خىتايچە تىل-يېزىق دۇنيانى بويسۇندۇرىدىغان تىل-يېزىق بولالامدۇ؟ (2)

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چوڭ قۇرۇقلۇقتا 'خىتايچە تىل-يېزىق پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرىدۇ' دەيدىغان چوڭ گەپلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇ گەپنى قىلغۇچىلار ' دۇنيادا 'ھازىر بىرنەچچە مىليارد ئادەم خىتايچە تىل -يېزىق قوللىنىۋاتىدۇ' دېگەن سانلىق مەلۇماتنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتمەكتە. ‏-‏-‏- دەپ يېزىلىدۇ 'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى'دا 7 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى ئېلان قىلىنغان "خىتايچە تىل-يېزىقنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى" دېگەن ماقالە ھەققىدىكى تەھرىر ئېلاۋىسىدە، ‏-‏-‏- ئەمما ئاپتور ماقالىسىدە، بۇنداق چوڭ گەپلەرگە رەدىيە بەرگەن. ئەمەلىيەتتە بولسا، پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئېنگىلىزچە تىل -يېزىق قوللىنىدىغان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بەلكى ھازىر پۈتۈن دۇنيادا ئېنگىلىزچە تىل-يېزىق كىشىلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدىغان كۈچلۈك قورالىغا ئايلىنىپ قالدى.

كىشىلەر ھازىر 'قوش تىللىق مائارىپ' نىڭ مەزمۇنىنى تاللىغاندىمۇ، ئالدى بىلەن ئېنگىلىزچە تىل -يېزىقنى تاللاۋاتىدۇ. ھەتتا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئۆزىدىمۇ، غەربنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە كۆز قارىشى، قانۇن تۈزۈملىرىنى چەتكە قاقىدىغان سىياسەتلەرگە پىسەنت قىلماي، ئالدى بىلەن ئېنگىلىزچە تىلنى تاللاۋاتقان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

دۇنيادا قانداق تىلنى قوللىنىش ئەركىن تاللاش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقماقتا

‏-‏- خىتايچە يېزىقنىڭ قانداقلىقىنى، ئۇنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرىدىغان تىل-يېزىق بولالايدىغان ياكى بولالمايدىغانلىقىغا باشقىلار باھا بەرگىنى تۈزۈك، ‏-‏- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ "خىتايچە تىل-يېزىقنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى" دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى سەنشى ئۇنىۋېرسىتېتى پەلىسەپە پاكولتېتىنىڭ پروفېسسورى ئەن شىمېڭ ئەپەندى ‏-‏-‏-چوڭ گەپنى قىلىۋەرمەسلىك كېرەك. خىتايدىمۇ، 1960 ‏- يىللاردا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان 'ھەر مو يەردىن 200 مىڭ جىڭ مەھسۇلات ئالايلى ' دېگەن شۇئار بىلەن راستىنلا شۇنداپ كۆپ ئېلىنمىغان ئىدى. دەرەخلەرنى كېسىپ ئوت قالاپ مەدەن ئىرىتىش ئارقىلىقمۇ 'جۇڭگو سانائەتلەشكەن ' ئەمەس.

تىلنى خەلق ئۆزى ئەركىن تەرەققى قىلدۇرىدۇ. دۇنيادا كىم قانداق تىلنى قوللىنىش، كۆپىنچە ھالدا، ئەركىن تاللاش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: دۇنيادا ئېنگىلىزچە تىلنى قوللىنىشنى تاللىغان دۆلەتلەر بېرىتانىيە مۇستەملىكىلەردىن چېكىنىپ چىقىپ، مۇستەملىكىلەر پۈتۈنلەي مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن كۆپەيدى.

ئۇلار ئېنگىلىزچە تىل-يېزىقنى يېڭى پەن-تېخنىكا قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاللىۋالدى. دۇنيادا ھېچكىم تېخى خىتايچە تىل-يېزىقنى ئۆزىنىڭ دۆلەت ياكى مىللەت يېزىقى قىلىش ئۈچۈن تاللىۋالغىنى يوق.

