خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىنى تەنقىت قىلغان

0:00 / 0:00

تۈركىيىدە چىقىدىغان "يېڭى شەپەق" گېزىتىدە "خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈركىيىنى تەھدىت قىلدى كۆز قارىشى’ تېمىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە يېزىلىشىچە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى نېفىتقا ئالاھىدە قىزىقىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئەگەر تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قىيىنچىلىق ياراتمىسا، ئۇ ھالدا ئۆزلىرىنىڭمۇ كۈرتلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى دەپ، تۈركىيىنى تەھدىت قىلىۋاتقان.

ماقالىدە يەنە تۈركىيىنىڭ پەقەت قوراللىق كۈرت بۆلگۈنچى ھەرىكەتلىرىنىڭلا ئەمەس، سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەرنىڭ ۋە كۆچمەن تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇكىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر قالغان، دېيىلگەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يېزىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاسىتىلىق يول ئارقىلىق تۈركىيىگە ئەگەر تۈركىيە سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرمىسا ئۇ ھالدا بىزمۇ كۇرتلەرنى قوللايمىز دەپ تەھدىت قىلغان.

يېقىنقى يىللاردا تۈركىيىدىكى داڭلىق ئوبزورچىلارمۇ بۇ ھەقتە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ پوزىتسىيىسى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە تۈركىيىنىڭ پوزىتسىيىسى قانداق بولار؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.