تىبەت ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى خىتاي تىبەت سۆھبىتى ھەققىدە توختالدى(2)

0:00 / 0:00

تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى چامپا پونتسوك، 7‏- ئاينىڭ 4‏- كۈنى، تىبەتلىكلەر چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولىنىڭ ئىچىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان بىر پەيىتتە بەرگەن باياناتىدا، دالاي ۋەكىللىرى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، دالاي لاما يەنىلا خىتاينىڭ پۈتۈنلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپ، كۆرسەتتى. ۋەھالەنكى دالاي لامانىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ترۇپتېن سامپال ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتىسىيسىدە زور ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرگەن.

تىبەتنىڭ بېيجىڭپەرەس رەھبىرىنىڭ يۇقىرىدىكى باياناتى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز قانات خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى كېت ساندارز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ھۆرمەتلىك كېت ساندارز خانىم، ئۆزىڭىزمۇ ئېيتقاندەك، خىتاي رەھبەرلىرى دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر ھەققىدە ھازىرغىچە ئىجابىي بىر بايانات بەرمىگەن. لېكىن دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەردە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. بۇ ۋەزىيەت قاچانغىچە بۇنداق داۋاملىشىدۇ؟

كېت ساندارز خانىم: گەرچە خىتاي رەھبەرلىرى دالاي لاما بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەت ھەققىدە ھازىرغىچە ئىجابىي بىر نېمە دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئەگەر خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى خالىمىسا، بۇ سۆھبەت دەرھال توختايدۇ. دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىدى دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن بولغان سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە بۇ سۆھبەتنىڭ بىر نەتىجىسى بولۇشى كېرەك. نۇرغۇن تىبەتلىكلەر ھېلىمۇ بۇ سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجە بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش يوق دېسىمۇ، تىبەت تەرەپ خىتاي بىلەن دىئالوگ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىۋىرەمدۇ؟

كېت ساندارز خانىم: شۇنداق. ئەگەر بىز تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى جامپا پونسوكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىساق. ئۇ بۇ سۆھبەتلەردە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى دەۋاتىدۇ ھەمدە بەزى تىبەتلىكلەرمۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىلىك بولمىغانلىقىدىن شىكايەتچى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان دالاي لاما ۋەكىللىرى بۇ سۈھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە. نۇرغۇنلىغان تىبەتلەر، بۇ سۆھبەتلەرنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تىبەت خەلقىنىڭ شىكايەتلىرىنى ۋە تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن مۇھىم بىر ۋاسىتە دەپ قارايدۇ ھەمدە بۇ يولنىڭ تاقىلىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ساندارز خانىم، تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى چامپا پونتسوك دالاي لاما ۋەكللىرى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرگە قاتنىشامدۇ؟

كېت ساندارز خانىم: ياق، پونتسوك بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرگە قاتناشمايدۇ. سۆھبەتلەر دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي بىرلىك سەپ باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. پونتسوك تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى. ئەمما تىبەتتىكى ئاساسلىق ھوقۇقمۇ ئۇنىڭ قولىدا ئەمەس. ئاساسلىق ھوقۇق خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ تىبەتتىكى سېكرىتارى جاڭ چىڭلىنىڭ قولىدا.

يوقىرىدىمۇ دەپ ئۆتتۇق. تىبەتلىكلەر ئارىسىدا دالاي لاما نىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە قارشى چىقىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. سىز چە، دالاي لامانىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلارنىڭ، دالاي لامانى بۇ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلىدىغان بىر كۈچكە ئېرىشىشى مۇمكىنمۇ؟

كېت ساندارز خانىم: بىز داۋاملىق تىبەت ھەرىكىتى ئىچىدىكى بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ بولۇپمۇ، تىبەتنىڭ خىتايدىن مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجە بەرمىگەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، دالاي لامانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. گەرچە، بەزى تىبەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ بولۇپمۇ، تىبەت ياشلىرى دالاي لاما نىڭ ئوتتۇرا يول دەپ ئاتالغان خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە قارشى چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممسى دالاي لاماغا بويسۇنىدۇ. دالاي لاماغا ئىشىنىدۇ. ئاخىرقى قارارنى دالاي لاما بېرىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ. چۈنكى دالاي لاما تىبەت ئىچىدىكى ھەمدە تىبەت سىرتىدىكى تىبەتلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرغان بىردىن ‏- بىر دىنىي ۋە سىياسىي رەھبەر.

سۇئال : ئەگەر دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن بىر نەتىجە چىقمىسىچۇ، ئۇ چاغدا دالاي لامانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان نارازىلىق تېخىمۇ كۈچەيمەمدۇ؟

كېت ساندارز خانىم: شۇنداق. مىنىڭچىمۇ ئەگەر سۆھبەتلەر نەتىجىلىك بولمىسا، دالاي لامانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقنىڭ كۈچىيىش خەۋپى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بۇ خەۋپنى ھەممىدىن كۆپرەك سىزىۋاتىدۇ.

كۆپ رەھمەت سىزگە، كېت ساندارز خانىم.