خىتاي تۈركىيىدە مال ئىشلەپ چىقىرىش بازىسى قۇرماقچى


2007.09.06

"ھۆرىيەت" گېزىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى سانىدا "خىتاي تۈركىيىدە ئىشلەپ چىقىرىش بازىسى قۇرماقچى" تېمىسىدا بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىدە ئىستراتېگىيە جەھەتتىن تۈپتىن ئۆزگىرىش ئېلىپ بارغانلىقى، تۈرك كارخانىچىلىرى خىتاي ماللىرىنىڭ سۈپەتسىز ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ماللارنىڭ بۇندىن كېيىن تۈركىيىدە ئىشلەپ چىقىرىلىدىغانلىقى يېزىلغان.

كۈرشات تۈزمەن خىتايغا بارماقچى

خەۋەردە يېزىلىشىچە، خىتاي تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر ۋە مەرسىن قاتارلىق 4 چوڭ شەھرىدە مەبلەغ سېلىش بازىسى قۇرۇشقا قارار قىلغان بولۇپ، تۈركىيە تاشقى سودا ئىدارىسى مەسئۇللىرىنىڭ دېيىشىچە بۇ قارار خىتايدا رەسمى ئېلان قىلىنغان ئىكەن. خىتايلار بۇ مەقسەت بىلەن ئۆتكەن ياز ئىككى قېتىم تۈركىيىگە زىيارەت ئېلىپ بارغان.

تۈركىيىنىڭ تاشقى تىجارەتكە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى كۈرشات تۈزمەن بۇ جۈمە كۈنى يەنى 9-ئاينىڭ 8 - كۈنى خىتايدا ئېچىلىدىغان خەلقئارا مەبلەغ سېلىش ۋە تىجارەت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا بارىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي مىنىستىرلىرى بىلەن تۈركىيىنىڭ 4 شەھىرىدە قۇرۇلماقچى بولغان خىتاي ماللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش بازىلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

بۇ بازىنى ئېچىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ ؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ماللىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ دۇنيادا يېيىلىشى تۈركىيىدە خىتاي ماللىرىنىڭ ئېتىبارىغا قاتتىق تەسىر يەتكۈزگەن ئىدى. تۈركىيىدە خىتاي ماللىرى دېگەن ۋاقتىڭىزدا كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا دەرھال سۈپەتسىز، ئەرزان، سالامەتلىككە زىيانلىق مەھسۇلاتلار كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيىگە خىتاي ماللىرىنىڭ كۆپلەپ كىرىشى، تۈركىيىنىڭ بولسا خىتايغا مال ساتالماسلىقى تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادىغا قاتتىق زىيان سالماقتا.

تۈركىيە تاشقى سودا ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2006- يىلى تۈركىيە خىتايدىن 9 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق مال ئىمپورت قىلغان بولۇپ، ئەمما تۈركىيە بولسا خىتايغا پەقەتلا 693 مىليون دوللارلىق مال ساتالىغان. تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىدە داۋاملىق ھالدا زىيان تارتىپ كەلمەكتە. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ تۈركىيىنىڭ 4 چوڭ شەھىرىدە خىتاي ماللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بازا قۇرۇش پىلانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ؟

خىتايلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى تىجارەت تەڭپۇڭسىزلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ھەرخىل ۋەدىلەرنى بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئەمەلگە ئاشماي كەلمەكتە. ئۇنداقتا بۇ بازىنى قۇرۇش قارارى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن پايدىلىقمۇ؟ بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ھېسداشلىقىنى توسۇش ئۈچۈن بۇ خىل ۋەدىلەرنى بېرىش ئارقىلىق ۋاقىت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ( ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.