جۇڭگو بىلەن دالاي لاما تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلالامدۇ؟


2006-07-12
Share
dalai-lama-jordan-200.jpg
تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيىسى دالەي لاما

دالاي لاما يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە بېيجىڭغا بىر قانچە قېتىم مەخپىي ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن غەيرى رەسمىي سۆھبەت ئېلىپ باردى ۋە بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئۇلار بىلەن مۇرەسسەلىشىش نىيىتى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن بولدى.

كانادادا چىقىدىغان "يەر شارى " گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگو - تىبەت سۆھبىتى ھازىرغىچە ئەمەلىي ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن دالاي لاما سۆھبەتنىڭ ئۆزى "بىر ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم" دەپ باھالىماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى: دالاي لامانىڭ مەقسىتى تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوغلۇشۇشتۇر

بۇ يىل 4 - ئايدا جۇڭگو دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئەگەر دالاي لاما مۇستەقىللىق نىيىتىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىسا، بېيجىڭ دالاي لامانىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىنى ئويلىشىدۇ، دەپ جاكارلىغان ۋە خىتاي تەرەپنىڭ بۇ باياناتىنى كۆزەتكۈچىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بىشارەت، دەپ قارىغان ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى سۆھبەتنىڭ ھازىرغىچە ئەمەلىي ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمەسلىكىگە دالاي لاما جاۋاپكار بولۇشى كېرەك، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى چامپا فۇنسوكنىڭ قارىشىچە، سۆھبەتنىڭ ئەمەلىي ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىگەنلىكى دالاي لامانىڭ ئاكتىپ يول قويۇش، ئالىي ئاپتونومىيە پىلانى ئاستىغا تىبەتنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىپ كېتىش نىيىتى يوشۇرۇنغانلىقىدا ئىكەن. چامپا فۇنسوك ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرلارغا دالاي لامانى "ئىتالىيە ئايىغى كىيىدىغان، بۇددىست تونىغا ئورىنىۋېلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سىياسەتچى،" دەپ ئەيىبلىدى.

كانادا "يەر شارى" گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دالاي لاما 6 - ئىيۇل كۈنى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان بىر چاغدا ، چامپا فۇنسوكنىڭ ئۇنى ئىبارىسى ئېغىر سۆزلەر بىلەن "ساختىپەز" ۋە "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغۇچى " دەپ ئەيىبلىگەنلىكى، جۇڭگو - تىبەت سۆھبىتىگە ئۈمىدۋار قارايدىغان دالاي لاماغا سوغاق سۇ سەپكەنلىكتۇر.

دالاي لامانىڭ 2005 - يىلى 11 - ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا بۇ يەردىكى خىتاي زىيالىيلىرىغا ئەسكەرتىشىچە، سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى پەقەت ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بىلەن چەكلەنگەن. لېكىن چامپا فۇنسوك دالاي لامانى "ئۇنىڭ ھەقىقى نىيىتى يەنىلا يوشۇرۇن ۋاستىلار بىلەن تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوغلۇشۇشتۇر " دەيدۇ. "

خىتاي دائىرىلىرى دالاي لامانىڭ تىبەت خەلقىنىڭ ئېتىقادىدا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان

ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، دالاي لامانىڭ ئەلچىسى بېيجىڭ دائىرىلىرىگە تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ زېمىن دائىرىسىنى تىبەتكە قوشنا ئۆلكىلەردىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغىچە كېڭەيتىشنى ۋە تىبەتكە خوڭكوڭ بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئاپتونومىيە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى ۋۇ يىڭجېي، بېيجىڭنىڭ بۇ تەلەپلەرنى قاندۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس دەپ ئەسكەرتمەكتە. ئۇ، "دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىش ياكى قايتالماسلىقى ئۇنىڭ پوزىتسىيىسىگە باغلىق" دەيدۇ.

ۋۇ يىڭجېينىڭ ئاشكارىلىشىچە، دالاي لاما چىڭخەي، گەنسۇ، سىچۈئەن ۋە يۈننەن ئۆلكىلىرىدىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان ۋە تارىختا چوڭ تىبەتنىڭ بىر قىسىمى بولغان بۇ رايونلارنى تىبەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ۋۇ يىڭجېي، "تىبەت خەلقى دالاي لامانى ھەرگىز قارشى ئالمايدۇ" دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تىبەت ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى تۇدۇن سىراڭ، دالاي لامانىڭ تىبەت خەلقىنىڭ ئېتىقادىدا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى تىبەت پايتەختى لخاسادىن بەرگەن خەۋىرىدە، "گەرچە دالاي لاما نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ھىندىستان تاغلىق رايونى دارامسالادا ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تىبەتتىكى كۆپچىلىك خەلق ئىچىدە تەسىرى يەنىلا ساقلىنىپ كەلمەكتە" دەيدۇ.

ئامېرىكا بروكىڭس تەتقىقات ئورنىنىڭ جۇڭگو مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى لى شاۋدىڭ، دالاي لامانىڭ سۈرگۈندە ياشايدىغان تىبەتلىكلەر ئىچىدىكى ئابرويى ۋە تەسىرى سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زور" دەپ كۆرسەتتى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دالاي لامانىڭ سىياسىتىنى ھەممە تىبەتلىك بىردەك قوللاپ كەتمەيدىكەن. جۇڭگو - تىبەت سۆھبىتىنى ئۆلۈك يولغا كىرىپ قالدى دېگۈچىلەر، بۇ ۋەزىيەت 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغىچە داۋام قىلىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.

دالاي لامانىڭ مۆتىدىل ئوتتۇرا يول سىياسىتىگە بولغان ئىشەنچ ئازىيىشقا باشلىغان

جۇڭگو، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بىلەن 10 يىلدىن بېرى ئۈزۈلۈپ قالغان سۆھبىتىنى 2002 - يىلى 9- ئايدا ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بېرى، تەرەپلەر ھازىرغىچە جەمئىي 5 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئاخىرقى قېتىملىق سۆھبەتتە، تەرەپلەر ھەر يىلى ئاز دېگەندە 2 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغان. لېكىن كانادا "يەر شارى" گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دارامسالادىكى تىبەت پۇقرالىرى سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە ۋە ئۇلارنىڭ دالاي لامانىڭ مۆتىدىل ئوتتۇرا يول سىياسىتىگە بولغان ئىشەنچىسى ئازىيىشقا باشلىغان.

لېكىن بروكىڭس ئىنىستىتۇتىدىكى لي شاۋدىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تىبەت مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىدىغان مەسىلە. شۇڭا جۇڭگونىڭ بۇ مەسىلىگە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ، جۇڭگو بۇ مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىسا، غەرب دۇنياسىدا تەيۋەن مەسىلىسىگە ئوخشاش سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىپ قويۇدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تىبەت مەسىلىسى بېيجىڭنىڭ دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىشى بىلەن ھەل بولۇپ كەتمەيدۇ، دەپ تەكىتلىگەن لى شاۋدىڭ،"چۈنكى رېئاللىق ئۇنچىلىك ئاددى ئەمەس" دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت