خىتاينىڭ 9 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كانادادا پروگرامما تارقىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

كانادا رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەددىچىن قاناللىرى، دەپ ئاتالغان 9 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كانادادا پروگرامما تارقىتىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كانادادىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مايىل بىر قىسىم خىتاي تەشكىلاتلىرى بۇ ۋەقەنى تەبرىكلەشكە كىرىشكەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاممىۋى تەشكىلاتلار نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارماقتا ۋە ئۇلار سەددىچىن قاناللىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات زۇۋانى، دەپ قاراپ، كانادانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن كەڭ قورساقلىقىدىن ئاغرىنماقتا.

خىتاينىڭ تەلىپى ئۇزۇن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن

2005-يىلى 5-ئايدا بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شاڭخەي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، گۇاڭدوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق سەددىچىن قاناللىرى، دەپ ئاتالغان خىتاينىڭ 9 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كانادا رادىئو تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيەلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن پروگرامما تارقىتىشنى ئىلتىماس قىلغانىدى. 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى كانادا رادىئو تېلېۋىزىيە كومىتېتى ئۇختۇرۇش چىقىرىپ، بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ كانادادا پروگرامما تارقىتىشىغا يول قويۇش ۋە قويماسلىق ھەققىدە 1-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە ئاممىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى. لېكىن بۇ مەزگىلدە خىتاي تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ پروگرامما تارقىتىشىنى قوللىغۇچىلار ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ پىكرى ناھايىتى قىزغىن بولغانلىقى ۋە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ پىكىرلىرلىرى مەلۇم سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئورگان پىكىر ئېلىش مۇددىتىنى ئۇزارتقاننىدى. ئەمما 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى كانادا رادىئو تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى خىتاي قاناللىرىنىڭ كانادادا پروگرامما تارقىتىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن ئۇلار خىتاي تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ پروگرامما تارقىتىشىغا يول قۇيۇلۇشىدىكى سەۋەپلەرنى ئاشكارىلىمىدى.

بىر قىسىم خىتايلار مەمنۇن، يەنە بىر قىسىملىرى ئەندىشە ئىچىدە

كانادادىكى بىر قىسىم خىتايلار، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى سەددىچىن قاناللىرىنىڭ كومپارتىيىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى تارقىتىشىدىن ئەندىشە قىلسا، يەنە بەزىلەر بۇنى رەت قىلماقتا. كانادادىكى خىتاي كۆچمەنلىرى مۇلازىمەت ئورنىنىڭ مەسئۇلى جوڭ شىڭ ئەپەندى كانادالىقلارنىڭ بۇ قاناللارنىڭ كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىنى تارقىتىشىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى سەددىچىن قاناللىرى ئارقىلىق، چەتئەللەردىكى خىتايلارنى قايمۇقتۇرماقچى، دېيىلسە، بۇ ئارتۇقچە ئەندىشىدىن ئىبارەت. بۇ قاناللار مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇرنى ئاساسى تېما قىلىدۇ. ئۇلاردا ئىدېئولوگىيە بولمايدۇ.. ھازىر خىتايچە سوتسىيالىزم قۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان خىتايدا نۇرغۇن مەسىلىلەر جۈملىدىن ئىدېئولوگىيىمۇ تاشقى دۇنياغا ماسلىشىۋاتىدۇ، دەيدۇ.

خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەت

كانادادىكى يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شاۋجۇ خىتايدىكى تېلېۋزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كانادا ۋە غەرب دۇنياسىدىكى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ "بۇ سەددىچىن قاناللىرىنى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دېگەندىن كۆرە كومپارتىيىنىڭ زۇۋانى، دېگەن تۈزۈك. بۇ نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەتلىرىدە ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىدە تەكرار-تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇلارنىڭ مەقسىتى قانداقتۇ ئاممىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئەمەس، ئەكسىنچە خوجايىنلىرىغا خىزمەت قىلىشتۇر"، دەيدۇ.

ۋاڭ شاۋجۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قاناللار كانادادىكى خىتايلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش، كونترول قىلىش ۋە ئۇلارنى پارچىلاش رولىنى ئوينايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى قايسى خەلققە يەنى تىبەتلىكلەر، ئۇيغۇرلار ياكى فالۇنگۇڭچىلارغا زەربە بېرىشكە ئۇرۇنغاندا، بۇ قاناللار يالغان خەۋەر تارقىتىش، ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىشقا ئوخشاش ئۇسۇللار ئارقىلىق تەشۋىقاتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئاشۇرىدۇ"، دەيدۇ.

كانادادىكى فالۇڭوڭچىلارنىڭ باياناتچىسى بولغان جۆسۈپ چىپكار بۇ قاناللارنىڭ خىتايدىكى تارىخىدىن، ئۇلارنىڭ كومپارتىيىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى تارقىتش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ "بۇ قاناللار كانادادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كانادا تەلىۋىزىلەردىن ئالماستىن، بەلكى خىتاي مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىلىرىدىن ئالىدۇ. كانادادىكى تاماشىبىنلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پەدەزلىنىپ قۇراشتۇرۇلغان ئاتالمىش كانادا پروگراممىلىرىنى كۆرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇ قاناللارنىڭ كانادادا پروگرامما تارقىتىشىغا يول قويغانلىق كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىنىڭ كانادادىكى خىتايلارنى زەھەرلىشىگە يول قويغانلىقتۇر"، دەيدۇ.

خىتاي تېلېۋىزىيەلىرى كانادانىڭ ئاخبارات قانۇنىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ

كانادادىكى كوممۇنىست خىتايغا قارشى بىرلەشمە ئىتتىپاقنىڭ باياناتچىسى شەن ئەيلىن بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى سەددىچىن قاناللىرى ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىدىغان پروگراممىلارنى بېرىشكە ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كانادادا پروگرامما تارقىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، كانادا قانۇنلىرىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ "بۇ قاناللار ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىلتىماس سۇنۇش جەريانىدا ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى تونىدى. ئۇلار يەنە داۋاملىق ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىدىغان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى بېرىشكە ئۇرۇنسا، كانادادىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ"، دەيدۇ.

ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەرەپسىز بولىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان كانادانىڭ، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە سۆز مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى ئاياق ئاستى قىلىۋاتقان خىتاينىڭ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ كانادادا پروگرامما تارقىتىشىغا يول قويۇشى كانادالىقلارنى خەلىلا گاڭگىرىتىپ قويغان مەسىلە بولدى.

خىتاينىڭ بۇ 9 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىلىرىنى تارقىتىش ۋەزىپىسىنى كانادادىكى سىملىق تېلېۋىزىيە شىركىتى بولغان Rogers ئۈستىگە ئالغان. (كامىل تۇرسۇن)