تىبەت مەسىلىسى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پەرقى نېمىدە؟

بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن سىچۇئەندە، پوستتا تۇرغان ئازادلىق ئارمىيە ئەسكىرىنىڭ قورالى بۇلاپ كېتىلگەن ۋەقەنى، خىتاي ھۆكۈمىتى 'تېررورلۇق ۋەقەسى' دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، 3 ‏ - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا، چىڭخەينىڭ گولو تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدا يەنە بىر چوڭ ۋەقە يۈز بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرتىدىكى تىبەت يۇرتلىرىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى 'توپىلاڭ' دەپ جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.03.23
Sarkoziy-Dalay-305.jpg ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﻧﯩﻜﻮﻻﺱ ﺳﺎﺭﻛﻮﺯﯨﻲ ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎ ﺳﺎﺭﻛﻮﺯﯨﻴﻐﺎ ﺧﺎﺩﺍ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ۋەقەگە راجا بۇتخانىسىدىنلا 100 نەپەر لاما قاتناشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدا 6 ئادەمنى قولغا ئالغان، 89 ئادەمنى تۇتقان، ئەمما ئۇلارنى ئۆزىنى ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلدى' دېگەن. بۇ 95 ئادەمنىڭ 2 سىلا دىنى زات ئەمەس.

دالاي لامانىڭ تەشەببۇسىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۆزلەنگەن

ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ھازىر خەلقئارانىڭ جىددىي دىققىتىنى جەلپ قىلىۋاتقان تىبەت مەسىلىسى ۋە تىبەت مەسىلىسى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پەرقى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، ئالدى بىلەن، دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دالاي لامانىڭ تەشەببۇسىدا، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۆزلەنگەن.

تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، شۇڭلاشقا كەلگۈسى ھەققىدىكى تەشەببۇسى ئوخشىمايدۇ

يازغۇچى ئابدۇرىشىت كېرىمى تىبەت مەسىلىسى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تۇغۇت چەكلەش، مائارىپ، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى قاتارلىق جەھەتلەردە تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى تەشەببۇسىمۇ ئوخشىمايدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دالاي لامانىڭ تەشەببۇسىدىن قورقۇپ ئۆكتەملىك قىلىۋاتىدۇ

يازغۇچى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دالاي لامانىڭ تەشەببۇسىدىن قورقۇپ ئۆكتەملىك قىلىۋاتىدۇ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.