'سۈرەت خەت'نى قوللىنىش خىتايدا خەلقنى نادان قالدۇرۇش قورالى بولۇپ كەلگەن ئىدى

‏-‏-‏-‏ قەدىمدە خىتايچە يېزىق يېمەك ‏-ئىچمەكتىن غېمى يوق پادىشا- بەگلەرگە مەنسۇپ ئىدى، ئۇنىڭدىن ئۇلار ئۆزلىرىلا ھۇزۇرلىناتتى. يېزىق بىلەن پۇقرا نىڭ مۇناسىۋىتى يوق ئىدى، پۇقرالار مىڭ تەستە باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈگەتسىمۇ، يەنىلا چالا ساۋات ھالىتىدە توراتتى، ‏-‏- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏-‏-‏- 'سۈرەت خەت'نى قوللىنىش خىتايدا خەلقنى نادان قالدۇرۇش قورالى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

‏غەربتىمۇ شۇنداق بولغان. ئەمما يېقىنقى زامان تارىخىدا، غەربتە پەيدا بولغان مەتبەئە -نەشرىيات تىل -يېزىقنىڭ تەرەققىياتىنى غايەت تېز سۈرئەت بىلەن ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭدىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، 20 ‏- ئەسرنىڭ بېشىدا، رۇس ئالىملىرىنىڭ 'خىتايچە يېزىقنى ئۆگىنىش قېيىن ' دېگەن يەكۈنىنى خىتاي زىيالىيلىرى قوبۇل قىلغان ئىدى.

خىتاي زىيالىيلىرى 'تۆتىنچى ماي' ھەرىكىتىدە، ' ۋەتەنپەرۋەلىك قەدىمكىنى ساقلاپ قېلىش دېگەنلىك ئەمەس' دەپ جاكارلىغان ئىدى. لۇشۈن 'خىتايدا خەلقنىڭ يېزىقى بولمىغان، خىتايچە يېزىق پادىشا-ۋەزىرلەرنىڭ بىرنېمىسى' دېگەن ئىدى. ئۇ خىتايدا لاتىنچە تىل‏- يېزىقتەك، ھەرىپلەر بىلەن تىلنى ئىپادىلەيدىغان ھەم ئۆگىنىشكە ئاسان بولغان يېزىق قوللىنىشنى، تىلنى ئەركىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، يەرلىك شىۋىنى چەكلىمەسلىكنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، بۇنداق تەشەببۇسقا ھۆكۈمرانلار قارشى تۇرغان ئىدى. ھازىرمۇ شۇنداق.

كوممۇنىزمچىلار دەسلەپتە يېڭىلىققا يۈزلىنىش، زامانىۋىيلاشتۇرۇش، يەرشارىلاشتۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئەركىن ئۇچۇر ، ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەن گەپلەرنى كۆپ قىلغان. يەنئەندىمۇ 'خىتايچە يېزىق نامراتلىق-قالاقلىقنىڭ مەنبەسى' ، 'خىتايچە يېزىق ئۆزگەرتىلمىسە خىتاي مىللىتى يوقىلىدۇ' دېگەن كۆز قاراش ئورتاق كۆز قاراشقا ئايلانغان ئىدى. ئەمدى 'خىتايچە تىل-يېزىق پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرىدۇ' دەيدىغان چوڭ گەپ نەدىن چىقتى؟

دۇنيادا قەدىمىي بولغانلىقى ئۈچۈنلا تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ كەتمىگەن بىرمۇ نەرسە يوق

‏-‏-‏- ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن ئىجاد قىلىنغان يېزىق سۈرەت خەت. ئەينى زاماندا سۈرەت يېزىقنى قوللانغان بابىللىقلار، مىسىرلىقلار، ھىندىلار ئۇنى ئاللىقاچان ئۆزگەرتىپ ئاسانلاشتۇرۇپ بولدى. ‏-‏- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏-‏-‏- دۇنيادا ئەڭ ياخشى تىل -يېزىق بارلىق تەرەققىياتنى ئىپادىلەيدىغان تىللارنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن تىل يېزىق، دېگەن كۆز قاراش ئاللىقاچان ئورتاق كۆز قاراشقا ئايلىنپ بولدى.

