خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا ئولىمپىك مەشئىلى مەسىلىسىدە يەنە يېڭى تالاش -تارتىش يۈز بەردى
2007.09.11
بېيجىڭدا 2008 - يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىدە، خىتايدىن تەيۋەنگە ئولىمپىك مەشئىلىنى قانداق ئەكىلىش مەسىلىسىلا تېخىچە ھەل بولمىغان مەسىلە. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەشئىلىنى تەيۋەنگە 'جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى' دېگەن نام بىلەن ئەكەلمەكچى، تەيۋەندە ھازىر ھوقۇق تۇتۇۋاتقان مىنجىنداڭ پارتىيىسى 'تەيۋەن' دېگەن دۆلەت نامى بىلەن ئېلىپ كېلىنمىسە قوشۇلمايدۇ. تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە--- گومىنداڭ بولسا 'جۇڭخۇا مىنگو' دېگەن نام بىلەن ئەكىلىشكە قوشۇلىدۇ.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ، 9 - ئاينىڭ 11- كۈنى، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن سەزگۈر بىر كۈندە ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە يەنە ئولىمپىك مەشئىلى ئېلىپ مېڭىلغاندا 25 كىلومېتىر دائىرىدە 'جۇڭخۇا مىنگو' ياكى باشقا بىرخىل دۆلەت بايرىقى ، دۆلەت گىرىبى كۆتۈرمەسلىك ياكى تەيۋەننىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى 'دۆلەت شېئىرى' ئوقۇلماسلىق كېرەك، دېگەن شەرتنى قويغان. تەيۋەندىكى ھەر ئىككى پارتىيە بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تەيۋەننىڭ ئورنىنى كىچىكلىتىشكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا بۈگۈن يۈز بەرگەن يەنە بىر يېڭى تالاش -تارتىش.
تەيۋەنلىكلەر تەيبېينى 'چېگرا سىرتىدىكى شەھەر' دېيىشكىمۇ كۆنمىدى
ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەشئىلىنى تەيۋەنگە ئەكىلىش ئارقىلىق، ھېچبولمىغاندا تەيۋەندىكى تەيبېي شەھىرىنى خۇددى خوڭكوڭ، ماكاۋلارغا ئوخشاش 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر شەھىرى' دېگەن پاكىتقا ئايلاندۇرۇۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ.
شۇڭلاشقا تەيبېي شەھىرىنى 'چېگرا سىرتىدىكى شەھەر' دەپ ئاتاشقا ماقۇل بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بەزى تەيۋەنلىكلەر بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىدە 'غەلىبە قىلدۇق' دېگەن ھېسياتقا كېلىۋاتىدۇ. ئەمما تەيبېي شەھىرى 'چېگرىنىڭ سىرتىدىكى شەھەر' دەپ ئاتالسا، ئۇ يەنىلا ھېچبولمىغاندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر شەھىرى بولۇپ قالاتتى، ئۇلار بۇنى ئويلاپ يەنە مۇرەسسەگە كېلىشنى خالىمىدى.
جىم تۇرساڭ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سېنى بوزەك قىلىدۇ
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنى قايسى جەھەتتىن كۈزەتمەيلى، ئۇ بىر لۈكچەك. سەن جىم تۇرساڭلا، ئۇ سىنى بوزەك قىلىدۇ. مانا ھازىر يەنە شەرت قويدى--- ئولىمپىك مەشئىلى ئۆتكەن جاينىڭ 25 كىلومېتر ئەتراپىدا 'جۇڭخۇا مىنگو' دېگەن ۋە ياكى باشقا دۆلەت بايرىقى' ، 'دۆلەت گىرىبى'نى كۆتۈرمەسلىك ياكى تەيۋەننىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى 'دۆلەت شېئىرى' ئوقۇلماسلىق كېرەك، دېگەن شەرتنى قويدى.
