خىتاي دۆلىتى تېررورىزىمنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتامدۇ؟
2007.08.17
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 9 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان مۇنازىرىلەر، غەرب مەتبۇئاتىدىن قىززىق تېمىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە يەر ئالدى. سىياسىي ئانالىزچىلار، بۇ مانېۋىرنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلغانلىقىنى بىردەك تەكىتلەشتى. خىتاي سىياسىيونلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ مەزكۇر مانېۋىر ھەمدە ئۇنىڭ تۈپ مەقسىدى شەكلىدە تەرغىپ قىلىنىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى ھەر خىل بولۇپ، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە رادىئو قاناللىرى بىر ھەپتىدىن بۇيان بۇ ساھەدە مۇنازىرىلەر ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.
خىتاي دۆلىتىگە قارشى تېررورلۇق كۈچلەر شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى، تىبەتلىكلەر ۋە تەيۋەنلىكلەر
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ خىتايچە قانىلى 8- ئاۋغۇستتىن باشلاپ بۇ ھەقتە پىكىر ئېلىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ تېما 14 - ئاۋغۇست كۈنىگە قەدەر داۋام قىلغان.
خىتاي سىياسىيونلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دۆلىتىنىڭ بۈگۈنىدىن بەكرەك، كېلەچىكى مۇقەررەر ھالدا تېررورىزىمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، ھازىردىن باشلاپ تېررورغا قارشى مانېۋىر ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر ئىكەن. خىتاي دۆلىتىگە قارشى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كۈچلەر يالغۇز شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە تىبەتلىكلەر ۋە تەيۋەنلىكلەرمۇ بۇ كاتېگورىيىگە كىرىدىكەن. ئەمما نۆۋەتتە خىتايغا تەھدىت بولۇپ تۇرىۋاتقان كۈچ يەنىلا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى بولۇپ، مەركىزى ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن كېلەچەكتە ئەڭ زور خەۋپ كەلتۈرىدىغان تېررورلۇق بازىلىرى ھېسابلىنىدىكەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى مانېۋىرىنىڭ مەقسەدلىرىدىن بىرى ئۈچ خىل كۈچكە، يەنى بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىي دىنىي كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت، دەپ شەرھىلەنگەندىن كېيىن، د ۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي ۋە ھەربىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنداق ئۈچ خىل كۈچنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، باشقا ھۆر مىللەتلەرگە ئوخشاش ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
خىتاي، تېررور ئۇقۇمىنى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغىلا خاس بولغان بىر خىل باستۇرۇش دەسمىسى قىلىۋالدى
ئەمما بەزى خىتاي ئانالىزچىلىرى، ئەگەر ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش، بۇزۇپ چېقىش، پارتلىتىش ۋە باشقا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى تېررور سانىلىدىغان بولسا، بۇ خىل تېررورلۇقنىڭ ئىچكىرى خىتايدا تېخىمۇ ئەشەددىي يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ بىر يىل ئىچىدىلا ئىچكىرى خىتايدا نۇرغۇنلىغان پارتلىتىشلارنىڭ ھەم ھەر خىل قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
ئەجەپلىنەرلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ئىچكىرى خىتايدا يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قانچە يۈز قېتىملىق تىپىك تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ھىچ قاچان تېررورىزىمغا باغلاپ باقمىدى ۋە ئاپتوبۇس پارتلىتىش، ئوت قويۇش، بۇزۇپ چېقىش ۋەقەلىرىنى ئەگەر ئۇيغۇرلار سادىر قىلمىغان بولسا، ئۇنى ئىجتىمائىي جىنايەتلەر دائىرىسىدە جازالاپ تۈگەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى تېررور ئۇقۇمىنى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغىلا خاس بولغان بىر خىل باستۇرۇش دەسمىسى سۈپىتىدە قوللىنىپلا قالماي، ئۆز پۇقرالىرىغىمۇ مۇشۇ خىل ئاڭنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشماقتا.
بەزى خىتاي زىيالىيلىرى يەنە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تېررورلۇقنىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئىبارەت دۆلەت تېررورى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەل بولمايدىكەن، يالغۇز شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ تېررور يولىنى تاللىۋېلىشى مۈمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن. خىتاي پۇقرالىرى ۋە سىياسىي ئانالىزچىلىرىنىڭ پىكىرلىرى ئىچىدە گەۋدىلىك تەكىتلەنگىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى قانداق چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشتىن قەتئىي نەزەر مۇتلەق رەۋىشتە مۇستەھكەملەش مەسىلىسى بولۇپ، خىتايلارنىڭ زىيالىيلىرىمۇ، پۇقرالىرىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار قولدىن كەتكەن ھاكىمىيىتىنى قايتۇرىۋېلىش، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۆرۈشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشمەكتە.(ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلدى
- خىتاي تاشقىي پېرىۋۇت زاپىسىنى ئامېرىكىغا قارشى كوزۇر قىلىپ قوللىنامدۇ ؟
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلار
- ۋاڭ لېچۇەننىڭ سۆزىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالتە سۇئال
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش بېشارىتىنى بەردى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاي يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- رۇسىيە خىتايغا تەبىئىي گاز سېتىپ بەرمەيدۇ
- "ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى دۇنيانىڭ كىلەچىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ"
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: " ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك"
- خىتايغا پايدا كەلتۈرىۋاتقان ئامېرىكا -خىتاي سودا-ئىقتىساد مۇناسىۋىتى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ ئىنكاسىنى تەنقىد قىلدى
- ئامېرىكا- خىتاي ئەللىرى يەنە بىر نۆۋەتلىك سودا دىئالوگى باشلىدى