خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قازاقىستاندا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى

خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچى 27-دېكابىردىن 29-دېكابىرغىچە قازاقىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قانات سائۇدابايېفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كەلگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2010.12.30
Yang-Jiechi-305.jpg خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچى
http://en.wikipedia.org

ئاستانىدىكى ئىككى كۈنلۈك سەپەر جەريانىدا ياڭ جىېچى قازاقىستان رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەر بويىچە ئىككى ئوتتۇرىدىكى ھەمكارلىق، خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئاسىيادىكى بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ۋە ئىشەنچ چارىلىرى كېڭەشمىسىگە ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان.

قازاقىستان تودېي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف 28-دېكابىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مەسئۇلىنى ئاقئوردىدا قوبۇل قىلىپ، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. مەزكۇر ئاگېنتلىق شۇنداقلا قازاقىستان رەھبىرىنىڭ ئاخبارات خىزمىتى مەلۇماتلىرىغا تايانغان ھالدا، ن. نازاربايېف ۋە ياڭ جىېچىنىڭ ئىككى ئوتتۇرىدىكى ھەمكارلىق ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. "قازاقىستان ۋە خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، ئىشەنچ ۋە قوشنىدارچىلىقنى يۇقىرى باھالايمىز. خىتاي دۇنياۋى ئىقتىسادى كرىزىس دەۋرىدە قازاقىستانغا كۆپ ياردەم كۆرسەتتى.
بىز كۆپ ساھەلەردە، يەنى ئېنېرگىيىدە، ترانسپورتتا ھەمكارلىشىۋاتىمىز، ھازىر بولسا بىز، بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ سانائەت پروگراممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دائىرىسىدە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى خالايمىز" دېگەن ئىدى قازاقىستان رەھبىرى.

خىتاي ۋەكىلى ياڭ جىېچى بولسا ئۆز نۆۋىتىدە مۇنداق دېگەن: "بىز 2011-يىلى ئاستانادا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئالىي دەرىجىدە ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى مۇھاكىمە قىلدۇق. مەن نۇرسۇلتان نازاربايېفنى ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە قازاقىستاننىڭ ئاساسەن ئىجتىمائى-ئىقتىسادى تەرەققىياتتا، رايونلۇق ۋە كەڭ دائىرىدىكى بىخەتەرلىكنى ۋە تۇراقلىقنى تەمىنلەشتىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن تەبرىكلىدىم، شۇنداقلا يېڭى يىلدا، قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 20 ‏- يىللىقىدا يەنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر قازىنىشىنى ۋە گۈللىنىشىنى تىلىدىم."

زىيارەت داۋامىدا يان جىېچى شۇنداقلا قازاقىستان يۇقىرى پالاتا ۋە مەجلىسىنىڭ رەھبەرلىرى قاسىم جومارت توقايېف ۋە ئورال مۇخامېدجانوف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى تەرەپلىمىلىك پارلامېنت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە يۈرگۈزگەن.

"كازاخستانسكايا پراۋدا" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئېلېنا كوزىنسېۋانىڭ "سۈپىتى ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئۈنۈملۈك" دېگەن ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، يان جىېچى نۇرسۇلتان نازاربايېفقا قازاقىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قانات سائۇدابايېف بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىنىڭ يەكۈنلىرىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قانات سائۇدابايېف ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش توغرىلىق بىرلەشمە ھۆججەت قوبۇل قىلغانلىقىغا بۇ يىلى بەش يىل تولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ شۇنداقلا مەزكۇر ھۆججەتنىڭ پەقەت ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلا ئەمەس، بەلكى رايون دائىرىسىدىمۇ تىنچلىق ۋە تۇراقلىق مۇھىتىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار سودا-ئىقتىساد ساھەسىدە يەنىمۇ ھەمكارلىشىشنىڭ كەڭ پروگراممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بويىچە ۋەزىپىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان. ئاساسىي جەھەتتىن ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى لايىھىلەرگە، خىتايغا يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا كۆپرەك نەزەر ئاغدۇرۇلغان.

ماقالىدە شۇنداقلا ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بويىچە ھەر خىل مەزمۇنلاردا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنلىكى ھەققىدە ئېيتىلغان. ئۇلار "ئۈچ خىل كۈچ" كە قارشى بىرلىشىپ كۈرەش قىلىشتا مەقسەتلىرىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. مىنىستىرلار 2011-يىلى قازاقىستاندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 10 يىللىق يىغىنىنى، 2012-يىلى خىتايدا تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتىكى چارە-تەدبىرلىرىنى ئۆتكۈزۈش يىغىنىنى قوللايدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز ‏- ئارا كېلىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. قازاقىستان ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ مۇزاكىرىلىرى داۋامىدا قوبۇل قىلىنغان 2011 -، 2013 -يىللىق ھەمكارلىق ھەققىدىكى باياناتىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنىڭ مەقسەت-ۋەزىپىلىرى ئەكس ئېتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.