خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۈلگىسى گېتلېر گېرمانىيىسى بولامدۇ ياكى جەنۇبىي كورىيىمۇ؟


2007.10.04

china-olympic-2008-200.jpg
خىتاينىڭ 2008 - يىللىق ئولىمپىكىغا قارشى لوگو. WUC Photo

9 ‏- ئاينىڭ 19 ‏- كۈنىدىن 21 ‏- كۈنىگىچە، فىلىپىننىڭ مانىلا شەھىرىدە 'پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئاسىيانى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش مۇھاكىمە مۇنبىرى' دېگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان ۋە يىغىننىڭ ئاخىرىدا، خىتاينى دېموكراتىيىگە ئۈندەش ھەققىدە سۇنۇلغان تەكلىپلەرگە ئاساسەن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا بىر مۇھىم قارار ماقۇللانغان ئىدى.

'پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئاسىيانى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش مۇھاكىمە مۇنبىرى' مانىلا شەھىرىدە ئاچقان مۇھاكىمە يىغىنىدا ئېلىنغان قارارنىڭ تېكىستى ناھايىتى قىسقا ۋە ئېنىق. خىتايدا 1989 ‏- يىلى يۈز بەرگەن 4 ‏- ئىيون ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ھازىر كانادادا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچى شېڭ شۆ خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قاراردا "گەرچە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا ئولىمپىك كومىتېتىغا 2008 ‏- يىلىدىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇقنى زور دەرىجىدە ياخشىلاش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئەكسىچە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تېخىمۇ قەبىھلەشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سىياسىي، دىنىي زىيانكەشلىك ۋە تىبەتلەرگە، ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىش، ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىۋېلىپ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش ‏-‏ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنىڭ پاكىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، يىغىن ئەھلى دۇنيادىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى خىتاينى بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغۇزۇشقا چاقىرىدۇ " دەپ يېزىلغان.

قاراردا يەنە 'خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىمۇ ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلىشى، تەيۋەنگە قوراللىق تەھدىت سېلىشنى توختىتىپ، تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم ' دەپ تەكىتلەنگەن.

--خەلقئارا تەشكىلاتلار، ھەتتا خىتاي ئۆزىمۇ، 2008 ‏- يىلى خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت دەپ ھېسابلايدۇ، ‏-‏- دەپ مۇلاھىزىسىنى باشلايدۇ مۇستەقىل يازغۇچى شېڭ شۆ خانىم، ‏-‏-‏- ئەمما ھازىرقى ئالامەتلەردىن قارىغاندا، بىز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، بۇنداق بىر ئىنتايىن ياخشى پۇرسەتكە بولغان چۈشەنچىدە ماھىيەتلىك پەرق بار. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پۇرسەتنى دۇنياغا ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى، خەلقنى قاتتىق كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى، ھوقۇقپەرەسلىكىنى ۋە ھەشەمىتىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت دەپ قارىماقتا. خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ قارىشىچە، بۇ پۇرسەت خىتاي ئۈچۈن دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تۈزۈم ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدىغان تارىخى دەۋر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.

‏-‏-‏- دۇنيانىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى تارىخىدا ئاز دېگەندە ئىككى خىل ئۈلگە بار، ‏-‏- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ مۇستەقىل يازغۇچى شېڭ شۆ خانىم، ‏-‏-‏- ئۇنىڭ بىرى، 1936 ‏- يىلى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسى. ئەينى ۋاقىتتا، فاشىست گېرمانىيىسى بۇ مۇسابىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى دۇنياغا كۆز-كۆز قىلغان ۋە دۇنيادا ئۇرۇش قوزغاش يولىغا ماڭغان ئىدى. يەنە بىرى، 1988 ‏- يىلى جەنۇبىي كورىيىنىڭ سىئول شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسى. ئەينى ۋاقىتتا، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تۈرتكىسىدە جەنۇبىي كورىيە دېموكراتىيىلىشىش يولغا ماڭغان بىر مۇجىزە پەيدا بولغان ئىدى.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، جەنۇبىي كورىيىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئۆزىدە ۋە خەلقئارادا، جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىگە دېموكراتىيە يولىغا مېڭىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىدىغان چوڭ نامايىشلار بولغان. ئامېرىكىدا جەنۇبى كورىيىنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش ھەققىدە بىر مۇھىم قارار ماقۇللانغان. جەنۇبىي كورىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسى، ئولىمپىك تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان مۇسابىقە بولغان ئىدى. ئۇنىڭغا 160 نەچچە دۆلەتنىڭ 9000 دىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى قاتناشقان. بۇنداق ھەشەمەتلىك مۇسابىقە ۋە زور بېسىمنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، جەنۇبىي كورىيە دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

‏-‏-‏- خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر 2008 ‏- يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدىكى ناھايىتى سەزگۈر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ‏-‏-‏- دەيدۇ شېڭ شۆ خانىم مۇلاھىزىسىدە، ‏-‏-‏- خىتاي بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق گىتلېرنى ئۈلگە قىلىپ دۇنيادا ئۇرۇش قوزغاش يولىغا ماڭامدۇ ياكى جەنۇبىي كورىيىنى ئۈلگە قىلىپ دېموكراتىيىلىشىش يولىغا ماڭامدۇ؟ خىتاي ھازىر بۇنىڭ بىرىنى تاللايدىغان پۇرسەتكە ئىگە. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى بار. ئۇنداق بولسا، خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى گىتلېرچە ئولىمپىك مۇسابىقىسى بولۇپ چىقىدۇ ۋە ھېچبولمىغاندا ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش خەلقنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىدۇ. دۇنيانىڭ ۋە خىتاي خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك تەشەببۇسلىرى نابۇت بولىدۇ. خەلقئارادا تېخىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان يەنە بىرخىل كۆز قاراش داۋاملىشىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، ئەگەر خىتاي كوممۇنست پارتىيىسى قانداق شەكىل بىلەن بولمىسۇن، خەلقئارالىق تەرتىپكە قاتناشسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلىشقا بولمايدىكەن؟ دەيدىغان كۆز قاراش.

مانىلادا ئېچىلغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا دەل مۇشۇنداق پەيتتە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى 2008 ‏- يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا مەجبۇرلاش ھەققىدە بىر مۇھىم قارار ماقۇللاندى. ئەمدى خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۈلگىسى گىتلېر گېرمانىيىسى بولامدۇ ياكى جەنۇبىي كورىيىمۇ؟، بۇ خەلقئارانىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىگە باغلىق. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.