
2008 -يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېقىنلىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە داڭلىق شەخسلەر تەرىپىدىن ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا تەنقىدكە ۋە بېسىمغا ئۇچرىماقتا. ئەمما خىتاي بۇ تەنقىدلەرنى نەزەرگە ئېلىپ بۇنى ياخشىلاش ئورنىغا، ئىچكى قىسىمدا ئۆز خەلقىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلىقلەرگە بولغان بېسىم ۋە تەقىپلىرىنى ئاشۇرۇۋاتقان بولسا، سىرتقا قارىتا تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ئاشۇرماقتا.
خىتاي تەشۋىقاتنى ئالدى بىلەن تۈركىيىدە باشلىدى
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھازىر تۈركىيىدە مانا مۇشۇنداق تەشۋىقات خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار تۈركىيىدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان " جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى" ناملىق كىتاب، "4 پەسىلدە شىنجاڭ ناملىق" رەسىملەر توپلىمى، "شىنجاڭ دېگەن ياخشى جاي" ناملىق بىر يۈرۈش د ۋ د پلاستىنكىسى ۋە "50 يىللىق مۇساپە"، "50 يىللىق ناخشا" ناملىق بىر يۈرۈش ناخشا پىلاستىنكىلىرىدىن تەركىپ تاپقان تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقاتماقتا.
بۇ كىتاب تۈركچە بىلەن بىرلىكتە ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە، نېمىسچە، ياپونچە، رۇسچە، ئەرەبچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلغان. لى شىڭ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن "جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى" ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدا " شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى دېگەن بۇ كىتابتا، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى تارىخى بايان قىلىنىپلا قالماي، بەلكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەر بىلەن قىزىق نۇقتىلار سۆزلىنىدۇ.
بۇ كىتاب شىنجاڭ تارىخىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەر ۋە دەلىل - ئىسپاتلىق ماتېرىياللارغا ئاساسەن تۈزۈلدى" ، دەپ يېزىلغان. كىتابتا ھۇنلار مەزگىللىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقىتىكى تارىخلار بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، كىشىلەرنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. كىتابنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ ئاڭلىتىلغان قىسمىدا بولسا، 1933- يىلىدا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىگە بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت دەپ باھا بېرىلگەن. ئەڭ ئاخىرىدا" 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ شىنجاڭدا يۈز بەرگەن تېررور پائالىيەتلىرى" دېگەن تېما ئاستىدا يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تېررور ۋەقەلىرى دەپ بايان قىلىنغان.
رەسىملەر توپلىمىدىكى بىچارە ئۇيغۇرلار

"4 پەسىلدە شىنجاڭ" ناملىق رەسىملەر توپلىمىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تاغ- دەريالىرى، كەڭ كەتكەن يايلاقلىرى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىلىرى 4 پەسىلدىكى ھالىتى بىلەن بېرىلگەن بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ، ئالتاي، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ مەنزىرىلىرى ۋە ئۇ يەردىكى تارىخى يەرلەرنىڭ رەسىملىرىمۇ بېرىلگەن. بۇ رەسىملەر توپلىمىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەرسە شۇكى، رەسىملەر توپلىمىنىڭ باش قىسمىدا خىتايلار بېرىلگەن.
بىرىنچى بېتىدە بىر ئەر - ئايال خىتاينىڭ سايرام كۆلىنىڭ بويىدا گۇمپا مەشىق قىلىۋاتقان رەسىمى، ئارقىسىدا كىچىك خىتاي قىزىنىڭ كەپتەرلەرگە يەم بېرىۋاتقان رەسىمى، ئۈچىنچى بېتىدە بولسا، بىر خىتاي دېھقاننىڭ ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان رەسىملىرى بېرىلگەن. ئاندىن قالسا يايلاقتىكى موڭغۇل خەلقىنىڭ رەسىملىرىگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر بوۋاي ۋە ئۇيغۇر ياش بالىلىرىنىڭ رەسىملىرى ئىككى بەتلا بېرىلگەن. ئارقىدىن تاتار، داغۇر، رۇس، خۇيزۇ، تاجىك، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ رەسىملىرىگە كەڭتاشا يەر بېرىلگەن.
تېخىمۇ قىزىقارلىقى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ رەسىملىرىدە خىتايلار تىرىشىپ ئىگىلىك يارىتىۋاتقان، رەتلىك كىيىنگەن، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىۋاتقان رەسىملەر بىلەن كۆرسىتىلگەن. قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە تاتارلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشكەن ھالدا يايلاقلاردا، تولىمۇ گۈزەل بېزەلگەن كىگىز ئۆيلىرىنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتىۋاتقان، ئات چاپتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىنساننىڭ ئىچىنى يورۇتىدىغان گۈزەل رەسىملەر بىلەن ئۇلارنىڭ ھاياتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىدە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى ۋە مىللىي بىناكارلىق سەنئىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۆيلىرىدىن ئەسەرمۇ يوق بولۇپ، پەقەت ھېلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان توپىلىق بىر ئۆي ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بىر ئۆي بىچارە كىشىلەر ، توپا ئۆينى سېلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئۈستى - بېشى لاي- پاتقاققا مىلىنىپ كەتكەن ئادەملەر، مال بازىرىدا كالىلارنى يۆلەپ قارا ماشىنىغا چىقىرىۋاتقان جاپاكەش كىشىلەرنىڭ رەسىملىرى بېرىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
خىتاي نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى
ئۇنداقتا ، خىتايلار بۇ خىل تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تۈركىيىدە تارقىتىش ئارقىلىق زادى نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇنداق رەسىملەر بىلەن تەسۋىرلىشى قەستەن قىلىنغان بىر ئىشمۇ ياكى بۇ بىر تاسادىبىرلىقمۇ؟ خىتايلارنىڭ پۈتۈن دۇنياغا بۇنداق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىقمۇ ياكى پايدىسىزمۇ؟
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىغان ئىنكاسلارغا قۇلاق سېلىڭ.