خىتاي قوزغىغان يېڭى سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى

0:00 / 0:00

رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر دۇنيادا قارشى تەرەپنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلايدىغان، قارشى تەرەپنىڭ كومپيۇتېر سېستىمىسىنى پالەچ قىلىۋېتىدىغان ياكى شەخسىي كومپىيۇتېرلارنىڭ خەلقئارالىق تورغا ئۇلىنىشىنى پالەچ قىلىپ قويىدىغان 'ئىنتېرنېت سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى' داۋاملىشىۋاتىدۇ.

خىتاي تۇنجى بولۇپ سىياسىي، ھەربىي مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن تور ئارقىلىق جاسۇسلۇق قىلىشنى يولغا قويغان دۆلەت

ئامېرىكىدىكى ماكىفېي تور بىخەتەرلىكى شىركىتىنىڭ ساھىپى گرىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىنتېرنېت ئارقىلىق سانائەتكە، شەخسىيلەرگە، ھەتتا دۆلەتكە تەھدىت سالىدىغان جىنايەت سادىر قىلىش مەسىلىسى خەلقئارالىق مەسىلە بولۇپ قالدى. خىتاي بولسا تۇنجى بولۇپ سىياسىي، ھەربى مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن تور ئارقىلىق جاسۇسلۇق قىلىشنى يولغا قويغان دۆلەت.

دۇنيادا ھازىر كۆپىنچە دۆلەت خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى رەت قىلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەربىي دائىرىلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ ئورگانلىرىغا، ھەتتا ئۆزىگە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگىمۇ خاككېر (كومپيۇتېر ۋىرۇسى) كىرگۈزىۋاتىدۇ. دۇنيا ئەمدى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر تەرتىپىگە قويماي مۇمكىن ئەمەس.

خىتاي تور سوغۇقچىلىق ئۇرۇشىنى شەخسىيلەرگىچە كېڭەيتتى

ياۋروپادا چىقىدىغان غەرب شامىلى ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ قارىشىچە، خىتاي قوزغىغان تور سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى ھازىر جىددىيلەشكەن.

دۇنيادا تور جىنايەتچىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش تېخنىكا جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى بىر تۇتاش خەلقئارالىق قانۇنغا مۇھتاج

ئامېرىكىدىكى ئوخايو ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پاكولتېتىنىڭ پروفېسسورى جۇ زىجىڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارادا ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار سىپىر ياكى بەلگىلەر ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارا ئوچۇق ئالماشتۇرىلىدۇ. دۆلەتلەر ئارا ئالماشتۇرۇلىدىغان ھەر خىل ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاپ كېتىش ھازىر دۇنيادا بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۇچۇر ئوغرىلاش خاككېر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئورۇنلىنىۋاتىدۇ.

خاككېر قوللىنىش بىرەر شەخسىينىڭ ئىشى ئەمەس، ئۇ مەلۇم گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتنىڭ مەقسەتلىك خاھىشى. بۇ 'توردا جىنايەت سادىر قىلغانلىق' بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارادا ھازىر بۇنداق تور سوغۇقچىلىق ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇش تېخنىكا جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى بىر تۇتاش خەلقئارالىق قانۇنغا مۇھتاج.

ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن خىتاي قوزغىغان تور سوغۇقچىلىق ئۇرۇشىغا قارىتا قانۇنلۇق تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. (ۋەلى)