خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چىن جىيەن 2007- يىلى 6- ئاينىڭ 25 - كۈنى سۈرىيە پايتەختى دەمەشىق شەھىرىگە رەسمى زىيارەت بىلەن كەلگەن بولۇپ، سۈرىيە باش مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى ئابدۇللا دەردەرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.
ئىككى تەرەپ مەسئۇللىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان چوڭ يىغىنىدا سۈرىيە باش مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى ئابدۇللا دەردەرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سۈرىيىدە ئىش باشلىغاندىن بېرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىشلىرىنىڭ ناھايىتى تېزلىكتە تەرەققى قىلغانلىقىنى ۋە مۇندىن كېيىنمۇ ئىككى دۆلەت ئىش ئادەملىرىنىڭ ئورتاق كېلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىپ خىتاي - سۈرىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئالاقىسىنى تېخىمۇ زور تەرەققى قىلدۇرۇشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا سۈرىيىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي - سۈرىيە دىپلوماتىيە ئالاقىسىنىڭ تارىخى
خىتاي بىلەن سۈرىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئالاقىسى 1956- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇندىن بىرى ئىككى دۆلەت دوستلۇقى داۋام قىلىپ كەلگەن. 2001- يىلىدىن باشلاپ بۇ دوستلۇق تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. شۇ يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ سۈرىيىدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان بولسا، 2004- يىلى سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەد بېيجىڭدا رەسمىي زىيارەتتە بولغان ئىدى. 2005- يىلىدىن باشلاپ خىتاي - سۈرىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كېلىشىملەر تۈزۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 10 دىن كۆپرەك چوڭ كېلىشىملەر ئىمزالانغان.
خىتاي - سۈرىيە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 3- نۆۋەتلىك چوڭ يىغىنى چاقىرىلدى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چىن جىيەن سۈرىيە باش مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى ئابدۇللا دەردەرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى نەتىجىسىدە خىتاي - سۈرىيە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 3- نۆۋەتلىك چوڭ يىغىنىنى چاقىرىش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقان بولۇپ، 26- ئىيۇن كۈنى خىتاي - سۈرىيە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 3- نۆۋەتلىك چوڭ يىغىنى باشلىنىپ 27 - كۈنى كەچتە ئاياقلاشتى.
سۈرىيە باش مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى ئابدۇللا دەردەرى بۇ يىغىننىڭ نەتىجىسىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:" خىتايدەك چوڭ بىر دۆلەت بىلەن سودا - سانائەت ئىشلىرىدا ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇپ چىقىپ، شۇ كومىتېتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش ئېلىپ بارالىغانلىقىمىز بىز ئۈچۈن چوڭ ئۇتۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇندىن كېيىنمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۈتۈن ساھەلەردە تەرەققى قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز."
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 6چوڭ سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى
خىتاي سودا ئىشىلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى چىن جىيەن سۈرىيە ئىقتىساد ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى غەسسان ھەبەش بىلەن خىتاي - سۈرىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد، سودا - سانائەت، پەن تېخنىكا ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر توغرۇلۇق 6 چوڭ كېلىشىم ئىمزالىدى. خىتاي سودا ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى چىن جىيەن سۈرىيە پايتەختى دەمەشق شەھىرىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزىنىڭ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاي - سۈرىيە ئىككى دۆلەت سودا ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنىڭ ئۆتكەن 3 يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ ئىلگىرلەشتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
چىن جىيەننىڭ ئېيتىشىچە، 2006- يىلى خىتاي بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا كۆلىمى 15 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، 2004- يىلىدىكى سودا كۆلۈمىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن. كېلىدىغان بەش يىل ئىچىدە خىتاي - سۈرىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا كۆلۈمىنىڭ 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.(توختى)