'ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قازانغان مايىڭجيۇ بىلەن ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبىيەن 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇلار ھەر ئىككىلىسى بىردەكلا "ئەگەر چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپ 'بىر جۇڭگو دېگەن سۆزنىڭ تەبىرىنى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز چۈشەنچىسى بۇيىچە بايان قىلىش' قا قوشۇلماي، 'بىرلا جۇڭگو بار' دېگەن گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالسا، تەيۋەن تەرەپ بۇنىڭدىن كېيىن چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارمايدۇ" دەپ بايان قىلغان.
'خىتاي ۋاقىت گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لى ۋېي 'بۇنىڭدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوق' دېگەن. ئەمما 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى شى يىڭجيونى زىيارەت قىلىپ ئېلان قىلغان خەۋەردە 'مايىڭجيۇنىڭ ياخشى كۆڭلىنى خۇجىنتاۋنىڭ قوبۇل قىلغانلىقى ئىككى تەرەپ مۇرەسسەگە كەلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى' دەپ بايان قىلىنغان.
خىتاي بىلەن تەيۋەن راستلا 'بىر جۇڭگو دېگەن سۆزنىڭ تەبىرىنى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز چۈشەنچىسى بۇيىچە بايان قىلىش' دېگەن مەسىلىدە مۇرەسسەگە كەلدىمۇ؟ بۇ ھەقتە ھازىر ھەرخىل ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ۋە خىتايچە تور بەتلىرىدە بەس - مۇنازىرە باشلاندى.
تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەت بوشلۇقىنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن
نيۇيورك شەھىرىدە چىقىدىغان 'بېيجىڭ باھارى' ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بەزى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا خۇ جىنتاۋ 'بىر جۇڭگو دېگەن سۆزنىڭ تەبىرىنى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز چۈشەنچىسى بۇيىچە بايان قىلىش' دېگەننى قۇبۇل قىلغان، بۇنىڭدىن بۇرۇن قۇبۇل قىلمىغان ئىدى. 'بىر جۇڭگو' دېگەن سۆز --- تەيۋەننىڭ چۈشەنچىسى بۇيىچە، ئۇ جۇڭخۇا مىنگو، ئەمما خىتاينىڭ چۈشەنچىسى بۇيىچە ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، ئىككى تەرەپنىڭ بېرىدىغان تەبىرى ئوخشىمايدۇ.
ئەگەر ئىككى تەرەپ راستىنلا بۇنداق مۇرەسسەگە كېلىشكەن بولسا، خىتاي نىڭ ئېيتقىنىدەك 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگودىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت' بولالماي قالىدۇ، 'ئىككى جۇڭگو' نى ئېتىراپ قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ھەر ھالدا تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەت بوشلۇقىنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇنداق مۇرەسسە مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ.
خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ يەنىلا بىر گەپ ئويۇنى بولۇپ قالىدۇ، تاكى چوڭ قۇرۇقلۇقتا دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشقىچە داۋام قىلىشى مۇمكىن.
خىتاي تەرەپنىڭ سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ
تۈركىيىدىكى ھاجەتتەپە ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ تەيۋەن سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى تەكىتلىگەنسىرى كوممۇنىست خىتايغا قارشى بولغان مىنجىنداڭ پارتىيىسىگە پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىلىپ قېلىۋاتىدۇ.
شۇڭلاشقا ئەمدى خىتايپەرەس مايىڭجيۇ پرېزىدېنت بولۇش ئالدىدا تۇرغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى جىددىيلىكنى بىر مەزگىل پەسەيتىش ئۈچۈن، بۇنداق سۆزگە سۈكۈت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە 'ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز چۈشەنچىسى بۇيىچە بايان قىلىش' دېگەنگە خىتاي تەرەپنىڭ قوشۇلغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق ئۇچۇر يوق.
ھەر ئىككى تەرەپ سۆز ئويۇنى قىلىۋاتىدۇ
خىتاي دېموكراتىيە پارتىيىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى چېن مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھەر ئىككى تەرەپ سۆز ئويۇنى قىلىۋاتىدۇ. ما يىڭجيۇنىڭ دېگىنى يەنىلا ئىككى جۇڭگو، كوممۇنىست خىتاي بۇنى بىلىدۇ، ھازىر مەسىلىنى ھەل قىلىش تەس كەلدى، شۇڭلاشقا ھازىر كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مەزگىل گەپ ئويۇنى قىلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى.
چۈنكى خىتاينىڭ خەلققە سالغان زۇلۇمى ئاللىقاچان چېكىدىن ئاشتى، خەلقنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ قالدى، خىتاي ئۆزى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلارنىڭ ھېسابىنى بېرەلمەي، بىر مەزگىل گەپ ئويۇنى قىلىپ ئىككى تەرەپتىكى خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ. ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا، مەسىلە يەنىلا بىر توقۇنۇش بولۇپ ئاندىن ھەل بولىدۇ. (ۋەلى)