خىتايچە تىل-يېزىق دۇنيانى بويسۇندۇرىدىغان تىل-يېزىق بولامدۇ؟ (1)

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چوڭ قۇرۇقلۇقتا 'خىتايچە تىل-يېزىق پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرىدۇ' دەيدىغان چوڭ گەپلەر يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، ‏-‏-‏- دەپ يېزىلىدۇ، 'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى'دا 7 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى ئېلان قىلىنغان "خىتايچە تىل-يېزىقنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى" دېگەن ماقالە ھەققىدىكى تەھرىر ئېلاۋىسىدە، ‏-‏-‏- بۇنداق چوڭ گەپلەر ' دۇنيادا ھازىر بىرنەچچە مىليارد ئادەم خىتايچە تىل -يېزىق قوللىنىۋاتىدۇ' دەپ سانلىق مەلۇمات كۆرسەتكەن.

ئەمەلىيەتتە بولسا، ھەتتا مىللىتى، تىل-يېزىقى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتايلار بىلەن ئوخشاش بولغان سىنگاپوردىمۇ خىتايچە تىل-يېزىقنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى تېخىچە ئېنگىلىزچە تىل-يېزىقتىن تۆۋەن تۇرۇۋاتىدۇ. پۈتۈن دۇنياغا قارايدىغان بولساق، ئېنگىلىزچە تىل -يېزىق قوللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر كۆپىيىۋاتىدۇ، بەلكى ھازىر پۈتۈن دۇنيادا ئېنگىلىزچە تىل-يېزىق كىشىلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدىغان كۈچلۈك قورالىغا ئايلانماقتا.

كىشىلەر ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن، 'قوش تىللىق مائارىپ' نىڭ مەزمۇنىنى تاللىغاندىمۇ، ئالدى بىلەن ئېنگىلىزچە تىل -يېزىقنى تاللىماقتا. ھەتتا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتايلارنىڭ ئىچىدىمۇ، غەربنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە كۆز قارىشى ۋە قانۇن تۈزۈملىرىنى چەتكە قاقىدىغان سىياسەتلەرگە پىسەنت قىلماي، ئالدى بىلەن ئېنگىلىزچە تىلنى تاللاۋاتقان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

" بىز قارنى-كۆكسىمىزنى كەڭ تۇتۇپ، خىتايچە تىل -يېزىقنىڭ ئاجىزلىق نوقتىسىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك "

'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان "خىتايچە تىل-يېزىقنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى" دېگەن ماقالىنى سەنشى ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە پاكولتېتىنىڭ پروفېسسورى ئەنشىمېڭ يېزىپ ئېلان قىلغان. بىز قارنى-كۆكسىمىزنى كەڭ تۇتۇپ، خىتايچە تىل -يېزىقنىڭ ئاجىزلىق نوقتىسىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك، ‏-‏ دەپ مۇلاھىزىسىنى باشلايدۇ ئاپتور، ‏-‏ غەربنىڭ پەلسەپە ئەنئەنىسىگە ئاساسلانغاندا، غەربتە يېزىق تىلغا بويسۇنىدۇ، خىتايدا بولسا تىل يېزىققا بويسۇنىدۇ .

غەرب يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى ئاران 30 نەچچە، ئەمما خىتايچە خەتلەرنىڭ سانى چەكسىز، بەلكى ئادەم ئۆمۈرىنىڭ كۆپ قىسمى بۇنداق 'سۈرەت خەت'لەرنى ئۆگىنىشكىلا سەرپ بولىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 'خىتايچە تىل-يېزىق پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرىدۇ' دېگەننى تەرغىپ قىلىش دۇنيادىكى رىئاللىققا كۆز يۇمغانلىق.