دۇنيادا قەدىمىي بولغانلىقى ئۈچۈنلا تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ كەتمىگەن، تېخىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، بەلكى دۇنياغا ھۆكۈمران بولىمەن دەپ پو ئېتىۋاتقان بىرمۇ نەرسە يوق. ئەمما خىتايدا تېخىچە ئۆزگىچە. بەلكى خىتايدا، خىتايچە يېزىقنى ئۆزگەتىشكە بولمايدۇ، يېزىق بولمىسا سەنشىلىك جاڭسۇلۇقنىڭ گېپىنى ئوقمايدۇ، دېيىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا قايغۇرۇش ھاجەتسىز. بۇ مەسىلىنى ئۆز تىلىنى تەرەققى قىلدۇرغان خەلق ئۆزى ھەل قىلالايدۇ. دەرۋەقە، ھازىر خىتايدا مەدەنىيەتنىڭ دۇنيا بىلەن ماسلىشالماسلىقىغا تىل-يېزىقنىڭ قالاقلىقىمۇ سەۋەب بولماقتا.

لى جاۋشىڭ ئەپەندى 'جۇڭگونىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى، جۇڭگوچە گېزىتلەر ھازىر پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىپ بولدى' دېگەن گەپنىڭ قانچىلىكى راس؟

‏-‏-‏- 2002 ‏- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى ئاننان 21 ‏- ئەسىردە، كىشىلەر، بولۇپمۇ ياشلار ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئۈچ خىل تىلنى تاللىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ‏-‏- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏-‏-‏- ئەمما لى جاۋشىڭ ئەپەندى 'جۇڭگونىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى، جۇڭگوچە گېزىتلەر ھازىر پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىپ بولدى' دەپ تەشۋىق قىلدى.

ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇنى خىتايلاردىن باشقا ئاڭلايدىغان چەتئەللىكلەر ناھايىتى ئاز . خىتايچە گېزىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كۈندىلىك ئەخلەتكە قېتىلىپ كېتىدۇ، خالاس. ' قالايمىقان تۈكۈرمەڭ'، 'ئاممىۋىي سورۇندا ۋاڭ -چۇڭ كۆتۈرمەڭ' دېگەن شۇئارلار پەقەت خىتايچە يېزىلغان، خىتايلارغىلا قارىتىلغان بولغاچقا، ئۇنى پەقەت خىتايلارلا كۆرىدۇ. مۇشۇ ھالەت خىتايچە تىل-يېزىقنىڭ پۈتۈن دۇنيا كېڭەيگەنلىكىمۇ؟

'خىتايچە تىل-يېزىق پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرىدۇ' دەيدىغان چوڭ گەپلەر بولۇۋاتقان مۇشۇ يىللاردا، ‏-‏- دەيدۇ ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ‏-‏-‏- ئەمەلىيەتتە پۈتۈن دۇنيادا % 75 كىنو خىتايچە تىلدا ئەمەس، كۆپىنچىسى ئېنگىلىزچە تىلدا، % 80 تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئېنگىلىزچە تىلدا، % 85 ئىنتېرنېت تور بەتلىرى ئېنگىلىزچە تىلدا، % 85 خەلقئارالىق تەشكىلات ئېنگىلىزچە تىلنى قوللىنىدۇ. % 100 كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئېنگىلىزچە تىلدا يارىتىلغان. ئەمدى قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويىدىغان دۆلەتلەر، مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تىلىنى خىتايچىلاشتۇرۇشى كېرەكمۇ؟ ئالەمدىكى يۇلتۇزلارنى ھازىرقى زامان ئالەم تېخنىكىسىنى قوللىنىپ كۆزەتمەي، خىتايدىكى قەدىمقى قەۋرىلەرگە بېزەلگەن كۈن، ئاي، يۇلتۇز بەلگىلىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇش كېرەكمۇ؟(ۋەلى)