن مەن كۆچمەنلەر ئۈچۈن كۆپ سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن شۋېتسىيە مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن تەھدىتكە دۇش كەلگەن ئىدىم ،ئەمدى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتىمەن، مەن ئاز كۈندىن كىيىن ھۆكۈمەتكە ئىران ھەققىدە بىر تەكلىپ لاھيىسى سۇنۇۋاتىمەن، ئېنىقكى ئۇ چاغدا مەن ئىران موللىلىرى تەرىپىدىن تەھدىتكە دۇچ كېلىشىم مۇمكىن. مەن بۇ مەسىلىنى شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە دوكلات قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرىمەن. بۇ بىر بىنورمال ئەھۋال ،مەن ئۆزەمنى خۇددى خىتاينىڭ تۇتقۇنى سۈپىتىدە ھېس قىلىشىم كېرەكمۇ؟ خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا يېقىنلاپ كېلىشى بىر خەتەرلىك سېگىنال."

يۇقىرىدا شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ¨كوممۇنىست خىتاينىڭ كونسۇلى شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسىنى جىم قىلىشقا ئۇرۇنماقتا¨ دېگەن خەۋەر مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇڭلار. (يالقۇن)