خىتاي نېمە ئۈچۈن تېررورچى كۈچلەرنى قوللاۋاتىدۇ ؟


2007.01.17

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى لاگىرىغا ھۇجۇم قىلىپ 18 تېررور گۇماندارىنى ئۆلتۈرۈپ 17 كىشىنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ قانداق ۋە قايسى جايدا يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە تىرىك قولغا چۈشكەن كىشىلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكى، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك ئىنكاسلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان.

بەزى مەتبۇئاتلاردا ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىنغان بولسا، يەنە بەزى مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلاش ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بەزى مەقسىئەتلەرگە يەتمەكچى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۈگۈن راجىندىر پۇرى تەرىپىدىن ھىندىستاندا چىقىدىغان دۆلەت ئادىمى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان " كۆرۈنمىگەن ئۇرۇش" ناملىق ماقالىدە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېررورچىلىق كۈچلىرىنى قانداق قوللىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىسىدە، 2006‏- ھىندىستان، بېنگال ۋە سىرىلانكادا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملاردا 2765 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن راجىندەر پۇرى، پۈتۈن تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ مەقسىدىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ بىر مەنبە تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىۋاتقانلىقى ئېھتىماللىقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ماقالىسىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان زادى كىم، دەپ سورىغان ئاپتۇر ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قانداق تەھىلىل قىلىشىدىن قەتئىينەزەر 1990‏- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاينىڭ مالاكا بوغۇزىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلىغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تېررورچىلىق ۋە پارتىزانلىق ئۇرۇشى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى يوسىف بودانسكىنى ئەسلىشىمىز كېرەك. بوندانسكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن تەييارلىغان مەزكۇر دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: "مالاكا بوغۇزى ۋە ئەتراپىدىكى ئىسلامىي تېررورچىلىق مەسىلىسى دۆلەت ھىمايىسىدىكى تېررورچىلىق پائالىيىتىنىڭ تىپىك بىر مىسالى ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە بەزى دۆلەتلەردىكى ئىسلامىي تېررورلۇق پائالىيەتلىرى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتى ۋە ئاز بولسىمۇ بۇ دۆلەتنىڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ئىران ۋە پاكىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرى تۈپەيلى تېخىمۇ كۈچەيگەن. پاكىستان ۋە ئىران، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرىنى كۈزدە تۇتقان ھالدا، ئۇزاق شەرقتىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىپ، تايلاندنى ئىسلام تېررورچىلىرىنىڭ ئۇزاق شەرقتىكى پائالىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇردى".

راجىندەر پۇرىنىڭ ھىندىستاندا چىقىدىغان "دۆلەت ئەربابى" گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، بودانسكىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "بېيجىڭ ھۆكۈمىتى پاكىستاندىن ھىندىستاننىڭ شەرقىي رايونىدىكى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدى. پاكىستان ھەربىي رازۋېتكا ئىدارىسى 1993‏- يىلى كۈز ئايلىرىدىن باشلاپ بېيجىڭنىڭ ياردىمى بىلەن ھەرىكەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەم مايانمار ھەم بېنگالدىكى لاگىرلىرىنى كېڭەيتتى. پاكىستان رازۋىتكا ئىدارىسىنىڭ بېنگالدىكى تېررورچى تەربىيلەش لاگىرلىرىدا ئىشلىتىلگەن قوراللار ۋە پارتلاتقۇچى دورىلار خىتايدا ياسالغان ئىدى ھەمدە بۇ لاگىرلاردا تېررورچىلارنى تەربىيىلىگەن بېنگاللىق ئوفىتسېرلارنىڭ ھەممىسى خىتايدا ئالاھىدە تەربىيىلگەنگەن ئوفىتسېرلار ۋە كىشىلەر ئىدى. ھىندىستاندا تۇنجى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ 1995‏- يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا ھىندىستاننىڭ شەرقىي رايونىغا جايلاشقان ئاسام ئۆلكىسىدە بىر ھەربىي پويىزغا قارشى ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەسسادىپىي بىر ۋەقە بولمىسا كېرەك. رايوندا جىددىي بىر توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ھىندىستاندا يوشۇرۇن ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بېنگالدا ۋە بېنگال قولتۇغىدىكى كالاپار ۋە مۇناكاتا رايونلىرىدا ھەمدە چىتاگوڭدىكى تەكناف ئارىلىدا ئۆزى تەربىيىلەش لاگىرلىرى قۇردى. بۇ لاگىرلاردا خىتاي خادىملىرى تامىل ۋە ھىندىستاندىكى باشقا تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى تېررورلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا تەربىيلىدى"

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرى، ‏- دەيدۇ راجىندەر پۇرى ماقالىسدە،‏- بولۇپمۇ جاڭ زېمىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى رەھبىرى خۇ جىنتاۋنىڭ قانداق سىياسەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى، جاڭ زېمىننىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئۆزگەتمەيدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

راجىندەر پۇرى ھىندىستاننىڭ "دۆلەت ئەربابى" گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ" ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۇددىئاسىنى دەرھال رەت قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېررورچىلىق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە ، خىتاي ئۆزىنىڭ تېررورچىلىق بىلەن چىتىشلىقى بارلىقىنى ھېچقاچان ئېتىراپ قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھىندىستان رازۋېتكىسى ئۆزى خۇلاسە چىقىرىشى كېرەك. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.