خىتاي دىپلوماتلار تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.06.30
2010.06.30
RFA Photo / Erkin Tarim
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باش كاتىپى مۇستافا بەستىجى ئەپەندى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 11دە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 1 - كاتىپى شياۋ جۈنجېڭنى قوبۇل قىلدى.
مۇخبىرلارغا يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرە بولغان. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇستافا دەستىجى ئەپەندى، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.