ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي جىددىيچىلىكنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى نېمە؟


2007.08.10

ئالدىنقى ئايدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىشقا باشلىغانلىقى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇئەننىڭ ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنى پارچىلاشنى سۇيىقەست قىلىۋاتقان دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي قانۇن ساھەسىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەر ھەم تېررورچىلارنى قاتتىق باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى، ئالدىنقى كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ باشلاش مۇراسىمىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلىشى ھەمدە ئۈرۈمچىدە ئۆتكەن يېرىم يىلدا جەمئىي 18 كىشىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزدى دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتۇلغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋەھاكازالار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي بىر كەيپىياتتا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي جىددىيچىلىكنىڭ پەللىگە چىقىشى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇسلىرىنى ئەڭ كۆپ جازالىغاندىن سىرت، ئۇلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت . مەلۇمكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزگەن دېگەن سىياسىي جىنايەت بىلەن جازالانغان ئۇيغۇرلار كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئۆتكەن يېرىم يىلدا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش جىنايىتىگە ئائىت 10 دېلونى تەستىقلاپ، 18 ئادەمنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، گەرچە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن 18 كىشىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولسىمۇ ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇلارنىڭ شۈبھىسىز ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق باستۇرۇشنى كۈچەيتىدىغان شەپىسى

شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنىپ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزگەن دېگەندەك جىنايەتلىرى ئارتىلغان ئىدى. بەزى ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يۇقىرىقى ساننىڭ رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قىياس قىلماقتا. شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق باستۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك شەپىلەرنى بەرمەكتە.

مەزكۇر مەسىلە ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچكى ھەم تاشقى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە رابىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلى ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى تاشقى دۇنيا ۋەزىيىتى ھەمدە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ تەھلىل قىلدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.