كوممۇنىست ساقچىلىرى چوڭ قۇرۇقلۇقتا، بىر بەلگە كۆتۈرگەن ياكى بىرخىل ئوخشىمايدىغان ناخشا ئېيتقان ئادەمنىمۇ خالىغانچە تۇتىۋەرگەن بىلەن، تەيۋەن دېگەن دېموكراتىك دۆلەت، قانۇندا بەلگىلەنمىگەن نەرسىنى بانا قىلىپ ساقچىلار خالىغانچە ئادەم تۇتالمايدۇ. خىتاي بۈگۈن قويغان شەرتلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەتتا گومىنداڭنىڭ رەئىسى ما يىڭجيۇمۇ 'ئەگەر ئولىمپىك مەشئىلى كەلسە، مەن جۇڭخۇا مىنگو بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا چىقىمەن' دەۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەيبېي شەھىرىنى 'چېگرا سىرتىدىكى شەھەر'دەپ ئاتىسا، جۇڭگونىڭ شەھەرلىرى دەپ ئاتىلىدىغان خوڭكوڭ، ماكاۋ شەھەرلىرىنىڭ ئالدىدا، خىتاينىڭ يەنىلا ئاغزى توسۇلۇپ قالىدۇ. مىنىڭ قارىشىمچە، --- دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، --- پۈتۈن دۇنيانىڭ ئولىمپىك ئەنئەنىسى بىر مەدەنىيەت ، پەقەت خىتايغا كەلگەندىلا، كوممۇنىست خىتاي ئۇنى سىياسىيلاشتۇرىۋالدى. ئەمدى بۇ مۇقەددەس ئولىمپىك مەشئىلى خىتايدا بىر تۇتۇرۇق جىن-شەيتان ئوتىغا ئايلاندۇرۇلسا بولامدۇ؟
ئولىمپىك مەشئىلى تالاش-تارتىشى تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى مۇقىم ئەمەسلىكىنىڭ ئىنكاسى
--- ھازىرقى ئولىمپىك مەشئىلى مەسىلىسى تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى مۇقىم ئەمەسلىكىنىڭ ئىنكاسى، --- دەپ بايان قىلىدۇ خوڭكوڭدا چىقىدىغان ' شەپە ' ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە، - ھازىر كوممۇنىست خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەيۋەننى ئۆزىنىڭ بىر قىسمى دېگەن پاكىتقا ئايلاندۇرۇۋالماقچى. تەيۋەن ھۆكۈمىتى بولسا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەيۋەننىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى پاكىتقا ئايلاندۇرۇۋالماقچى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتى باشقا-باشقا.
سىياسىي مۇلاھىزىچى جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يېقىندا 17 - قۇرۇلتاي ئارقىلىق ، خىتايدىكى بارلىق ھوقۇقلارنى قايتىدىن تەقسىم قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. خۇ جىنتاۋ ھازىر جاڭ زېمىن قويغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ئەمەلدارلارنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلىدى. ئەمدى ئۇ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۆزىنىڭ مەشئلىگە ئايلاندۇرماقچى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سىياسىتىدە ئاز-تولا ئۆزگىرىش پەيدا قىلماقچى بولسا كېرەك. خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدە، چېن شۈيبيەننىڭ ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن قارىغاندا، تەيۋەن مەسىلىسىدە، خۇ جىنتاۋنىڭ سىياسىتىدە مەلۇم تەۋرىنىش يۈز بەرمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھازىر مۇقىم ئەمەس. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بۇش بىلەن خۇجىنتاۋنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن ئىزاھاتى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟
- د ئۇ ق رەھبەرلىرى بېلگىيە پايتەختىدە تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنغا قاتناشتى
- مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تەيۋەن مەسىلىسى خەلقئارادا يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى
- تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
- تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرەلەمدۇ؟
- دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ھەربىي ھالەت - تېز تەرەققى قىلىۋاتقان دېموكراتىيە
- تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەتمۇ ياكى يەرلىك ھاكىمىيەتمۇ؟
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: " ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك"
- چېن شۈيبيەن: ھاياتلىقىمدا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرەلىشىم مۇمكىن
- تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ 'بىرلىككە كەلتۈرۈش' دېگەننى 'تەيۋەنلەشتۈرۈش'كە ئۆزگەرتكەنلىكى توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇلاھىزىسى
- تەيۋەن خىتايدىكى مۇھىم نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- تەيۋەن خەلقى 'مىللەتچى پارتىيە بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ھەمكارلىقى'دىن بىزار