ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى نەپەر ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگىنىنىڭ خادىملىرى پەيشەنبە كۈنى، پاش قىلغۇچىلار تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن 10 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان.
بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى مەزكۇر ئورگان تۆت نەپەر خىتاي تېرور گۇماندارى بىلەن 2 نەپەر ئىراقلىقنىڭ رەسىملىك تىزىملىكىنى گېزىت ۋە ئىنتېرنېتلەردە ئاشكارىلاپ، ئۇلارنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. پاش قىلغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىتاي پۇقرالىرى "رادىئو ئاكتىپ بومبا" ئىشلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە پارتلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان ئىكەن.
ئىنكاس قىلىنغان يىپ ئۇچىنى رەسمىلەشتۈرۈلمىدى
ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار، خىتاي تېررور گۇماندارلىرىنىڭ پارتلىتىش سۈيقەستنى پىلانلىغانلىقى ھەققىدىكى يىپ ئۇچىنىڭ تېخى رەسمىلەشتۈرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
بىراق، خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چارشەنبە كۈنى كالفورنىيە شتاتىنىڭ تاش يول ساقچىلىرى ئىككى ئەر، ئىككى ئايال خىتاي پۇقراسىنىڭ ھەمدە ئىككى ئىراقلىقنىڭ قانۇنسىز ھالدا مېكسىكىدىن ئامېرىكا چېگرىسىغا كىرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ۋە يەنە باشقىلارنىڭ ئۇلار ئۈچۈن بوستون شەھىرىگە "رادىئو ئاكتىپ بومبا" يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەن.
بۇ ئارىدا، بوستون شەھىرى فېدرال تەكشۈرۈش ئىدارىسنىڭ باشلىقى ئۆزلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى مېكسىكىدىن كىرگەن 4 خىتاي پۇقراسى ھەققىدە خېلى كۆپ مەلۇمات ئىگىلىگەنلىكىنى بىراق بۇنىڭ بىلەن خەتەرلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ھازىر بۇ 4 كىشىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكى ھەتتا ئامېرىكىغا كىرگەن كىرمىگەنلىكى توغرىسىدىمۇ تېخى ئېنىق مەلۇماتنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى.
بىز ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمىز
بۇ خىل تەھدىتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن ئەندىشە ھېس قىلغان، ماسساچۇسېتس شتاتىنىڭ شتات باشلىقى رىمنى، پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، چارشەنبە كۈنى كەچتە ماسساچۇسېتسكا قايتىپ كەلگەن ۋە مەزكۇر شتات ئاھالىسىنى تەمكىن بولۇشقا چاقىرىپ: "بىز بۇ ۋەقەنىڭ بىر ئويدۇرما بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، لېكىن بىز بۇ خىل تەھدىتكە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە تۇتىمىز" دىگەن.
نۆۋەتتە، بوستون شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن بولۇپ، بارلىق يەر ئاستى پويىز يوللىرىدا جىددى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا شۇنداقلا بىر قانچە خىتاي پۇقراسىنىڭ رەسىملىرى ھەر قايسى پويىز بېكەتلىرىنىڭ دىجورنى بۆلۈملىرىگە چاپلانغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈەن، پەيشەنبە كۈنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ "رادىئو ئاكتىپ بومبا" بىلەن ئامېرىكىغا كىرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ "خىتاي تېررورچىلىقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، بىز باشتىن ئاخىر خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەرقانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىمىز" دېگەن. (ئەقىدە)