ماۋزېدۇڭمۇ خىتايچە تىل-يېزىقنىڭ دۇنياغا يۈزلىنەلمەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى

‏-‏- ئىنسانىيەت تارىخىغا نەزەر سالغاندا، ‏-‏-‏- دەيدۇ ئاپتور ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ‏-‏-‏- ئىنسانىيەتتە تىل-يېزىقنىڭ تەرەققى قىلىش جەريانى ئەڭ بۇرۇنقى 'سۆرەت خەت'لەردىن تەرەققى قىلىپ، ھازىرقىدەك، ھەرپلەرنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان تىل -يېزىق بارلىققا كەلگەن تارىخىي جەريان. ئەمما، خۇددى ھازىرقى مايمۇنلار ئادەمگە ئۆزگىرەلمىگەندەك، قەدىمدىكى ھالىتىدىن تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرەلمىگەن خىتايچە يېزىق ھازىرمۇ سۆرەت ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ ئاسانلاشقىنى يوق.

خىتايدا ھەتتا ھازىرغىچە قەدەر 'خەت'لەر گۈزەل سەنئەت ئورنىغا قويۇلۇپ، ئەتىۋارلاپ تاملارغا ئېسىپ قويۇلىدۇ، ھېلىمۇ خەتتىن ھەرخىل 'مەنا' چىقىرىپ مۇنەججمىلىك قىلىدىغان ئادەت ئۆزگىرىپ پەن-ئىلىم ئاساسىدا تەپەككۇر قىلىنىدىغان تەرەققىيات كۆزگە كۆرىنەرلىك ئەمەس. خىتايچە تىل -يېزىقتىكى بۇنداق ھالەتنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ ئۆزگەتمەكچى بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتايدا ئەلمىساقتىن قالغان مۆچەل يىلنامىسى مىلادىيە يىلنامىسىغا ئۆزگەرتىلدى.

خىتايچە خەتنىڭ دۇنيادا كۆپ ئادەم قوللىنىشقا يۈزلىنىدىغان يېزىققا ئايلىنالمايدىغانلىقى مۆلچەرلىنىپ، 1950 ‏- يىلىدىن باشلاپ يەنە، تىلنى ھەرپ بىلەن ئىپادىلەيدىغان يېزىق قوللىنىدىغان 'دۇنياۋىي يول' غا مېڭىش تەشەببۇس قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا خەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئومۇملاشقا تىلنى قوللىنىش باشلاندى. جەمئىيەتتە قەدىمكى ئەنئەنىدىكى 'خەت لۇغىتى' دىن باشقا يېڭىچە 'تىل لۇغىتى' پەيدا بولدى.

1990 ‏- يىللاردا ' خىتايچە تىل-يېزىق دۇنيادا بىردىنبىر تىل-يېزىق بولۇپ قالىدۇ' دەيدىغان گەپ چىقتى

ئەمما، خىتايدىكى بۇنداق تىل-يېزىق ئۆزگەرتىش 1990 ‏- يىللارغا كەلگەندە، 'خىتايچە تىل-يېزىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى' دېگەن بىر چوڭ يىغىندا، 'خىتايچە خىل-يېزىق 21 ‏- ئەسردە چەكسىز قۇدرەتلىك تىل-يېزىققا ئايلىنىدۇ' دېگەن تەرغىبات باشلاندى.

ھازىر بىز 21 ‏- ئەسىرنىڭ 7 ‏- يىلىغا كەلگەندىمۇ ، تېخىچە خىتايچە تىل-يېزىقتا دۇنياغا قاراپ تەرەققى قىلىدىغان بىرەر 'چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش' بولغانلىقىنىڭ شەپسىنى ھېس قىلالىغىنىمىز يوق.

ۋاھالەنكى، بۇنداق چوڭ گەپلەر دېيىلگەندىن كېيىن، دۇنيادا ئېنگىلىزچە تىل- يېزىق 100 نەچچە دۆلەتكە كېڭىيىپ بولدى. ئەمما 'خىتاي تىلى دۇنيادا تەڭدېشى يوق تىل -يېزىق' ، 'يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرنىڭ تىلى-يېزىقى'، ھەتتا ' خىتايچە تىل-يېزىق دۇنيادا بىردىنبىر تىل-يېزىق بولۇپ قالىدۇ' دېگەن 'ئۇلۇغ' گەپلەر تېخىچە ئىزار تارتماي دېگەن يەردە قېلىپ قالدى. (داۋامى بار، ۋەلى)