HSK ئىمتىھانى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرماقتا(2)


2006.07.14
xinda-xitay-tili-200.jpg
"شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى" نىڭ بىر تېمىغا ئېسىلغان تەشۋىقات تاختىسى. ئۈستىدىكى قۇردا "دۆلەت بايرىقىنى سۆيۈپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇپ، پۇتۇنغۇئادا سۆزلىشەيلى" دېگەن سۆزلەر، ئاستىدىكى قۇردا "ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى نازارەتچىلىكىدە ياسالدى" دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان HSK يەنى خىتاي تىل ئۆلكىسىدىن ئۆتۈش ئىمتىھانى بارغانسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، ھەرقانداق ساھەدە ئىشلەۋاتقان خىتاي بولمىغان مىللەت مەزكۇر ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلگەن.

خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى HSK ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلار سانى پۈتۈن دۇنيا بويىچە مەزكۇر ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان HSK ئىمتىھانى دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكىدىن كۆپ پەرقلىق بولۇپ، بولۇپمۇ شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتە زور ئۆزگۈرۈشلەر بولغان.

بۇ ھەقتە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ، بۇندىن ئىلگىرى ئىلگىرى مەزكۇر ئىمتىھانغا قاتناشقان ھەمدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر زىيالىيسى پولات ئەپەندى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى تىل ئەدەبىياتتىن باشقا ھەرقانداق بىر دەرسنى خىتاي تىلىدا ئاڭلاۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا خىتاي تىلىدا بېرىلىدىغان بۇ دەرسلەرنى ئۆتىدىغانلار خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىدىن باشقا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى ئىكەنلىگىنى مەلۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى تاللاش ئەركىنلىكى بولغانلىقتىن، ئۇلار خىتاي تىلىدا بېرىلىدىغان دەرسنى ئاڭلاشتا، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ئەمەس، بەلكى خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى تاللايدىغان ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە HSK ئىمتىھانى كۈچىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇشقا ئۈندىمەكتە. كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلىرى بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئويلاپ، ئۇلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇتۇشقا ھەتتا باشلانغۇچ بىرىنچى سىنىپتىن تارتىپ خىتاي مەكتىپىدە ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.