خىتاي - تۈركمەنىستان تەبىئىي گاز كېلىشىمى كەلگۈسىدە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن


2007.01.29

turkmenistan-sepermurat.jpg
تۈركمەنىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوپ. AFP

تۈركمەنىستان، ئېنېرگىيە ئاچلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە سىياسىتىدىكى مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

نىيازوپ بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەر

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوف 2006 - يىلى دېكابىردا تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇشتىن 6 ئاي بۇرۇن خىتايدا ئېلىپ بارغان بىر زىيارىتىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن تەبىئىي گاز سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشنى قارار قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولسا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ياتقۇزۇلىدىغان بۇ گاز تۇرۇبىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئۆتكىلى بولاتتى. لېكىن نىيازوفنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىدىن كېيىن، تۈركمەنىستاننى ئىدارە قىلىدىغان يېڭى رەھبەرلىكنىڭ خىتاي - تۈركمەنىستان تەبئىي گاز كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى شۇنداقلا تۈركمەنىستاندا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامدايدىغان يېتەرلىك تەبئىي گاز زاپىسى بار- يوقلىقى كىشىلەرنى گۇمانغا سالىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.

نىيازوفنىڭ ئورنىغا تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى، دەپ قارىلىۋاتقان نامزاتلارنىڭ بىرى، مۇۋەققەت پرېزىدېنت بەردىمۇھەممەدوف، تۈركمەنىستاننىڭ خىتايغا تەبئىي گاز ئېكسپورت قىلىش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

نىيازوف شۇ قېتىمقى 6 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن خىتايغا تەبئىي گاز ئېكسپورت قىلىش ۋە تۈركمەنىستان - خىتاي ئارىسىدا تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشنى كېلىشكەن ئىدى. نىيازوف، ئەينى چاغدا 2009 - يىلدىن باشلاپ خىتاينى يىلىغا 30 - 40 مىليارد كۇپ مېتىر تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ نىيازوف خىتايلار بىلەن ئىمزالىغان بىردىن - بىر كېلىشىم ھېسابلانمايتتى. ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى تۇرۇش كېلىشىمى نىيازوفنىڭ شۇ قېتىمقى سەپىرىدە خىتايلار بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىملەرنىڭ بىرىدۇر.

تۈركمەنىستاننىڭ ئالدىدىكى تاللاش

رۇسىيىلىك ئانالىزچىلار، نىيازوف خىتاينى تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركمەنىستان كىمنى ئالدى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە 2009 - يىلى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرىنى تاللىۋىلىشقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. نۆۋەتتە تۈركمەنىستان رۇسىيىگە ھەر مىڭ كۇپ مېتىر تەبىئىي گازنى 100 دوللارغا سېتىۋاتىدۇ شۇنداقلا رۇسىيە بولسا بۇنى تېخىمۇ قىممەت باھادا ئۇكرائىنىيىگە ساتماقتا.

رۇسىيىلىك ئانالىزچىلارنىڭ ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا ئەسكەرتىشىچە، رۇسىيە بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدا ئىمزالانغان تەبئىي گاز سودا كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى 2009 - يىلى توشقاندىن كېيىن، تۈركمەنىستاننىڭ تەبئىي گاز بايلىقىنى ئالدى بىلەن كىمگە ساتىدىغانلىقى ھازىرچە سىر بولۇپ كەلمەكتە. رۇسىيىلىك ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تۈركمەن گازىنى تالىشىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولمىسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىدە تۈركمەن گازىنى تالىشىش رىقابىتى كۈچىيىشى مۇمكىن.

ئانالىزچىلار، تۈركمەنىستاندا نىيازوفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ئۆتكۈنچى دەۋردە ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغان دۆلەت ئۇكرائىنىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر تۈركمەنىستان يېڭى ھۆكۈمىتى رۇسىيىگە ساتىدىغان گازنىڭ باھاسىنى تەڭشىسە، بىرىنچى بولۇپ زىيان تارتىدىغان دۆلەت ئۇكرائىنىيە بولۇپ قالىدىكەن. لېكىن يەنە بەزى ئانالىزچىلار، تۈركمەنىستان - خىتاي رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش پىلانىنى قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركمەنىستاننىڭ خىتاينى تەمىنلەشكە يېتەرلىك تەبئىي گاز زاپىسى بار - يوقلۇقىدىن گۇمان قىلماقتا.

تۈركمەنىستان يېتەرلىك گاز بارمۇ؟

تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن نېفىت ۋە تەبئىي گاز مىنىستىرى نۇرىيېف، بۇ يىل 2 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركمەنىستان پرېزىدېنت سايلىمىدىكى نامزاتلارنىڭ بىرى. ئۇ، يېقىندا غەربىي تۈركمەنىستاندىكى بىر تەبئىي گاز قاتلىمىدىن دەسلەپكى قەدەمدە بىر ترىليون 700 مىليارد كۇپ مېتىر تەبئىي گاز زاپىسى بايقالغانلىقىنى جاكارلاپ، ئەمەلىيەتتىكى تەبئىي گاز زاپىسىنىڭ بۇنىڭدىن 20 ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكى شۇنداقلا بۇ گاز قاتلىمى كەلگۈسىدە خىتاينى تەمىنلەيدىغان گاز قۇدۇقلىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەر يەنىلا تۈركمەنىستاننىڭ خىتاينى تەمىنلەيدىغان يېتەرلىك تەبئىي گاز زاپىسى بار ‏- يوقلۇقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۈركمەنىستاننىڭ تەبئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يېقىنقى يىللاردىن بېرى يىلدىن - يىلغا ئازايغان شۇنداقلا قىدىرىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى توختاپ قالغان. نۆۋەتتە تۈركمەنىستان يىلىغا ئاز كەم 60 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ 40 مىليارد كۇپ مېتىرىنى رۇسىيە سېتىۋالماقتا. بۇ ئانالىزچىلار، تۈركمەنىستاننىڭ خىتاينى تەمىنلەشكە يېتىدىغان تەبىئىي گاز زاپىسى بار- يوقلۇقىغا گۇمان بىلەن قاراۋاتقانلىقىنىڭ بىر سەۋەبىدۇر.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نىيازوف ھايات ۋاقتىدا تۈركمەن گازىنى رۇسىيىنىڭ پۈتۈنلەي ماناپول قىلىۋېشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، خىتايغا 2009 - يىلدىن باشلاپ تەبئىي گاز ئېكسپورت قىلىش ۋەدىسىنى بەرگەن شۇنداقلا خىتاي بىلەن رۇسىيىنى رىقابەتكە سالسا، تۈركمەن گازىنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ، دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.