خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى نەشىر قىلىدىغان 3 مۇھىم ژۇرنال ئېنگلىزچە نەشرى بىلەن تۈركىيىدە تارقىتىلىشقا باشلىدى. Beijing Review بېيجىڭغا نەزەر،China Today بۈگۈنكى جۇڭگو ۋە China Pictorial جۇڭگو رەسىملىك ژۇرنىلى قاتارلىق ژۇرناللار 7-ئايدىن باشلاپ تۈركىيىدە سېتىلىشقا باشلىدى.
خەۋەردە يېزىلىشىچە، خىتايدا نەشىر قىلىنىدىغان بۇ ژورناللارنىڭ تۈركىيىدە سېتىلىشى تۈركىيىدىكى دوغان - بۇردا ژۇرنالچىلىق گۇرۇپپىسى ۋە تۈركىيە- خىتاي ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇق مەركىزى TUKEM نىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. خەۋەردە يېزىلىشىچە يەنە، بۇ ئىككى ئورۇن ژورناللارنى بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ تۈرك تىلىدا نەشىر قىلىپ تارقىتىشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.
خەۋەردە يەنە، تۈركىيىدە 10 لىرادىن سېتىلىۋاتقان China Pictorial ژۇرنىلى خىتاي مەدەنىيىتىنى، خىتاي تارىخىنى، جۇغراپىيىسىنى ۋە ساياھەت رايونلىرىنى بىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن تەييارلاندى، دەپ يېزىلغان ۋە بۇ ژۇرنالغا مۇشتىرى بولۇشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن ئالاقىلىشىش ئادرېسى بېرىلگەن.
يېقىندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى بۇنداق كۈچەيتىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. مەسىلەن، تۈركىيىدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئورتاقلىشىپ خىتاي مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزى ئاچماقچى بولغانلىقى، تېخى يېقىندىلا يۆن رادىئوسىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىشكە باشلىشى ۋە ئەمدىلىكتە بۇ ژورناللارنىڭ تۈركىيە بازىرىغا كىرىشى نېمىنىڭ ئىپادىسى؟ بەزىلەر بۇنىڭ ياخشى بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى دېيىشسە، يەنە بەزىلەر خىتاينىڭ تۈركىيىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. (ئەركىن تارىم)